تەن ساقلىق ۋە كېسەللىك

تەن ساقلىق زور بايلىق. ئىنسانلارنىڭ بايلىققا بولغان قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە، بايلىقنى كۆپرەك تاشقى دۇنيادىن ئىزلەشكە باشلىغاندىن تارتىپ، ئىچىمىزدىكى بۇ تەن ساقلىقنىڭ زور بايلىق ئىكەنلىكىنى يا كېسەل بولغاندا ياكى قېرىلىق مەزگىلگە قەدەم باسقاندا ناھايىتى كېچىكىپ تونۇپ يېتىمىز. ئەمەلىيەتتە كېسەللىك مەيلى جىددى خاراكتېرلىك  ياكى ئاستا خاراكتېرلىك بولسۇن بىر مۇنچە باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن جەريان بولۇپ، كېسەللىك ئەسلىدە دىققەت قىلىنمىغاندا ئانا قورسىقىدىكى چېغىمىزدىن باشلايدۇ.

ئىبن سىنا ئېيتقاندەك « ئىنسانلارنىڭ تەن ساقلىقى مۇنۇ ئۈچ ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:  ساق بولۇش، كېسەل بولۇش ۋە نە ساق نە كېسەل بولغان ئۆتكۈنچە ھالەت». كۆپچىلىكىمىز بۇ ئۆتكۈنچە ھالەتتە بولۇپ، گەرچە بەزى ئالامەتلەر بىلەن بىزگە بېشارەت بېرىلسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ ساقلىق ۋە كېسەللىككە بولغان تونۇشمىزنىڭ سۇسلىقى، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ قۇدرىتى سەۋەپلىك بەدىنىمىزدە كېسەللىك ئاللىقاچان باشلىغان بولسىمۇ ئۆزىمىزنى ساق دەپ يۈرىۋىرمىز. « تېخى تۈنۈگۈن ساپ- ساقتى» دەپ ئالغان ئۆلۈم خەۋەرلىرى، سېمىزلىكتىن پۈتۈن ئەزالىرى نالە- پەرياد قىلىۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر « قان تەكشۈرۈشتە مەندە ھېچقانداق كېسەللىك چىقمىدى» دېگەندەك كومېدىيەلىك ئەھۋاللار بۇ ئۆتكۈنچى ھالىتىمىزنىڭ ئىپادىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنداقتا كېسەللىك زادى نېمە؟ قاچان باشلىنىدۇ؟ تەن ساقلىقىمىزنىڭ قورغىنى ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز بولۇپ، ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ قورغان چۇۋۇلغاندا كېسەللىك بەدىنىمىزدە باشلايدۇ ۋە ئۆتكۈنچە ھالەتتىن كېسەللىك ھالىتىگە ئۆتكەن بولىمىز. تېخىمۇ زاغرا تىل بىلەن  ئېيتقاندا كېسەللىك، بەدىنىمىزدە توپلانغان ھەرخىل لاي- لاتقا ۋە مەينەتلىكنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزدىن ئىبارەت بۇ تازىلاش- پاكىزلاش ماشىنىسىنىڭ ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىشى بىلەن ئىچكى ئورگانلىرىمىزدىن تارقالغان بەد- پۇراقلارنىڭ بۇرنىمىز تەرىپىدىن ھېس قىلىنىشى دېمەكتۇر.

بىز توختىماي ھەر تۈرلۈك تەبئىي بولمىغان يېمەكلىكلەر بىلەن بۇ قورغاننى بومباردىمان قىلساق، ساقسىز ئىچىملىكلەر بىلەن بۇ قورغاننىڭ ئۇلنى زەيلەتسەك، ھەدىدىن تاشقىرى يەپ- ئېچىش بىلەن قورغاننىڭ ئۈستىگە نورمىسىدىن جىق يۈك ئارتساق، ھاياتىمىزدا بىر قېتىممۇ بۇ قورغاننى تەنھەرىكەت بىلەن كۈچلەندۈرۈش ۋە رېمونت قىلىشنى ئويلىمىساق بۇ قورغان يېقىلىشقا، بىز بولساق كېسەل بولۇشقا مەھكۇمدۇر.

دېمەك بۇ قورغاننىڭ يېقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل يۇقىرىدا زىكىر قىلىپ ئۆتۈلگەندەك دەل ئۆزىمىز. يەنى ئۆزىمىز ئۆزىمىزگە دۈشمەن! كېسەللىك يىغىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ ناتوغرا دۇنيا قارىشىمىز، ھاياتقا تۇتقان ساقسىز تۇرمۇش پوزىتسىيەمىز، ساغلاملىققا بولغان خاتا تونۇشىمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلىق تەبئىيتىمىزگە يات يېمەك- ئىچمەك ئادىتىمىزدۇر.

ئەسلىدە بەزىدە قىزىتىش، زۇكام بولۇش بىلەن بەدىنىمىز خاتالىقلىرىمىزدىن بىزگە بېشارەت بېرىدۇ.  بەزىدە ھالسىزلىق ۋە ئاغرىقلاردىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن قايغۇلىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئالدىنى ئېلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا كېسەللىكنىڭ بىر رەھمەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقىتى ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بىز تەن-  ساقلىق ۋە كېسەللىككە بولغان تونۇشىمىزنى ئۆستۈرسەك، پوزىتسىيەمىزنى تۈزەتسەك، يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىمىزنى تەبئىيلىككە قايتۇرۇپ ئەكەلسەك قورغىنىمىز ساغلام بولىدۇ ، بەدىنىمىزدە لاي- لاتقا بىرىكمەيدۇ. بۇ پاكىز بەدەندىن تارالغان خۇش- پۇراقلار بىلەن ھايات باغچىمىزدىكى باشقا گۈل- چېچەكلەرنىڭ گۈزەللىكى بىرلىشىپ قۇياشنىڭ ئۇ يېقىملىق نۇرى ئاستىدا بۇ ھايات باغچىسى جەننەت باغچىسىدىن بىر باغچىغا ئايلىنىدۇ.

شۇئارىمىز« ساغلاملىققا قەدەم تاشلايلى، كېسەللىكنى تىلەپ تاپمايلى! » بولسۇن.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى