ساقلىق ياشتا ئەمەس، باشتا
ئىنسانلاردا ئومۇمى بولغان خاتا قاراش، ياشنىڭ چوڭىيىشقا ئەگىشىپ ساغلاملىقنىڭ بۇزۇلدىغانلىقى، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ مەيدانغا چىقىپ ھايات سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ، تۇرمۇش لەززىتىنىڭ ئازىيدىغانلىقىدۇر. ھازىرقى زامانىۋى ئەمما بەدەۋىي 1 خەلقنىڭ بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىغا قاراپ باھا بەرگەندە بۇ قاراشنىڭ بەرھەق توغرىدەك كۆرۈنىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق قېرىلىقنى بىر كېسەللىك ۋەياكى كېسەللىك باسقۇچى دەپ تونۇپ قىلىشتۇر. ئالدىنقى < قېرىلىق > تېمىسىدىكى يازمىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك < قېرىلىقنى جىسمانىي، روھىي ۋە ئىجتىمائىي قېرىلىق دەپ ئۈچكە ئايرىش مۇمكىن بولۇپ، قېرىلىق ئىنساننىڭ بۇ ئۇچ خىل فۇنكىسىيسىدىكى ئاستىلاش، تۇرغۇنلىشىش ۋە بۇزۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر > . بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى بۇ ئۆزگۈرۈشلەر كېسەللىكلەرنىڭ ئەمەس قېرىلىقنىڭ، تەبىئىي ھايات دەۋرىيلىكنىڭ بېشارىتىدۇر. قېرىلىقتا ئىنساننىڭ ھەرخىل فىزلوگىيلىك فۇنكسىيىسى ئاستىلاپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىشى، كېسەللىكلەرنىڭمۇ قېرىلىقنى ئوتالدۇرۋىتىشى بەرھەق،...