شېكەرگە قارشى تەدبىر

 شېكەر بەدەن ۋە روھ ساغلاملىق جېڭىدە بىزنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز بولۇپ ، ئەگەر بۇ جەڭدە بىز شېكەرگە قارشى تۇرۇپ شېكەرنى تاشلىمىساق،  شېكەر بىزنى مەغلۇب قىلىدۇ. « تەدبىر ئەڭ ئۈستۈن ئەقىلدۇر » قائىدىسىگە ئاساسەن، بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىپ ساغلام ھاياتقا قەدەم تاشلاشنىڭ ئاچقۇچى پۇختا تەدبىر ئېلىشتۇر. شۇڭا، ئەڭ ئاۋۋال شېكەرنىڭ ئۆزى تاتلىق، زىيىنى ئاچچىق خۇسۇسىيىتىنى، شېكەرنىڭ ئەڭ تاتلىق زەھەر بولۇشتەك ھەقىقەتنى ، سۈنئىي شېكەر ۋە تېتىتقۇلارنىڭ بوينىمىزغا سېلىنغان تاسما كەمەردىن ئىبارەت رېئاللىقنى ، شېكەرنىڭ ئەۋلادلارنى ۋەيران قىلۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئېغىر خەۋپىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، شېكەرگە بولغان « تاتلىق » چۈشەنچىلىرىمىزنى، « قىرتاق » تونۇشلىرىمىزنى ، شېكەرگە تۇتقان « شالتاق » پوزىتسىيەمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم. چۈنكى تونۇش ئۆزگەرمەي تۇرۇپ تۇرمۇش ئۆزگەرمەس، ئاڭ تۈزەلمەي تۇرۇپ ساراڭ ساقايماس. شۇڭا تونۇشمىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ، غەزەپ - نەپرىتىمزىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن شېكەرنىڭ ماھىيىتىنى ماددىلار ھالىتىدە يىغىنچاقلاپ - تەكرارلاپ ئۆتىشىنى توغرا تاپتۇق.

1- شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر. ھەقىقەتەن ئۇ شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك بولۇپ، ھەر زامان، ھەر ماكاندا پۈتۈن ئورگانلىرىمىزنى بومباردىمان قىلىدۇ. شېكەر پۈتۈن كېسەللىكلەرنىڭ ئانىسى، بەدىنىمىزدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشنىڭ پىلىكى، بالا- قازالارنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇڭا شېكەرسىز ھايات ئەڭ ساغلام ھاياتتۇر.

2- شېكەر شەيتاندەك ھەرخىل سۈرەتتە ئالدىمىزغا چىقىدۇ. بەزىدە ھەرخىل ئىچىملىكلەر ھالىتىدە سۇيۇق شەكىلدە، بەزىدە ئاق شېكەر، قارا شېكەردەك ئۇن تەرىقىسىدە، بەزىدە پېچىنە- پىرانىككە ئوخشاش قاتتىق ھالەتتە بىز بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىكى ئاق ئۇن ۋە مېۋە شەكلىدە يوشۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقىشى بولۇپ، سىرلىق ۋە تاتلىق ئەپسۇنلار بىلەن ۋۇجۇدىمىزنى ۋە ساغلاملىقىمىزنى ئەسىرگە ئالىدۇ.

3- ۋۇجۇدىمىزنىڭ كۈندىلىك شېكەر ئېھتىياجى ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇنىڭدىن ئوشۇقى ياغ بولۇپ بەدىنىمىزدە توپلىنىدۇ. قوسقىمىزنىڭ ھامىلە خوتۇندەك تومپىيشى، ئەمچەكلىرىمىزنىڭ ساڭگىلىشى، بېلىمىزنىڭ توملىشىپ كاسىمىزنىڭ يوغىنىشىدەك بەدەن شەكلىمىزنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئىچ ئورگانلىرىمىزنىڭ ياغلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبى دەل شېكەردۇر.

4- شېكەر ئەڭ تاتلىق دۈشمەن. بىر مولېكۇلا شېكەر190 مولېكۇلا سۇ تۇتقاچقا، شېكەردىن ۋۇجۇدىمىز ئىششىيدۇ، قان- تومۇرلارنىڭ يۈكى ئېشىپ قان بېسىمى پەيدا بولىدۇ. شېكەر قېنىمىزنى شىرنە تۇتقان قولىمىزدەك چاپلىشاڭغۇ قىلغاچقا، ئاسان قان نوكچىسى پەيدا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن پالەچلىكتىن ئوق تەگمەي تۇرۇپ يىقىلىمىز.

5- شېكەر ئەپيۇندۇر. ئۇ مېڭىمىزدەEndorphins  غا ئوخشاش مەس قىلغۇچى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچى ھورمونلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرلىشىنى جىقايتىپ مەس قىلىپ ئۆزىگە رام قىلىدۇ. ھاياتىمىزدا پات - پات تاتلىق نەرسىلەرنى ۋە ئۇششاق- چۈشەكلەرنى يېگىمىزنىڭ كەپكىتىشى شېكەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى.

6- بەدىنىمىزدىكى شېكەر يۇقىرىلىقى تەبىئىي ھالدا بەدىنىمىزدە ئىنسۇلىننىڭ  كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ ئىككى دوست بىر يەرگە كەلدىمۇ، يېقىن دوستى تىرىگىلىسىرىد ( triglyceride ) ئىسىملىك ئۈچىنچى دوستىنى چاقىرىدۇ ۋە بەدىنىمىزدە « مەشرەپ» باشلايدۇ. ئاشقازاندا ناغرا- سۇناي، ئۈچەيلەردە دۇتار- تەمبۇر بىلەن باشلانغان بۇ «مەشرەپ»، ئەپسۇس كۆز يېشىمىز قان ۋە يامغۇر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

7- ئۈچ دوسىت ۋۇجۇدىمىزدا ئەركىن ئوكسىگېن رادىكالىنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋە DNA مىزنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، DNA  نىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىمىز تەرىپىدىن رىمونت قىلىنىشىنى توسۇش نەتىجىسىدە راكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئىزچى دېگەندەك سېمىزلىك ئەسلىدە  بىر ياغ راكىدۇر.  

8- قان شېكەر دەرىجىمىز ئىستېمال قىلغان ھەرخىل تاتلىق يېمەك - ئىچمەك سەۋەپلىك دولقۇنلاپ، پىسخىكىمىزنىڭ، تۇيغۇلىرىمىزنىڭ، ھىسياتلىرىمىزنىڭ ئېگىز - پەس بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ياشلىقتا تولا ئاچچىقلاپ ساراڭدەك يۈرسەك، قېرىغاندا ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىمىز تۆۋەنلەپ دەلدۈشتەك ياشايمىز.

9- < ئۈچ دوست > بىر يەرگە كېلىپ جىنسىي ھورمونلارنىڭ ئاز ئاجرىلىپ چىقىشىغا، ئۇرۇق- تۇخۇملىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئوغلانلارنى ئەركەكلىكتىن، ئاياللارنى ئانا بولۇشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئەركەكلىكىمىزنىڭ ئۈنى پەسلىگەن بولسا، قىزلىرىمىزغا تۇغماس دەپ قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولسا ساقىيىش ئۈچۈن دوختۇرغا بېرىشتىن ئاۋۋال شېكەرنى يوقۇتۇش لازىم.

10- شېكەر يوشۇرۇن قاتىلدۇر. بۆرەك زەھىپلىكىنىڭ، يېقىنقى زامانلاردا قان تازىلاش ماشىنىسىغا بېقىندى بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى شېكەر ۋە شېكەر كېسەللىكى. بۇ 20- 30 يىل سۈرىدىغان جەريان بولۇپ، ئاستا- ئاستا يوشۇرۇن بىر ھالەتتە بۆرەكلىرىمىزنىڭ قانداق ئوغۇرلانغانلىقىنى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى سەزمەي قالىمىز.

11- شېكەر ھاراقتىن ھەلەق. چۈنكى بىر ھاراقكەشنىڭ ھاراق ئىچىشىگە باشلاپ جىگىرى قېتىشىغا 10- 20 يىل ۋاقىت كەتسە، ھازىر كۆپ شېكەر يېيىش سەۋەپلىك بالىلارنىڭ جىگىرى 5- 10 يېشىدا قاتماقتا. ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بىر شاكىلات ياكى كەمپۈت ئۇزىتىشى، < بىر پىيالە مەي > سۇندى دېگەنلىكتۇر.  ئويغان، ئەي پېقىر ئاتا- ئانىلار!

12- مېۋىلەرنىڭ ئىچىدىكى مېۋە شېكىرىمۇ ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، باغدا ئولتۇرغاندەك مېۋە يېسەك، بۇ ھايات قاقاس تاغدەك زور ۋە مۈشكۈل بولۇشقا باشلايدۇ.  < كىمكى شېكەر يېيىشنى قىلسا ئادەت، ئىچى ۋە تېشىنى قاپلايدۇ ئىللەت >. شېكەر يېيىش ئادىتىنى تاشلاپ، ئىللەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ زامانى ئاللىقاچان كەلدى ۋە تاشتى، ئەمما  بۇ پۇرسەت قولىمىزدىن قاچمىسۇن !

بۇ پۇرسەتنى قولدىن قاچۇرماسلىق ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال تەبئىي يېمەك - ئىچمەككە يۈزلىنىشىمىز، نان- ھالۋا، لەغمەن - پولۇغا دىققەت قىلشىمىز كېرەك. گۇناھ تاماقلاردا ئەمەس، بەلكى تاماقلارنى زەھەرلىك توقماق قىلغان ئىش قوشۇلغان ئۇنلار ، تەبىئىيتى ئۆزگەرتىلگەن گۇرۇچلاردادۇر. يەنى بۇ لەغمەن - پولا ئاتا - بوۋىلىرىمىز يېگەن لەغمەن- پولا ئەمەس. لەغمەن - پولا ئۇلارنىڭ جىسمىغا كۈچ قوشۇپ قەددى - قامىتىنى تىك قىلغان بولسا، ھازىرقى لەغمەن - پولا سىزنىڭ كۈچ - قۇۋىتىڭىزنى سۈمۈرۈپ لىڭتاسمىدەك ئەگرى قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تاتلىق نەرسىلەردىن ئۇزۇق تۇرۇش، شېكەر كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولغان ( 50 دىن تۆۋەن ) يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشمۇ ناھايىتى مۇھىم. بۇنداق بولغاندا يۈزىڭىز دانخورەكتىن، چاچلىرىڭىز كىپەكتىن، قىزلار ئادەت ئاغرىقىدىن، نېرۋىلىرىمىز غەزەپ ۋە قايغۇدىن، چىشلىرىمىز ياللۇغىدىن، بالىلىرىمىز دۆتلۈكتىن خالى بولىدۇ. مېۋە- چېۋىلەرنىڭ تەبئىي بولۇشىغا دىققەت قىلىش، ئۇلارنى باغدا ئولتۇرۇپ يېگەندەك يېمەسلىك،  مېۋە- چىۋە ، سەي- كۆكتاتلاردىكى تالالارنىڭ پارچىلىنىپ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مېۋە سۈيىنى ئەمەس مېۋىنىڭ ئۆزىنى يېيىش كېرەك. ئىبىن سىنامۇ: < مېۋىلەرنى پۈتۈن يېيىش كېرەك> دەيدۇ. سەي- كۆكتاتنى خام يەڭكى، تالا ئۆلمىسۇن!  چۈنكى تائامدا يوقسا تالا، بېشىڭىزغا ئاچىدۇ بالا.  ئەگەر شېكەر خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتسە، تالا مىقدارى كۆپ بولغان خورما، گۈلە ۋەيا جىگدە- چىلاندىن 4- 5  تانە يېسىڭىز بولىدۇ. تالا ھەم شېكەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدۇ، ھەم قورسىقىڭىزنى توق تۇتۇپ قالايمىقان يېيىشتىن ساقلايدۇ، قەۋزىيەتتىن قوغدايدۇ. 2-3 ھەپتىگە قالماي خۇمارىڭىز قالمايدۇ.

شېكەرگە قارشى تەدبىر ئالدۇق دېمەك، ساغلام ھاياتقا قەدەم ئاتتۇق دېمەكتۇر. بەلكى ئاغزىڭىزنىڭ تەمى بىر ئاز قېچىشى مۇمكىن، ئەمما ساغلاملىقىڭىزنىڭ تەكتى چۆكمىسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى