ماگنىي قىلىدۇ كېسەلدىن خالىي
ئىنسان بەدىنىدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ سىستېما نۇرغۇن چوڭ - كىچىك تەركىبتىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ سىستېمىنىڭ ھاياتتا قىلىشى ، نورمال فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشى دەل بۇ تەركىبلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ۋە مىقدارىغا باغلىقتۇر. يەنى ئىنسان بەدىنى « بىر بىلەن پۈتۈن بىرپۈتۈندۇر » پرىنسىپىغا ئاساسەن ھەركەت قىلىدىغان بولغاچقا، بىر كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ كەملىكى ۋە يوقلۇقى پۈتۈننى ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ. بۇ ئۇل تاشلاردىن بىرى ماگنىي ( magnesium ) بولۇپ، گەرچە پۈتۈن بەدىنىمىزدىكى ماگنىي مىقدارى ئىنسان بەدەن ئېغىرلىقىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز بولىسىمۇ، ئۇنىڭ بەدەندىكى كەمچىللىكى نۇرغۇن جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە، يوقلۇقى ئۆلۈمگە ئىلىپ بارىدۇ. بۇ مۇھىم مېنىرال ماددىغا بولغان تونۇشمىزنىڭ ئېشىشى بىزنىڭ بەدەن ساپامىزنى ئاشۇرۇپ، ھايات سەپىرمىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بەدىنىمىزدىكى ماگنىينىڭ %60 ى سۆڭەكلەرگە، %39 ى يۇمشاق توقۇلمىلارغا ۋە %1 ى قانغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك قان زەردابىدىكى ماگنىي مىقتارى پۈتۈن بەدەندىكى ماگنىي مىقدارىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا قا...