مىللىي ۋە زامانىۋى تىبابەتكە بىر نەزەر

 ئالدىنقى يازمىمىزدا تىبابەت بىلەن مېدىتسىنا ، تىۋىپ بىلەن دوختۇرنىڭ ئوخشاش مەناغا ئىگە، ئوخشاش غايىلەرنى كۆزلەيدىغان بىلىم ۋە ئىنسانلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ  تىبابەتتە كەڭرى ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ « Robert Koch»  نىڭ 1880 -يىللاردا كېسەللەرنىڭ باكتىرىيەدىن تارقىلىدىغانلىقىنى بايقىشى ۋە 1908- يىللارغا كەلگەندە « Paul Ehrlich » نىڭ تۇنجى ياللۇغ قايتۇرغۇچنى كەشىپ قىلىشى بىلەن تىبابەت ۋە مېدىتسىنا كەلىمىسىنىڭ ئالدىغا «زامانىۋى» سۈپىتى قوشۇلۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ساغلاملىق تەشكىلاتى دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي تىبابىتىنى تارىختىن بۇيان قىلغان خىزمەتلىرىگە كۆز يۇمۇپ، بىر ئىنجىقلاش بىلەنلا ئۇلارغا ئەنئەنىۋى تىبابەت دەپ ئىسىم قويدى ۋە ئۇلارنىڭ « ئۈنۈمى ئېنىق ئەمەس ۋە ئەكىس تەسىرى بولۇشى مۇمكىن » دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى . نەتىجىدە تىبابەت، جالالەتتىن رۇمىنىڭ مىسرالىرىدىكى -  تىبابەت خار جايدا يۈرەكلەر كاۋاپ، نېچۈن خاراب بولسۇن بىمارۇ بىھال، تىبابەت سەنئىتى ئاچقاندا جامال-  تىللارغا داستان شان- شۆھرىتىدىن، تىۋىپلار ، ئىبن سىنا دېگەندەك « شائىر تىلنىڭ ئەمرى بولغاندەك، تىۋىپ  بەدەننىڭ شاھى»  ئۇ مەدھىيە ۋە يۈز ئابرويدىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئورۇن باسارلىرى بولغان مېدىتسىنا  ۋە دوختۇرلار پەن- تېخنىكا سىھىرۋازلىقلىرى بىلەن ھازىرچە مەيدىسىگە مۇشتلاپ كۆرەڭلەپ يۈرگىنى بىلەن،  ئۇلارمۇ پات يېقىندا ئورنىنى كەلگۈسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان گىن ۋە دېگىتال مېدىتسىناسى ۋە ماشىنا دوختۇرلارغا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

كېسەللىكلەرگە تۇتقان پوزىتسىيە ، كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز ۋە داۋالاش نۇقتىسىدىن بۇ ۋەھىمىلىك ئەھۋالنىڭ سەۋەبلىرىگە بىر نەزەر تاشلايلى.

ھازىرقى دەۋرىمىزدە مەيلى ئەنئەنىۋى تىبابەت بولسۇن مەيلى زامانىۋى مېدىتسىنا بولسۇن پەقەت بەدەن ساغلاملىقىغىلا مەركەزلەشكەن بولۇپ، روھ ساغلاملىقى موللا، راھىب ۋە  پوپلارغا ۋەيا زامانىۋى ئىلاھىيەتچى، پىسخولوگ ۋە پىسكىياترىسىتلارغا ھاۋالە قىلىنماقتا. ئىنسانغا ماشىنا ئادەم مۇئامىلىسى قىلىشتەك بۇ ئەھۋال، تەبىئىي ھالدا ماشىنا دوختۇرلارنىڭ كېلىشىنى تەقەززا  قىلماقتا.

تىبابەتتە، تىۋىپ كېسەللەرنىڭ دەردىنى تىڭشىغاندىن كىيىن، خىلتقا يەنى قان، بەلغەم، سەپرا ۋە سەۋدالىرىغا ئاساسەن تەبىئىي مىزاجلىرى بېكىتىلىپ، كېسەل پەيدا قىلغان خىلىتلارنى ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئىسىق، سوغۇق، قۇرۇق ۋە ھۆل مىزاجلىرى بىلەن قوغلاش ئاساس قىلىنىدۇ. مەسىلەن، يېغى كۆپ ئىنسان ھۆل سوغۇق دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ھازىر ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك سېمىز. يەنى ئادەم ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەبىئىي مىزاجى ئىلغار پەن- تېخنىكىنى مونوپول قىلىۋالغانلارنىڭ تاق تىپلاشتۇرۇش شۇم نىيىتىنىڭ بومباردىمى ئاستىدا قالغاچقا،   بۇ مىزاجلارنى بېكىتىپ دىئاگنوز قويۇش كىتابلاردىكىدەك ئاسان ئەمەس ياكى بۇ قائىدىلەر تەبىئىيتى بۇزۇلمىغان ئىنسانلار ۋە ئوزۇقلۇقلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە.

كۈنىمىزدە مېدىتسىنا ساھەسىدە دوختۇرلار ئەسۋابلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتقان بولۇپ، بۇرۇنقى پۇراش، تۇتۇش، تېتىش، تىڭشاش دېگەندەك بەدەن تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ ئورنىغا،  تۈرلۈك زىيانلىرى بولغان، لېكىن كېسەللەر ئاشىق- بىقارار بولغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى دەسسىمەكتە. دوختۇرلار بۇ ئۈسكۈنىلەر بولمىسا كېسەل كۆرەلمەس ھالغا كەلدىكى،  ئۇلار نېمە دېسە شۇنى دەيدۇ، داۋالاش رەھبەرلىكىنى تۈزۈپ بەرگەنلەرنىڭ پروگراملىرىنى تەدبىقلايدۇ. ئەمەلىيەتتە دوختۇرلار ئاللىقاچان پەقەت روھى بار ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ بولدى.

ھازىرقى تىبابەت ۋە مېدىتسىنانىڭ ئورتاق غايىسى كېسەللىكلەرنى داۋالاش بولۇپ،  ساغلاملىقنى قوغداش ۋە ھايات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك دەيدىغان بىر ئېغىز گېپى يوق. چۈنكى ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، پايدىسى ئاز بولغاچقا، شىركەتلەر گۇمران بولۇشنى، تىۋىپ- دوختۇرلار ئىشسىز قېلىشنى خالىمايدۇ. تىبابەتتە « ئاۋۋال مۇفرەدات، كېيىن مۇرەككەبات» دەيدىغان قائىدە بولسىمۇ، تىۋىپلار ھەر كېسەلگە تۇنجى قېتىمدىلا ھەر خىل ئوت- چۆپتىن ياسىغان «ھايات ئىكسىرلىرى» نى بەرگەچكە، دوختۇرخانلىرىمىز بۇنى يەپ جىگەر، بۆرەك فۇنكسىيەلىرى بۇزۇلغان كېسەللەر بىلەن تولۇپ تاشتى. بۇرۇن مېدىتسىنادا « ئاۋۋال زىيان بەرمە » پرىنسىپى ئاساس قىلىناتتى. ئەمما ھازىرقى مېدىتسىنا « ئاۋۋال زىيان تارتما » مەنتىقىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا،  شۇئان داۋالاش راسخوتلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە قىممەت بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب زامانىۋى داۋالاش ۋە دورا- ئۈسكۈنىلىرى باھاسىنىڭ يۈكسەك بولىشىدۇر. مەسىلەن، بالىلاردا كۆرۈلىدىغان SMA  كېسەللىكىنىڭ گىنىتىك داۋالاش راسخوتى گەرچە يۈزدە يۈز ئۈنۈملۈك بولمىسىمۇ 2.1  مىليون دوللار بولۇپ، بۇ بىر ئائىلىنىڭ ئەمەس بىر دۆلەتنىڭمۇ تۆلەش ئىقتىداردىن ئېشىپ كەتمەكتە.

دېمەك، روھ ۋە بەدەن بىر پۈتۈنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت ئۇنتۇلغاندا ، مەقسەت پەقەت كېسەللىكلەرگە داۋا قىلىش بولۇپ ساغلاملىقنى قوغداش چۆرۈپ تاشلانغاندا، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ ماڭالمىغاندا ياكى پەن- تېخنىكا ئاساس غايىسىدىن ئېزىپ كەتكەندە، نىشان مال- دۇنيا بولغاندا تىبابەتمۇ مېدىتسىنامۇ ئوخشاشلا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. تىۋىپ- دوختۇرلارمۇ قول تۇتۇشۇپ دېگىتال مازارلىقىغا كۆمۈلىدۇ.

SMA :  spinal muscular atrophy

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى