تەبىئىيلىكمۇ؟ ئورگانىكمۇ؟

 ساغلاملىقنىڭ سىرىنىڭ تەبىئىيلىكتە ئىكەنلىكىنى ئالدىنقى يازمىلاردا شەرھلەشكە تىرىشتۇق. بۇ تەبىئي ھايات ئەندىزىسىگە نىسبەتەن تەبىئي ئىستېمال بۇيۇملارنىڭ ۋە تەبىئي يېمەك- ئىچمەكنىڭ مۇھىملىقىدا شەك يوق. بۇ تەبىئي مەھسۇلاتلارنىڭ قېلىپلاشقان ئىسمى ئورگانىك مەھسۇلاتلار بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان يىزا-ئىگىلىك تۈرىنى « ئورگانىك دېھقانچىلىق » دەپ ئاتايمىز.  ئورگانىك مەھسۇلاتلار ئۆزىگە خاس ئىشلەپچىقىرىش پرىنسىپى ۋە شەرتلىرى بولغان دېھقانچىلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇپ،  مەھسۇلاتلار تەكشۈرۈپ بېكىتىشلەردىن ئۆتكەندىن كىيىن ئورگانىك كىنىشكىسى ئېلىپ « ئورگانىك » ماركىسى بىلەن بازارغا چىقىشى لازىم. ئورگانىك دېھقانچىلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاۋۋال ھېچقانداق ھاشارەت ۋە ياۋا ئوت ئۆلتۈرگۈچ، خىمىيەلىك ئوغۇت ۋە ھورمونلار ئىشلىتىلمىگەن بولىشى، چاچقان ئۇرۇقنىڭ گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن بولىشى، ئېتىزلىقنى سۇغارغان سۇلارنىڭ ھەرخىل خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن بۇلغانمىغان بولىشى، ئەگەر بۇرۇن ئورگانىك دېھقانچىلىق ئېلىپ بېرىلمىغان بولسا تۇپراقنىڭ زەھىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن چىققان ھوسۇلنى تۇپراققا بېرىش شەرتى بىلەن ئۈچ يىل تۇپراقنى پەرۋىش قىلىش كېرەك. بۇ شەرتلەرگە ئۇيمىغانلارغا قائىدە بويىچە ئورگانىك كىنىشكىسى بېرىلمەيدۇ. سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ھازىر پۈتۈن دۇنيادا دېھقانچىلىقنىڭ پەقەت %2 سى ئورگانىك دېھقانچىلىق ئىكەن.  بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى ، ئورگانىك مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخى يۈكسەك، كۆپ زامان ئالىدىغان، شەرتلىرى قىيىن بولغاچقا ناھايىتى ئاز مىقداردا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى نۇرغۇن نورمال ئىنسانلارنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ سەۋەپلىك ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدا قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك يېمەكلىرىمىزدە 3000 دىن ئارتۇق خىمىيەلىك ماددا بار بولۇپ، بەدىنىمىز بىر يىلدا 2 كىلودەك ھاشارەت دورىسى ئالماقتا. بۇ خىل شارائىتتا بەدىنىمىزنىڭ ساغلام قېلىشى، كېسەل بولماسلىقى ۋە  تەبىئي ھايات سۈرۈشىمىز چۆلدىكى ئىزلاردەك تولىمۇ يىراق، تېپىش شۇنچىلىك تەس بولۇپ قالدى.

ئەسلىدە ئورگانىك دېھقانچىلىق مۇھىت ساغلاملىقنىڭ بىر ھالقىسى بولۇپ بۇ مۇھىت چەمبىرىكى ئىچىدىكى ھەر بىر ھالقا ئۆز فۇنكىسىيەسىنى ئوبدان جارى قىلدۇرغان چاغدا بىر پۈتۈن ئېكىلوگىيەلىك ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ھالقىلارنىڭ بىرسىدىن مەسلە چىقىپ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغاندا بىر پۈتۈنلىك ۋە تەبىئىيلكتىن سۆز ئىچىشىمىز چۈش بولۇپ قالىدۇ.

1 گىرام تۇپراقتا مىليونلىغان مىكروئورگانىزم بار بولۇپ، تۇپراققا جانلىقلىق بەخش ئەتكەن نەرسە دەل بۇ مىكروئورگانىزملاردۇر. ئەگەر خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىلگەن تەقدىردە بۇلار ئۆلىدۇ ۋە تۇپراقلارمۇ 20 يىلغا بارماي تېرىسا گىياھ ئۈنمەيدىغان ئۆلۈك تۇپراققا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئېتىزنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولغان يىلانلار، قۇشلار ۋە باشقا ھاشاراتلارنى دورىلار بىلەن يوقىتىپ ئېكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزغاندىن كىيىن پەيدا بولىدىغان بالايۇ- ئاپەتنى كونترول قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. دۇنيا سۇ مىقدارىنىڭ %70 نى دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغانلىقىمىزدىن  تۇپراقلىرىمىز شور تۇپراققا ئايلانغاندىن كىيىن سۇغىرىدىغان سۇنى ئازايتىش ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلىۋاتقان چېكەتكە ۋە قۇرغاقچىلىق  ئاپەتلىرى بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى.

بۇ خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان توخۇ- توشقان، قوي- پادىلارمۇ ئورگانىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئورگانىك بولمىغان مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلغان بىزلەرنىڭ ساغلاملىققا ئېرىشىشى، تەبىئي ھالىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشى ناھايىتى تەس. كەچمىشتە دېھقان بوۋامنىڭ تېرىغان ھەممە نەرسىسى ئورگانىك ئىدى، ئۇ تەبىئي مۇھىتتا ياشىغانلار نە قەدەر تەلەيلىك ئىدى! ئۇ مەھسۇلاتلاردا ئاجايىپ بىر تەم ، بىر پۇراق، بىر مۇھەببەت ۋە ئەڭ مۇھىمى بىرساغلاملىق بار ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇنداق تەبىئي بۇنداق ئورگانىك دەپ ئۆز- ئۆزىمىزنى ئالدايمىز،  خالاس. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى تەبىئىيلىك، ئورگانىك بولۇش پەقەت بىر سۈپەت مەسىلىسى بولماستىن ئۇ ئەينى ۋاقىتتا بىر ساغلاملىق، بىر سۆيگۈ، بىر دۇنيا قاراش ۋە بىر ئىنسانلىق مەسىلىسىدۇر. 


   http:// beslenmebulten.com/besin-serkan yimsel

   ali ekber yılldırm- üretme tüket


كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى