تەبئىيلىكنىڭ ئىلمىيلىكى

پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كەسىپلەرنىڭ ئىنچىكە بۆلۈنۈشى، ھەرقايسى ساھەلەردە يېتىشكەن، ئىقتىدارلىق، لاياقەتلىك ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، خەلق مەلۇم تېمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ چىنلىقى، توغرا- خاتالىقىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنىڭ ئورنىغا ئۇ ئورگان-  شەخسلەرگە ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قاچتى ۋە بۇ ئېغىر  يۈكتىن قۇتۇلغان بولدى. ئاۋام ئۇلارنىڭ كۆز- قاراشلىرىنى، چۈشەندۈرۈشلىرىنى ھېچقانداق شۈبھە بولمىغان بىر ھەقىقەت دەپ قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپتىن تەپەككۈر قىلىش، پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىدىن ۋاز كېچىپ زېھىن ھورۇنلىقىغا مۇپتىلا بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھوشيارلىقىنى يوقىتىپ ئاللىقانداق « ئىلمىي»، « تەجربىلەردە ئىسپاتلانغان»، « پالانى ماركا، پۇستانى پاتېنىت» دېگەن قالپاقلار بىلەن بەزىبىر شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئىلمىيلىكنى سۈيئىستىمال قىلىپ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى ئوغۇرىلاشقا يانتاياق بولماقتا.

بولۇپمۇ بىزدەك پەن- تېخنىكىنىڭ ئۇلى بولغان تەجرىبە- تەتقىقات ئۇسلۇبىدا يېتىشكەن، ئۇ باغنىڭ سۇيىنى ئىچىپ قالغان دوختۇرلار گەرچە يېڭى چىققان تەتقىقات نەتىجىلەرنىڭ بىر قانچە يىلدىن كىيىن ئۆزگىرىپ داۋالاش پرىنسىپى ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئاستىن- ئۈستىن بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلسەكمۇ، بۇنى ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى دەپ بىلىۋالغاچقا، ھەر يېڭى نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ياكى بىرسىدىن بىر گەپ ئاڭلىغاندا، قانچە يىللىق تەجرىبىنىڭ مەھسۇلىمىش؟ تەجرىبە كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانمىش؟ تەجرىبە قانچىلىك ھايۋان ياكى ئىنسان ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىپتۇ؟ تەتقىقات ئۇسۇلىدا خاتالىق بارمۇ- يوقمۇ؟ قارشى پىكىردىكى تەتقىقاتلار بارمۇ؟ بۇ تەجرىبە نەتىجىسى ھەممەيلەنگە ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەندەك نۇرغۇنلىغان سوئال- سوراقلار بىلەن دەسلەپتىلا بىر خىل گۇمانى نەزەر بىلەن قاراشقا ئادەتلەنگەن بولساقمۇ ، لېكىن بىزمۇ ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۇ قىسقا ئۆمۈرلىك توغرىلارغا تىز پۈكىمىز.

توغرىلارنىڭ ھەقىقەت ياكى ئەمەسلىكىنى سىنايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل زاماندۇر. ھەقىقەتلەر يىللار ئۆتسىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ ياكى ئىلىم-  پەن ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىدە بۇ ھەقىقەتنى بايقايدۇ، ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر تەتقىقاتنىڭ غايىسى ھەقىقەتنى تېپىش بولسا. ئالدىنقى يازمىدا تەبىئىي ئوزۇقلىنىش، تەبىئىي ياشاش ئەندىزىسىنىڭ ئاتا- بوۋىمىزنىڭ ئۈزۈن يىللىق تەجربىسىنىڭ نەتىجىسى، « ساغلاملىق تەبىئيلىكتە» دېگەن قارىشىمىزنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدۇق. مەزكۇر يازمىدا كۆنۈپ قالغان خۇي تۈپەيلى تەبئىيلىكنىڭ ئىلمىيلىكى توغرىسىدا بىر قانچە تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىنىلا سۇنماقچىمەن.

ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمىيىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۈشۈك بېقىش يۈرەك تىقىلمىسى بولۇش نسىپىتىنى %30 ئازايتىدىكەن . سالام بولسۇن ھايۋانلارغا بولغان سۆيگۈسىنى قەلبىگە تاڭغان، ھايۋانلارنى باغرىغا باسقان مېھرىبان ئاتا- ئانامغا!

دۇنياغا داڭلىق كىلەۋلەند (Cleveland )  دوختۇرخانىسى « قۇچاقلىشىش» نىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بىر دورىنىڭ يوقلىقىنى، « قۇچاقلىشىش» نىڭ قاندىكى كورتىزون مىقدارىنى ئازايتىپ قان بىسىمىنى چۈشۈرۈپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسنى كۈچلەندۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . سالام بولسۇن مېھماندوست ۋە ھەممىگە قۇچاق ئاچقان ئەزىز خەلقىمگە!

دانىيەدە چۈشكۈنلەشكەن كىشىلەرگە « مەدەنىيەت ۋىتامىنى» ئىچىشنى يەنى مۇزېيلارنى زىيارەت قىلىشنى، مۇزىكا تىڭشاشنى، سەنئەت پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى تەۋسىيە قىلماقتا. سالام بولسۇن مۇقام ئاڭلىغان، ساما سالغان مەدەنىيەتلىك خەلقىمگە!

شوتلاندىيە دوختۇرلارغا كېسەللەرگە « تەبىئەت» رىتسىپىنى يېزىشقا رۇخسەت قىلدى. چۈنكى تەبىئەتنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى، كۆرۈنمەس ياللۇغنى ئازايتىدىغانلىقىنى، يالىڭاياق تۇپراققا دەسسەشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچىغا قارشى تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا. سالام بولسۇن تەبىئەتنى بۆشۈك قىلغان دېھقان ئاتامغا!

دېمەك زامانىۋى مېدىتسىنا تەبىئيلىكنى تونۇپ يەتتى. كېسەللىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يولى پەقەت مېدىتسىنادا ئەمەس بەلكى تەبىئي ھايات شەكلىدە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى!

 


   http://twitter.com /American _Heart/status/1159485168333328384?s=20

 http://health.clevelandclinic .org /why-hugging-is-actually-good-for-your-health-video/

http://www.weforum.org/agenda/2019/08/mental-health-depression-denmark-kulturvitaminer

http://www.healthshetland.com/site/assets /files/1178/730-1309-1718_nature_prescription­_calender_4sep.pdf

  http://www.indyturk.com/node/143076/türkiyeden-sesler/modern-tıp-sağlıklı-yaşımayı-keşfetti

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى