قېرىماسلىقنىڭ سىرلىرى
ئۆلۈم ئۆلمەس ھەقىقەتتۇر! گەرچە ئۆلۈم ھايات گۈلخاننىڭ ئۆچۈش ۋە تۇرمۇش سەپىرىنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە ئۆلۈم ھاياتنىڭ سىرى ۋە مەناسى بولۇپ، ئۆلۈم بىلەن ھايات يېڭى باشلىنىدۇ. ئۆلۈمنىڭ بۇ ھىكىمىتىنى بىلىش ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا يېڭى مەنا، تۇرمۇشىغا باشقىچە مەزمۇن قاتىدىغان بولۇپ، ئۆلۈم ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش ئىنساننى ئۆلۈمدىن ئۆلۈمسىزلىككە، ئۈمىدسىزلىكتىن ئۈمىدكە ئاپىرىدۇ. ئەمما ئەلمىساقتىن بېرى ئۆلۈمدىن دەرس ئالمىغان ئىنسانلار، ئۆلۈمنىڭ ھىكىمىتىنى ئۆگەنمىگەن ئادەملەر ئۆلۈمنى يوق بولۇش دەپ قاراپ ئۆلۈمدىن قورقۇپ كەلدى. < قورققانغا قوش كۆرۈنەر > دېگەندەك ئۇلار ئۆلۈمدىن قاچىمەن دەپ مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىپ بولدى. ئۆلمەسلىككە بولغان ئىنتىلىشى بىلەن تارىختىن بۇيان ئۆلمەسلىكنىڭ چارىسى ۋە دورىسىنى تېپىپ چىقىشقا كۆپ تىرىشتى يۇ، ھەممىسى دېگىدەك قەلبىدىكى بۇ چۇڭقۇر ئۈمىدلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئەمما ئىنساننىڭ بۇ نەپسى ھىچ ئۆلمىدى. ھازىرقى دەۋرىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى تەرەققىي قىلغاچقا ئۆلۈمنىڭ قىچىش مۇمكىن بولمىغان بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى بولغا...