شېكەر بىلەن نەسىللەر بولماقتا بەتتەر

 بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ساغلام ئەۋلادلارنىڭ ئىزچىللىقى ۋە غايىلەرنىڭ يېڭى ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئالىي غايىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن، بىر ئىنساننىڭ چەكلىك ئۆمرى يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇلارنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش، كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭمۇ بۇ مىراسقا ئىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ماددىي ۋە مەنىۋى كېسەللىكلەر ھەرتەرەپنى قاپلىغان، ئىنسانلار شەخسىي بىتابلىقى سەۋەبىدىن،  كوللېكتىپ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ، ئىنسانلارغا ھەقىقەتلەرنى خىتاب قىلىشتىن ئاجىز قېلىۋاتقان بۇ دەۋىردە،  كىيىنكى ئەۋلادلارغا گۈزەل ئەخلاق ۋە  ساغلاملىق مىراس قالدۇرۇپ كېتىش،  بىر ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتلەر ئۈستىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى بولۇپ قالدى. ئاتا - بوۋلىرىمىزغا ، ئۆزىمىزگە ۋە ئەۋلادلارغا بىر نەزەر تاشلايلى! ئاتا - بوۋلىرىمىزدىكى ساغلام ۋۇجۇد، تەڭرى تېغدەك تىك قەددى - قامەت ، قارغايلارغا خاس گۈزەل سۆلەت ، بىر- بىرگە بولغان مېھرى - مۇھەببەت، تىللارغا داستان ئەخلاق - پەزىلەت ۋە كېلەچەككە بولغان ئۈمىت بىزدە يوق. كۆپىنچىمىز يېشى  50  بارماي چاچلار چۈشكەن ، بەللەر مۈكچەيگەن ، قورساقلار تومپايغان ، تومۇرلار تارايغان، كېسەللىكلەر بەدەننى قاپلىغان، ئىنسانلاردىن توختىماي قاخشىغان بىر ھالەتتە ياشاپ كېتىۋاتىمىز. ئەۋلادلارغا قارساق تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپ ئانا قورسىقىدا نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولغان، كىچىك تۇرۇپ قوساق سالغان، سېمىزلىككە مۇپتىلا بولغان، دىققىتىنى يىغالمايدىغان، يېرىدە جىم تۇرالمايدىغان، ھاياتىدىن ئاسان خۇشال بولالمايدىغان ۋە رېئال دۇنيادىن مۇناسىۋىتىنى كەسكەن بولۇپ، ئەگەر مۇشۇنداق داۋام قىلسا بىزنىڭ يېشىمىزغا بارغىچە بىزدىن بەتتەر بولىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ بەدەن ساپامىزدىكى  < تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش > لارنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى،  دەۋرنىڭ بىزگە تېڭىۋاتقان تەبىئىيتىمىزدىن يىراق ، تەبىئىيلىكتىن خالىي يېمەك - ئىچمەك قېلىپى ۋە ناتەبىئىي تۇرمۇش ئادىتىدۇر. ئەمما ھەممىنى دەۋرگە ۋە باشقىلارغا دۆڭگەشلىكمۇ قوڭالتاقلىق بولۇپ،  ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم . چوڭ گەپ قىلىش ئۈچۈن باشتا ئوڭ ئىشلارنى قىلىش، توڭ قىلمىشتىن قىچىش كېرەك. 

يەنە بىر قېتىم تەكىتلىسەك، ھازىرقى كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ  مۇھىم سەۋەبى، شېكەر ۋە ھەرخىل تېتىتقۇلار بىلەن بومباردىمانغا ئۇچراۋاتقان ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ۋە ھەرىكەتتىن يىراق ناتوغرا تۇرمۇش شەكلىمىز بولۇپ، شېكەر ھەقىقەتەن ئاغزىمىزنى تاتلىق ، ساقلىقىمزنى شالتاق قىلماقتا. مەيلى ئۆزىمىزدە ياكى پەرزەنتلىرىمىزدىكى نۇرغۇن بەدەن ۋە روھ كېسەللىكلىرى شېكەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شېكەرنىڭ ئەڭ تاتلىق زەھەر ۋە بوينىمىزغا سېلىنغان تاسما كەمەر ئىكەنلىكىنى ئالدىنقى يازمىلاردا تەكىتلەپ ئۆتتۇق. شېكەر ھەقىقەتەن نەسىللارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئېتىلغان بىر ئاق ۋە ئاۋازسىز ئاتوم بومبادۇر. يېمەك - ئىچمەكتىكى يۇقىرى شېكەر مىقدارى  بىزنى ئەڭ ئاۋۋال سېمىزلىككە مۇپتىلا قىلىپ، ئاخىردا بىزنى ئاستا- ئاستا ئۆزلىگىمىزدىن پارتلاشقا زورلىماقتا. سېمىزلىك سەۋەبىدىن تېشىمىزدا ئىشتانلارنىڭ بېلى ۋە ئېغى يىرتىلسا، ئىچمىزدە قان - تومۇرلىرىمىز پارتىلىماقتا. بۇ پارتىلاشتىن يېيىلغان ئېس - تۈتەك  پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىپ ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا ئاپەت بولماقتا. ئىشنىڭ ئەڭ چاتاق تەرىپى شۇكى،  سېمىزلىك كىچىك بالىلارغا قەدەر يېتىپ بارغاچقا، بىچارە بالىلار ھايات سەپىرىنى پەرقلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆلەڭگىسىدە باشلاشقا مەجبۇر بولماقتا. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى  ( CDC ) نىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،  سېمىزلىك ئامېرىكادىكى بالىلار ۋە ياشلارنىڭ %20 دە، چوڭلارنىڭ % 42 دە بار بولۇپ، تۈركىيەدە ھەر ئۈچ بالىنىڭ بىرسىدە سېمىزلىك كۆرۈلمەكتە ئىكەن. 

 جەمئىيەتتە نەقەدەر سېمىزلىك بار بولسا ئۇ جەمئىيەت ئۇ دەرىجىدە ساقسىز، كېسەل دېمەكتۇر.  چۈنكى سېمىزلىك كېسەللىككە يېزىلغان باغاق بولۇپ، سېمىزلىك پۇت- قوللىرىمىزغا يۈك بولغاندەك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزغىمۇ ئېغىر يۈك ھېسابلىنىدۇ. ياغ ھۈجەيرىلىرىدىن ئاجرىلىپ چىققان ھورمونلار بىزنىڭ ئىچ تەڭپۇقلىقىمىزنى بۇزۇپ، قان بېسىمى ، يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابىت قاتارلىق ۋۇجۇد كېسەللەرگە سەۋەب بولىدىغان بولسا، سېمىزلىك ئېلىپ كەلگەن روھى بېسىم ئۆزىنى قوغداش ۋە پسىخىكىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بالىلارنىڭ تەڭتۇشلىرى تەرىپىدىن مازاق قىلىنىشقا، دوست- يارەنلىك ئورنىتالمىغانلىقى  ئۈچۈن مەكتەپتىن ۋە جەمئىيەتتىن يىراقلىشىشىغا، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا 165 مىليون بالىلارنى ئۆزى ئىچىگە ئالغان بىر مىليارد ئىنسان ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئورۇقلۇقتىن ساقسىز قېلىۋاتقان بولسا، باي ئائىلىنىڭ بالىلىرى شېكەرگە دۈم چۈشكەنلىكى ئۈچۈن سېمىزلىكتىن كېسەللەرگە مۇپتىلا بولماقتا.

 ئەۋلادلارنىڭ سېمزلىككە مۇپتىلا بولىشىدا ئاتا- ئانىلار ياخشى ئۈلگە بولالمايۋاتقانلىقى ئېنىق. ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئاكادېمىيەسى دېگەندەك، بۇ نوقۇل بىئولوگىيەلىك ھادىسە ئەمەس بولۇپ، < تومىلاق بالىلىق، سوقىچاق ساقلىق > تا قەيت قىلىنغاندەك، ھازىرقى بالىلارنىڭ قايسىسى بىزدەك تۇغۇلۇشىدىلا سۈت پارشوكى ئىچمەي چوڭ بولىۋاتىدۇ؟ قايسىسى  كەچكىچە ئاتا- ئانىسى چاقىرمىغىچە،   دوست- يارەنلىرى بىلەن يۈگۈرۈشۈپ چۇقان سۈرۈپ ئوينايدۇ؟ قايسىنىڭ داستىخانلىرىغا قايماق چاي، سۈت چاي، پولا- كاۋاپ، سۇيقاش- ئۈگرە، لەغمەن- گاڭپەن قاتارلىق ھەرخىل ئانا مېھرى بىلەن ھازىرلانغان تاماقلار،  ھەركۈنى پەرقلىق شەكىللەردە تىزىلىدۇ؟  قايسىسىنىڭ شېكەرلىك تاماقلىرى بىزنىڭكىدەك ھەپتىدە بىر قېتىم ناۋات بىلەن ئېتىلگەن ھالۋا ۋە ئانىمىزنىڭ ئۆز قولى بىلەن سالغان پىچىنىلىرى ئىدى؟ ھازىرقى بالىلار تۇغۇلۇشى بىلەنلا شېكەر قېتىلغان سۈنئىي سۈت پارشوكى ئىچىشكە مەجبۇر، ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئەڭ يېقىن دوستى بولغان ئېلىكترونلۇق ئەسۋابلار بىلەن ھەرىكەتسىز تۇرمۇشقا مۇپتىلا ۋە ئۇلارنىڭ تەم سەزگۈسى شېكەرنىڭ بومباردىمان قىلىشى بىلەن بۇزۇلغان بولغاچقا، ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل تاماق خامبۇرگەر، پىسا،  رەڭلىك سوغۇق ئىچىملىكلەردۇر. دۇكانلار بولسا ئۇلارنىڭ ئېغىز تەمىگە ئۇيغۇن، ساغلاملىقىغا قارشى مەھسۇلاتلار بىلەن تولۇپ تاشقان. بۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار سېمىز بولماي كىم سېمىز بولسۇن ؟

ئىنسانلار ناتەبىئىي  يەپ - ئىچىشى، ساقسىز تۇرمۇش ئەندىزىسى سەۋەبلىك، مەيدانغا كېلىدىغان كېسەللىك گېنىنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرىدىغانغا ئوخشاش، تەبىئىي  يەپ - ئىچىش، ساغلام تۇرمۇش ئەندىزىسى بىلەن پەرزەنتلەرگە ساغلام ۋۇجۇد، كۆتۈرەڭگۈ روھ مىراس قالدۇرۇپ كېتىشىمۇ پۈتۈنلەي مۇمكىندۇر.  بۇ تامامەن بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى ئىش. ئىرسىي كېسەللىكلەر ئەسلىدە بىر قانچە ئەۋلاد خاتا تۇرمۇش ئەندىزىسىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇنى پەقەت تەقدىرگە، گېنگە دۆڭگەپ قويۇش مەسئۇلىيەتتىن قېچىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.  شۇئارىمىز < پاك تاماق روھقا كۈچ ، پاكىز تاماق ۋۇجۇدقا قۇۋۋەتتۇر> بولۇپ  ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ،  ئەۋلادلارنىڭ  تەبىئي  ئوزۇقلىنىشقا، توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم قىلىڭ. ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك  مىراسىڭىز ساغلاملىق ۋە ئەخلاق بولسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى