مىللىي تىبابەتمۇ؟ زامانىۋى مېدىتسىنامۇ؟

پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى،  بىر تەرەپتىن ھاياتىمىزنى قولايلاشتۇرۇپ تۈرلۈك ئۇچۇر- مەلۇماتلارغا بولغان تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئۇچۇر- مەلۇماتلارنىڭ كۆپلۈكى، مەنبەسىنىڭ سەرخىللىقى، ئاساسلىق ئوبىيېكتى بولغان ئىنسان ۋە ئېرىقنىڭ كۆپچىللىقىدىن تۈپەيلى ئەقلىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ مەسىلىلەر ھەققىدە توغرا ۋە ئېنىق قارار چىقىرىشىمىزدا بىزنى گاڭگىرتىپ قويماقتا. بۇ قارار ئىنسان ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق مەسىلىسىگە كەلگەندە تېخىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. كېسەللەر، نېمە قىلىش كېرەك؟ قايسى شەكىلدە داۋالىنىش؟ قايسى دوختۇرغا كۆرۈنۈش؟ قايسى بۆلۈمگە مۇراجىئەت قىلىش؟ دېگەندەك جاۋابى ھەرخىل سوئاللارنىڭ قىيىناشلىرى ئاستىدا كېسىلىنى داۋالاتماي تۇرۇپ يېڭى بىر كېسەلگە، پسىخىكىلىق ئەندىشىگە گىرىپتار بولماقتا. بۇ ئەھۋال «ئىزچى»نىڭ بۇ زاماندا  دوختۇر بولماق تەس، ئەمما كېسەل بولماق ئۇنىڭدىنمۇ تەس، دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرسى، ھەرخىل مىللەتنىڭ تىلى ۋە ئىدىيە قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى ئوخشاش مەنا، ئوخشاش غايىنى كۆزلىگەن  ئۇقۇملارغا پەرقلىق ئىسىملارنى قويۇشى ۋە ئۇنى پەرقلىقتەك دەپ قوبۇل قىلىۋېلىشىدۇر.  مەسلەن، ئىنساننىڭ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تىبابەت كەسپىنىڭ ئەرەبچە لۇغەت مەنىسى« بىر ئىشنى ئىنچىكە ۋە ئېھتىيات بىلەن تەكشۈرۈش» بولۇپ،  بۇ ئىشنىڭ ئۇستىلىرىغا تابىپ يەنى تېۋىپ دېيىلمەكتە. ئوخشاش مەقسەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھىندى- ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىۋاتقان« medicina/medicus » يەنى مېدىتسىنانىڭ  يىلتىزى  « med »  بولۇپ « ئۆلچەش، تەكشۈرۈش» مەنىسىگە ئىگە. بۇ ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەنلەرگە فرانسۇزچە« docteur »، ئىنگلىزچە« doctor » يەنى  دوختۇر دېيىلمەكتە.  ئەمما ئەمەلىي ھاياتىمىزدا ۋە ئىدىيەمىزدە ئوخشاش مەنا ۋە غايىنى ئىپادە قىلىدىغان تىبابەت بىلەن مېدىتسىنا ، تېۋىپ بىلەن  دوختۇر ئاتالغۇسىنىڭ مەنىلىرى بىر- بىرىدىن ئاسمان- زېمىن پەرق قىلماقتا.

سەۋەبلىرىدىن ئىككىنچىسى، ئىنسانلارنىڭ قىلنى قىرىق يېرىشنى بىر خىل ئۇستاتلىق دەپ بىلىۋېلىپ، بىر پۈتۈننى پارچىلاپ قولغا تەگكەن غەنىمەتلەرنىڭ خوشلىقىدا پىكىر دائىرىسىنىڭ تارىيىپ، پىكىرلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلىكتىن مەھرۇم قېلىپ بىر پۈتۈن رەسىمنى ئەمەس رەسىمنىڭ بىر پارچىسىنىلا يەنى بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈۋېلىشىدۇر.  بۇرۇنقى تېۋىپلار  ساغلاملىققا پارچە- پارچە ئەمەس  بىر پۈتۈن مۇئامىلە قىلاتتى. كېسەللەرگە ئۇلار ياشىغان مۇھىت، يۇرت، يېمەك- ئىچمەك ۋە ھاۋاسى قاتارلىق بىر مۇنچە ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ داۋا قىلاتتى. ھەتتا 1761- يىلى فرانسىيەدە تۇنجى « مال دوختۇرلىرى مەكتىپى»  قۇرۇلغانغا قەدەر ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى تېۋىپ داۋالايتتى. ھازىر بولسا تىبابەت « تەرەققىي قىلىپ» بىر ئىنسان بەدىنى 94 ئاساسى بۆلۈمگە بۆلۈۋېتىلگەن بولۇپ، دوختۇرخانىلاردا ئەڭ ياخشى تىبابەت ئۇسۇلى كېسەللەرنى توپ قىلىپ بۇ بۆلۈملەر ئارىسىدا پاسلاشماق بولۇپ قالدى. لېكىن ھازىرمۇ بەدەن  ساغلاملىقنى  بىر پۈتۈن ئېكىلوگىيەلىك ساغلاملىقتىن ئايرىپ قارىمايدىغان ، بىر پۈتۈنلۈك قارىشىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان دوختۇرلارمۇ يوق ئەمەس. دۇنياغا داڭلىق تېۋىپ William Osler  ھەم« McGill »مېدىتسىنا پاكۇلتىتى ھەمدە« Montreal » مال دوختۇرلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ئوخشاشلا    Calvin schwabe 1984- يىلى يازغان « مال دوختۇرلۇقى ۋە ئىنسان ساقلىقى » ماۋزۇلۇق كىتاب  مىدېتسىنا ساھەسىدە  بىر پۈتۈنلۈك ئىدىيىسىنى ياقلايدىغان كاتتا ئەسەردۇر.

سەۋەبلىرىدىن يەنە بىرى بولسا، تىبابەتنى نۆۋەتتە زامانىۋى، مىللىي ياكى ئەنئەنىۋى دەپ ئايرىيدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم بولغان بىئومېدىتسىنا تەتقىقات ئۇسۇللىرىنىڭ بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ مونوپوللۇقىدا بولىشى، مەقسەتنىڭ ئىنسان ساغلاملىقدىن  ھالقىپ پايدا- مەنپەت كۆزلىشى ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا ساغلاملىقنى قوغداشنى تاشلاپ   كېسەل داۋالاشنى مۇھىم دەپ بىلىشتەك « ئسىتراتېگىيەلىك» چۈشەنچە بۇرۇلىشىدۇر. ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىنسانلارغا ساغلاملىق  بەخش ئەتكەن تىبابەت ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى يېڭى تەتقىقات ئۇسۇللىرىدىن مەھرۇم قالغاچقا 19- ئەسىرلەردە ئۇنىڭ ئورنىغا زامانىۋى مېدىتسىنا دەسسەشكە باشلىدى. ئىنسان ساغلاملىقىنى يېگانە غايىسى دەپ بىلگەن، مال- دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس پەقەت ئىنساننىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىزدەنگەن تېۋىپلار ئىلغار پەن- تېخنىكا كۆزەينىكى بىلەن بىر پۈتۈنلىكتىن مەھرۇم ماسكىسىنى تاقىغان دوختۇرلارغا ئايلاندى.

يىغىنچاقلىغاندا مىللىي تىبابەتمۇ؟ زامانىۋى مېدىتسىنامۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى نە زامانىۋى پەن- تېخنىكا ئۇسۇلىدىن مەھرۇم، ئىنسان قۇرۇلمىسىدىن بىخەۋەر، خۇددى زىيانسىز بىغۇبارلىق لىباسىغا ئورىنىۋالغان، يۈزەكى ئىلمىيلىك ئۇپا- ئەڭلىكى بىلەن پەردازلانغان مىللىي تىبابەت ئەمەس، نە مەقسىتى پەقەت داۋالاش ۋە پايدا- مەنپەئەتنى كۆزلىگەن، ئىنسان بەدىنىنى پارچىلاپ بىر پۈتۈنلۈكنى يوقاتقان، ئىلغار پەن- تېخنىكىنى ئەڭگۈشتەر دەپ توۋلاپ ساتقان زامانىۋى مېدىتسىنامۇ ئەمەس.  بۇنىڭ چارىسى، ئىسمى مەيلى مىللىي تىبابەت ياكى زامانىۋى مېدىتسىنا بولسۇن ئىنسان ساغلاملىقىنى ئەڭ ئالىي غايە دەپ بىلىدىغان نىيەت، ساغلاملىقنى  قوغداشنى داۋالاشتىن مۇھىم دەپ بىلىدىغان ئىدىيە، ساغلاملىقنى بىر پۈتۈن  ئېكىلوگىيەلىك ساغلاملىقتىن  ئىزدەيدىغان پوزىتسىيە، مال- دۇنياغا تىز پۈكمەيدىغان جەسۇر ئىرادە ۋە ئەركىن تەپەككۈر، بۇقرات ۋە ئىبن سىنادەك ئەنئەنۋى بىلەن زامانىۋىيلىكنى بىر بىردىن ئايرىپ قارىمىغان، پەن- تېخنىكىنى مەقسەت ئەمەس قورال سۈپتىدە ئىشلەتكەن، تىبابەتنى مېدىتسىنا ئايلاندۇرغان ھەكىملەردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ پىكىر دۇنياسى ۋە  ساغلاملىق  لۇغىتىدا بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى ئوخشاش ئىدى.

: ali haydar bayat -  tıp tarihi

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر