ساغلاملىقنىڭ سىرى - تەبىئىيلىك

ئالدىنقى ماقالىمىزدە بەدەن ساغلاملىقنىڭ ئۈچ ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، كېسەللىكتىن ئاۋال ساغلاملىقنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى، كېسەللىكنىڭ ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىزدە يىغىلغان لاي- لاتقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەنىدۇق. كۈندىلىك يېمەكلىكلىرىمىزدە 3000 دىن ئارتۇق خىمىيەلىك ماددا بارلىقىنى، بەدىنىمىزنىڭ بىر يىلدا ئىككى كېلودەك ھاشارات دورىسى ۋە باشقا تېتىتقۇلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمىيدى؟

بەدىنىمىزنىڭ كېسەللەرگە قارشى قورغىنى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسى دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان بىخەتەرلىك سىستېمىسى بولۇپ، تەبىئەتتىكى پۈتكۈل تەبىئىي ۋە ناتەبىئىي نەرسىلەرنى پەرق ئېتىپ بەدىنىمىزنى بۇ يات ماددىلاردىن ( مېدىتسىنا تېرىمى بىلەن ئېيتقاندا ئانتىگېن- ANTİGEN)  قوغداشقا قادىر. بۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھەر ئىنساننىڭ بارماق ئىزلىرىغا  ئوخشاش ئۆزگە خاس ۋە ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىيتى، مىجەزى ۋە مىزاجى مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. بىزنىڭ ئىستېمال قىلغان نەرسىلىرىمىز قانچىكى تەبىئىي قانچىكى تەبىئىيتىمىزگە ئۇيغۇن بولسا بۇ ئوزۇقلۇقلار تەل- تۆكۈس ھەزىم بولۇپ بەدىنىمىزگە ئېنېرگىيە ۋە نەپ بېرىدۇ. ئەگەر يېمەك- ئېچمەكلىرىمىز تەبىئىيلىكتىن يوقسۇل، تەبىئىيتىمىزگە يات بولسا بىخەتەرلىك سىستېمىمىز بۇلارنى  دۈشمەن دەپ قاراپ ئاۋال قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش ئارقىلىق  بەدىنىمىزنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، كېيىن ياللۇغغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئالاھىدە ئۇسۇللار بىلەن بەدىنىمىزدىن قوغلاشقا تىرشىدۇ. ئەگەر بۇ ناتەبىئىي ئوزۇقلۇقنىڭ مىقدارى كۆپ، زەھىرى كۈچلۈك بولسا تەلتۆكۈس بىرتەرەپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەخلەت سۈپتىدە بەدىنىمىزدە بىرىكىدۇ ۋە نەپ ئەمەس دەرد بېرىدۇ.

 ئەتراپىمىزدىكى تۇپراق يەيدىغانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىدىغانلىرىمىز، « تاش يېسەم ماش بولىدۇ» دېگەن سۆزلەر مېنىڭچە ئۆتمۈشكە تەۋە بولۇپ قالدى. چۈنكى ھازىر ئەتراپىمىز بۇرۇنقى تەبىئىي بولغاچقا بەدىنىمىزگە زىيان بەرمەيدىغان قارا تۇپراق بىلەن ئەمەس، ھەر خىل خىمىيەلىك دورىلار، سۈنئىي ئوغۇت ۋە كىسلاتالىق سۇلار بىلەن كىرلەشكەن ئۆلۈك تۇپراق ۋە بېتونلار بىلەن قورشاۋغا ئېلىنىپ بولدى.

تار مەندىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلىقتىن ئىبارەت بولساق،  كەڭ مەنىدىن، بىز ۋە بەدىنىمىز،  ياشىغان يۇرت، نەپەس ئالغان ھاۋا، ئىچكەن سۇ، قەدەم باسقان تاش-  تۇپراق، ھىدىنى ئالغان خۇشخۇي پۇراق، ئاڭلىغان مۇقام ، سالغان ساما ، باققان مۈشۈك- توخو، قوي- پادا ۋە پاراڭلاشقان ئىنسانلاردىن ئىبارەت. ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي بولسا، ساپ ۋە سۈزۈك بولسا، تەبىئىيتىمىزگە ماس بولسا بىز ساغلام بولغان، كېسەللىكتىن ئۇزاق بولغان بولىمىز. ئەكسىچە ئۇلار ناتەبىئىي، ساختا ۋە تەبىئەتتىن ئەمەس تەجىرىبىخانلاردىن كەلگەن بولسا بىز كېسەللىككە مۇپتىلا، ھاياتىمىز غەم- قايغۇلارغا ئەسىر بولغان بولىدۇ.

تارىختىن بۇيان چۆللەردە كۆمەچ يەپ، لاي سۇ ئىچىپ، ئوتاندىن نان- كاۋاپ، تەبىئىي ياغدىن بەتتە-  پولا ، قۇيرۇق ياغدىن دۈمبە جىگەر ئىستېمال قىلغان، ۋىتامىن ۋە ئاقسىلنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي بادام- ياڭاق چاققان،  < ئۇزۇن ئۆمۈر چولپانلىرى > داستانىنى يازغان ئاتا- بوۋامىز بۇنىڭ يارقىن ئىسپاتى. ئۇلار ساغلاملىقنىڭ پەلسەپىسىنى بىلمەيتتى، ئەمما ساغلاملىقنىڭ تارىخىنى يازدى. ئۇلار دوختۇرخانىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى يوق ئىدى ، ئەمما ياشىغان تەبىئىي مۇھىت ۋە مەدەنىيەت پۈتۈن ئېلېمىنتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بۈيۈك شىپاخانىسى ئىدى. ئۇلار دورا- ئوكۇل ئىشلەتمەيتتى، بىراق ئۇلارنىڭ دورىسى تەبىئىي ئوزۇقلىنىش، دەرمىكى تەبىئىي ئوت- چۆپ، دەرمانى تەبىئي ياشاش ئۇسۇلى ئىدى. ياشاش پەلسەپىسى بولسا « ئاز يېيىش ئارقىلىق داۋالىنىش ۋە مىزاجىغا ماس يېيىشنى ھەممە دورىدىن ئەۋزەل بىلىش» ئىدى.

يىغىپ ئېيتقاندا، ساغلاملىق تەبىئىيلىكتە بولۇپ،  ساغلام بەدەن تەبىئىي شەيئىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ناتەبىئىينى رەت قىلىدۇ. تەبىئىيلىك ۋە تەبىئىي ئوزۇقلىنىش يارىتىلىشنىڭ چاقىرىقى. بەلكىم تەبىئىيلىكتىن ئۇزاق ياشاپ تەبىئىيلىكنىڭ نېمىلىكىنى ۋە تەبىئىيتىمىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولىشىمىز مۇمكىن. ئۇنى تېپىشقا بەل باغلىغان ۋە بۇ ئارقىلىق ساغلام ھاياتقا قەدەم تاشلىغانلار ئۈچۈن ئۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخ چۆللىرىدە قالدۇرغان ئىزلىرىدىن، بوۋام - مومامنىڭ چۆچەكلىرىدىن، ئاتا- ئانامنىڭ نەسىھەتلىرىدىن تېپىلىدۇ.     

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى