سۈنئىي شېكەر بوينىمىزغا سېلىنغان تاسما كەمەر

 شېكەرنىڭ تەبئىي مەنبەلىرى بولغان ھەسەل، شېكەر قومۇشى، تاتلىق ياڭيۇ ۋە مېۋە - چېۋىلەرمۇ ئىنسانلارنىڭ « يامان » نىيەتلىرى تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك قولى تەگكەندىن بۇيان تەبىئىيلىكىنى يوقىتىشقا باشلىدى. يازدا گۈل- چېچەكلەرنىڭ بەرگىلىرى، قىشتا ئۆزى ياسىغان ھەسەللەر بىلەن ئەمەس، سۈنئىي گۈل تالقانلىرى ۋە شېكەر شىرنىلىرى بىلەن بېقىلغان ھەرىلەردىن ھاسىل بولغان ناتەبىئىي  ھەسەل،  ساغلاملىققا شىپا ئەمەس جاپا بولۇشقا باشلىدى.   خىمىيەلىك ئوغۇت ۋە ھەرخىل ھورمون ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن ھازىرقى تاتلىق ياڭيۇ ۋە مېۋە - چېۋىلەر بۇرۇنقىدىن ھەسسىلەپ يوغان ۋە تېخىمۇ تاتلىق. ئادەتتە تەبئىي شېكەرنىڭ رەڭگى قارامتۇل بولۇپ، ئىنسانلار شۇئان پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى كۆزلەپ قارا شېكەرنى گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد   بىلەن ئاقارتماقتا ياكى ئاق شېكەرگە تەبىئىيلىك ماسكىسى تاقاش ئۈچۈن قارايتماقتا. بۇ قىلمىشلار گەرچە شېكەرنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتكەندەك ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قارىيىپ كەتكەن ۋىجدانلىرىنىڭ سىرىتقا ئەكىس ئېتىش ھالىتىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس، خالاس. ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قارا نىيەتلەرنىڭ مەھسۇلاتى بولغان تەبىئىيدەك كۆرۈنگەن  بۇ شېكەرلەرمۇ، ئەسلىدە ئىنسانلارنى كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىۋاتقان زەھەرلەردۇر.

تېخىمۇ كۆپ پايدا تېپىشقا بولغان ئىنتىلىش ۋە ئارزۇ- ئىستەك شىركەتلەرنىڭ كۆممەقوناقتىن قوناق قىيامى ياساشتىن ئىبارەت بۈيۈك بايقاشنى تېپىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. قوناق قىيامىنىڭ ياسىلىشى ۋە توشۇلۇشى تېخىمۇ ئاسان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ تاتلىق. ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى مېۋە شېكىرى ۋۇجۇتتا ئەڭ ئاسان ياغقا ئايلىنىدىغان بولغاچقا، سالامەتلىككە تېخىمۇ زىيانلىق. تىجارىي مەنپەئەتنى ساغلاملىقتىن ئەلا بىلىدىغان سودىگەرلەر، بىكارلىق زەھەر بولسا يەپ ئۆلەي دەيدىغان خېرىدارلار كۆپ بولغاچقا، تەبئىي  قوناقتىن ياسالغان قوناق قىيامىمۇ تەلەپنى قاندۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن مودا، مەھسۇلات مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناققا يۈزلەندى. بۇ قوناق قىيامىنىڭ ساغلاملىققا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى بولغاي، بەزى پۇقرالىرىنى « سۆيىدىغان » دۆلەتلەر قوناق قىيامىغا چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق خەلقلەرنىڭ ئاز مىقداردا بولسىمۇ زەھەر يۇتۇشىغا كۆز يۇمدى. قوناق قىيامىغا بېكىتىلگەن چەكلىمە ئامېرىكادا 2% ، فرانسىيەدە 0.4% بولسا ، تۈركىيەدە تېخى ئەمدىلىكتە 5 %كە چۈشۈرۈلدى.  ئەگەر بۇ گېنى ئۆزگەرتىلگەن مەھسۇلاتلارغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بولۇشقا قىزىقسىڭىز « گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە بەدەن ساغلاملىق » ، « گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلارنىڭ زىيىنى يوقمۇ؟» تېمىلاردىكى يازمىلارغا نەزەر تاشلاڭ.

كۈندۈزى ئويلايدىغىنى پايدا، چۈشىدە كۆرىدىغىنى بايلىق بولغان، ئىنسان ساقلىقى ۋە ئۆلۈمنى ئەقلىنىڭ ئۇچىغا كەلتۈرۈپ قويمايدىغانلار،  كېچە - كۈندۈز « تىرىشچانلىقنىڭ» نەتىجىسىدە بۇ ئىشنىڭ ئەڭ ئاسان يولىنى تېپىپ چىقتى. يەنى سۈنئىي شېكەرلەرنى تەجربىخانلار ۋە زاۋۇتلاردا ھىچ قىينالماي ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. بۇ سۈنئىي شېكەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئەشەددى تاتلىق بولۇپ، ئاسپارتام ( Aspartame  ) نورمال شېكەردىن 200 ھەسسە تاتلىق بولسا، ساخارىن ( Saccharine ) 300 ھەسسە تېخىمۇ تاتلىق. بۇلاردىن بىر قوشۇق بىلەن نورمال شېكەردىن بىر خالتا ئىشلەتكەنگە تەك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئاسپارتامنىڭ تەركىبىدە ئوخشاشمىغان مىقداردا ئاسپارتىك كىسلاتا (aspartic acid ) ، فېنىلالانىن (phenylalanine ) ۋە مېتىل ئىسپىرت (methyl alcohol )  بار بولۇپ، بۇلار ئىنسانلارنىڭ ئىچ ھورمون تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى بولماقتا. گەرچە دورا شىركەتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئاسپارتامدىن ئىبارەت بۇ سۈنئىي شېكەرنىڭ  ساغلاملىققا زىيىنى يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ،  مۇستەقىل ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردە ئاسپارتامنىڭ نۇرغۇن كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە باش ئاغرىقى، ئۇنۇتقاقلىق، ھەرخىل بوغۇم ۋە مۇسكۇل ئاغرىقى، سېمىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ئاسان ھېرىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىدا ئاجىزلاش، قۇلىقى غوڭۇلداش،  يۈرەك سىلىش، نەپەس سىقىلىش ۋە ئەڭ مۇھىمى راك قاتارلىقلار بار. « تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن » دېگەندەك دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نۆۋەتتە « ئاسپارتام ئىنسان بەدىنىدە راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن » دەپ جاكارلاشقا ھازىرلىنىۋاتىدۇ. ئەمما « ئاتتىن چۈشكەن ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ » دېگەندەك  ئۇلارغا ئاساسلانغاندا، مەلۇم مىقدارنىڭ ئاستىدىكى ئاسپارتام بىخەتەرمىش. ماقۇل، بۇ دېگەنلىرىنى توغرا دەپ قوبۇل قىلساقمۇ، ئەمەلىي ھاياتتا ئاسپارتام تېتىتقۇسى قېتىلمىغان بىر نەرسە تېپىش مۇمكىن بولمىغان بۇ دۇنيادا نورمال ئىنسان قانداق قىلىپ ئۇلار دېگەن ئۇ مىقدارغا دىققەت قىلالايدۇ؟ ماقۇل دىققەت قىلدىمۇ دەيلى، بۇ مىقداردا راك پەيدا قىلمايدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى كىم بېرەلەيدۇ؟ بۇلارغا كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۆزى بىر نېمە دېسۇن!

شېكەر بولۇپمۇ بۇ سۈنئىي شېكەرلەر راستلا ئاق تاماكىدەك ئىنسانلارنى ئۆزگە خۇمار قىلىدۇ. خۇمار بولغان بەدەن شېكەرلىك نەرسىلەرنى كۆڭلى تارتىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ، تاپالمىغاندا تەشۋىشلىنىدۇ. ئۈستىلىك بۇ يېمەك - ئىچمەك قىلمىشنى پەردازلاش ئۈچۈن نۇرغۇن چىرايلىق باھانىلەر ئويدۇرۇپ چىقىپ ئۆزنى ئالداشقا تىرىشىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئىنسانلار  شېكەرگە خۇمار بولۇش بىلەن ئۆز بويۇنىغا بىر كۆرۈنمەس تاسما كەمەر تاقاپ ۋە بۇ تاسمىنى ئۆز قولى بىلەن باشقىلارغا تۇتقۇزۇش ئارقىلىق  ساغلام ياشاش ئەركىنلىكى ، دوختۇر- دوختۇرخانىغا بېقىندى بولۇپ قالماسلىقتەك مۇستەقىللىق قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان قەدرىيەتلەردىن مەھرۇم بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر ھالەتتە ياشىماقتا. شۇڭا شۇنى تەكرار تەكىتلەيمىزكى: ساغلاملىق ئەركىنلىك بولسا، تەبىئىيلىك مۇستەقىللىقتۇر.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى