شېكەرنىڭ ئۆزى تاتلىق، زىيىنى ئاچچىق
شېكەر ، ياغ ۋە ئاقسىل
ۋۇجۇدنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شېكەر ئىنساننىڭ
ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا ئەڭ تىز سۈرەتتە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئىلمېنىتتۇر. دۇنيادىن
ئىبارەت بۇ چوڭ دىۋىنىڭ ھەرىكەت قىلىشى خۇددى نېفىتكە باغلىق ھالغا كېلىپ قالغانغا
ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن جېدەلنىڭ مەنبەسى نېفىت بولغانغا ئوخشاش ئىنساندىن ئىبارەت بۇ
كىچىك دىۋىمۇ شېكەرگە خۇمار بولاقلىق ۋە ھازىرقى پۈتۈن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ
« ئاق ماددا » دۇر. نېفىت بايقىلىشتىن بۇرۇن دۇنيا توختاپ قالماي ئۆز ئوقىدا
ئايلانغان بولسا، ئىنسانلىق تېخى مىلادى 350 - يىلدىن بۇيان شېكەر قومۇشىنىڭ
سۈيىنى پارغا ئايلاندۇرۇپ كىرستال شېكەر ياساشنى بايقاشتىن بۇرۇنمۇ ئۆلۈپ قالماي
زامانىۋى ئىنسانلاردىن تېخىمۇ ساغلام ياشاپ كەلگەن ئىدى. دەسلەپكى مەزگىلدە شېكەر
ئىشلەپچىقىرىش ئۇ قەدەر جاپالىق ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۇ قەدەر ئاز بولغاچقا،
ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن قاراتەنلىكلەر قۇل قىلىنىپ ئىنسانلىق دەپسەندە قىلىندى ۋە بۇ
ئاق ئالتۇن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەردە سان- ساناقسىز قىزىل قانلار تۆكۈلدى.
بۇرۇن بايلىقنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ شېكەر كەمبەغەللەرنىڭ چۈشى بولۇپ، تاكى ئىنسانلار 1970-يىللاردا زاۋۇتلاردا ئەزان باھالىق، ئاسان
ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋە تېخىمۇ تاتلىق بولغان كۆممىقوناق قىيامىنى ياساشنى
ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ چۈشى رېئاللىققا ئايلىنىشقا باشلىدى. خۇددى بىر يازغۇچى
دېگەندەك « كەمبەغەلنىڭ ئاغزى شېكەردىن تاتلىق بولغانغا قەدەر، شېكەر باينىڭ
سۈدىكىدىن ئاچچىق ئاقماقتا ئىدى (شېكەر كېسىلى تۈپەيلى ) ». ئەمما
« كەمبەغەلنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكەندە بۇرنى قاناپتۇ » ، « ئەسكى تامدا
قۇشقاچ تولا ، كەمبەغەلدە پۇتلاش » دېگەندەك، بۇ شېكەر ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنسانلارنىڭ
شىرىن چۈشىدىن ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان قاباھەتلىك چۈشكە
ئايلاندى. ئىنسانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن
ساغلام ئىدى، شېكەر - شىرىن چۈش كۆردى ۋە ئويغانغاندا ئاللىقاچان كېسەل بولۇپ
بولغان ئىدى. پەقەت ئارىلىقتا ئۆزگەرمىگەن بىر ھەقىقەت بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ
بۇرۇن شېكەر قانداق پۇل تېپىشنىڭ، بايلىق توپلاشنىڭ قورالى بولغان بولسا، ھازىرمۇ
ئوخشاش مەقسەتلەرگە خىزمەت قىلۋاتقانلىقىدۇر. بۇرۇن بۇ يولدا ئوچۇقتىن ئوچۇق قان
تۆكۈلگەن بولسا، ھازىر بۇ ئىشلار قان تۆكمەستىن مەخپىي ۋە « پاكىز » ئىلىپ
بېرىلماقتا.
شېكەرنىڭ كەسپى
ئاتالغۇلاردىكى ئىسمى كاربوھىدرات ( Carbohydrate ) بولۇپ، ئوخشاشمىغان فىزىكىلق شەكىل ۋە پەرقلىق خىمىيەلىك
تەركىبىگە ئىگىدۇر. مەسىلەن ئۇن ، گۇرۇچ ،
نان ، مېۋە - چىۋە ، پېچىنە - پىرەنىك ۋە چاقماق قەنتلەر قاتتىق ھالەتتىكى
كاربوھىدراتقا ۋەكىللىك قىلسا، مېۋە سۇلىرى ، سوغۇق ئىچىملىكلەر، ھەسەل ۋە
مۇراببالاردا كاربوھىدرات سۇيۇق شەكىلدە مەۋجۇتتۇر. گلۇكوزا ( Glucose ) شېكەر قومۇشى ۋە تاتلىق ياڭيۇدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بەش
كاربونلۇق، تاق مولېكۇلىلىق كاربوھىدرات بولۇپ، بىز نورمال دەۋاتقان شېكەر بۇ
گلۇكوزىدىن ئىبارەتتۇر. مېۋە شېكىرى ( Fructose )
ئىسىمدىن كۆرۈلۈپ تۇرغاندەك مېۋە - چىۋىلەردىكى ئاساسلىق كاربوھىدرات بولۇپ ، مېۋە - چىۋىلەردىن باشقا ھەسەل، قوناق
شەربىتى ۋە سۈنئىي شېكەرلەرنىڭ تەركىبىدە مەۋجۇت بولغان ئالتە كاربونلۇق
شېكەردۇر. « مېۋە بەك مۇھىم ئەمەس » ۋە «
مېۋە يېيىشتىن ئاۋۋال» دېگەن يازمىلاردا دەپ ئۆتۈلگەندەك، مېۋە شېكىرىنىڭ ھەم
تۈزۈلۈشى ھەم بەدەندىكى مېتابولىزمى باشقا شېكەردىن پەرقلىق. فرۇكتوزا بەدەنگە
كىرگەندىن كېيىن، بەدەن ئۇنىڭدىن بىۋاستە پايدىلانمايدۇ. فرۇكتوزا ئاۋۋال جىگەردە
( Triglycerid ) ترى گلىتسېرىدقا دېگەن ياغقا ئايلىنىپ ئەگەر ئېھتىياج
تۇغۇلغاندا تەكرار شېكەرگە ئۆزگىرىدۇ.
مېۋە شېكىرىگە بولغان ئېڭىمىزنىڭ سۇسلىقى، ئەپسۇس جىگەرنىڭ مايلىشىشىغا،
ئاستا خاراكتېرلىك فرۇكتوزا ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسى بىلەن زەھەرلنىش بىلەن بەدەندە
تاش ۋە مىكروبسىز ياللۇغقا سەۋەب بولىدۇ. يەنى ئوخشاش شېكەردەك كۆرۈنسىمۇ مېۋە
شېكىرى گلۇكوزدىن ھەسسىلەپ زىيانلىق. گالاكتوزا ( Galactose ) ئۆسۈملۈكلەردە ، لاكتوزا ( Lactose ) بولسا كالا سۈتلىردە
بار بولغان سۇت شېكىرىدۇ. ئاشلىقلاردىكى شېكەرنىڭ ئىسمى مالتوزا ( Maltose ) يەنى ئارپا ئۈندۈرمە
شېكىرى بولۇپ، ئىككى مولىكۇلا گلۇكوزدىن تۈزەلمەكتە. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا
ئىشلىتىلىدىغان شېكەرنىڭ ئىسمى ساخاروزا ( Sucrose ) بولۇپ، بىر مولىكۇلا مېۋە شېكىرى ۋە بىر مولىكۇلا گلۇكوزدىن
مەيدانغا كەلمەكتە. ھازىرقى يېمەك سانائىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆممىقوناق
قىيامى بولسا، قوناق كراخمالدىن ياساپ چىقىلىدىغان سۈنئىي بىر شېكەردىن ئىبارەت
بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك سانائىتىدىكى بۈيۈك « بايقاشتۇر».
يېمەك - ئىچمەكلەر ئىستېمال
قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى شېكەرلەرنىڭ قانغا ئۆتەش تېزلىكىگە يەنى
تاتلىقلىق كۆرسەتكۈچىگە ( Glycemic index )
ئاساسەن ئاز تاتلىق ( Gi: 0
-50 ) ، ئوتتۇرا تاتلىق ( Gi : 50- 70 ) ۋە بەك تاتلىق ( Gi: 70-100 ) دەپ ئۈچكە ئايرىيمىز. مەسىلەن، لىموننىڭ تاتلىقلىق كۆرسەتكۈچى 0
بولسا، ناننىڭ 85 ، چاقماق قەنتنىڭ بولسا 100 دۇر. يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ تاتلىقلىق كۆرسەتكۈچى
قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇ ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن تىز سۈرەتتە سۈمۈرۈلۈپ قان
شېكىرى قىسقا ۋاقىتتا يۈكسىلىپ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىمۇ تۇيۇقسىز چوققا پەللىسىگە ئۇلىشىدىغان
بولغاچقا، بۇ ئەھۋال ئىنسانلارنىڭ بەدىنى ئۈچۈن زور زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بەدەندە تاماقتىن كېيىن ئېغىرلىشىپ
كېتىدىغان، ئۇيقۇسى كېلىدىغان ، يەپ تويمايدىغان، تاماق يەپ 2 سائەت ئۆتمەيلا
قوساق ئاچىدىغان، پۇت - قولى تىترەيدىغان، ماغدۇرسىزلىنىپ ئايلىنىپ كېتىدىغان،
يۈرىكى سالىدىغان بئارامسىزلىقلار پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خۇددى تاتلىق
نەرسىلەرنى تۇتقان قولىمىز شالتاق بولىدىغانغا ئوخشاش، شېكەر بەدەن ھۈجەيرىلىرىدىكى ئاقسىللارغا
چاپلىشىپ ئۇلارنى شالتاق ۋە چاپلىشاڭغۇ قىلغاچقا، ھۈجەيرىلىرمىز نورمال خىزمىتىنى
جارى قىلدۇرالمايدۇ ۋە كېسەللىكلەر باشلايدۇ. بىز كىلىنىكىدا دىئابىت كېسەللىرىدە
ھۈجەيرىلەرنىڭ شالتاقلىق دەرىجىسىگە قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە يېپىشقان شېكەر مىقدارى
بىلەن ( HbA1c ) ئۈچ ئايدا بىر باھا بېرىمىز. نورمال كىشىلەرنىڭ HbA1c سى يۈزدە 5 تىن تۆۋەن بولىشى كېرەك. ئەگەر بۇ قىممەت يۈزدە 6.5
تىن يۇقىرى بولغانلارغا دئىابىت دىئاگونىزى قويۇلىدۇ. HbA1c دە %1
يۈكسىلىش دېمەك، ھۈجەيرىلەر يۈزدە بىر
تېخىمۇ شالتاقلاشتى دېگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يۈرەك تىقىلمىسدا %15
، ئۆلۈم نىسبىتىدە %27 ئاۋۇش مەيدانغا كېلىدۇ.
شېكەر گەرچە ئاغزىمىزنى تاتلىق قىلغان بىلەن،
ئاڭسىز ئوزۇقلىنىش نەتىجىسىدە ۋۇجۇدىمىزنى شېكەر بىلەن بومباردىمان قىلساق، ھەرخىل
كېسەللىكلەر تۈپەيلى ھاياتىمىز ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا شېكەردەك تاتلىق گەپ
قىلساق قىلايلى، ئەمما شېكەر يەپ بەدىنىمىزنى ئاچچىق
قىلمايلى!