روزا تەبىئىي دورا-1

 گەرچە ئىنسانلار ئۆزلىرى ھېس قىلالمىسىمۇ، قىممەت ۋە ھۆرمەت جەھەتتىن  كائىناتنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئادەم ئوغلى ئۈچۈن جىمى مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقات ئوچۇق- مەخپى شەكىلدە كىچە-كۈندۈز خىزمەت قىلماقتا. قۇياش نۇرى ھاياتىمىزغا ھارارەت، سۈزۈك سۇلار چاڭقىغان يۈرەكلەرگە ئابىھايات، ھاۋادىكى ئوكسىگېن نەپسىمىزگە بەرىكەت،  زىرائەتلەر- ھايۋاناتلار كۈچسىز بەدىنىمىزگە ئوزۇق، گۈل- چېچەكلەر دىماغىمىزغا ئىلھام، تىنىچ تەبىئەت روھمىزغا دەرمەن بولماقتا.  يەنى تەبىئەت بىر چوڭ شىپاخانەدەك بىر تەرەپتىن  تەبىئىي ماددىلار بىلەن بىزنى ئوزۇقلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئىي يول ۋە دورا- دەرمەك بىلەن ساغلاملىقىمىزنى قوغدىماقتا. تەبئىيلىكنىڭ ئىلمىيلىكى1 تېمىسىدىكى ماقالىدە دەپ ئۆتۈلگەندەك زامانىۋى مېدىتسىنا بۇ تەبىئي ۋە قولاي داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئەمدىلەتىن تونۇپ يېتىشكە باشلىدى.  بۇنىڭغا ئوخشاش بەدىنىمىزنىڭمۇ تاشقى ئامىللاردىن مۇستەقىل ئۆز ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان تەبىئىي ئۇسۇل ۋە چارىلىرى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ روزا.

روزا ھازىرقى زامانىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز ۋە ناتەبىئىي ئوزۇقلىنىش شەكىللىرىمىز تۈپەيلى خىزمەت يۇكى ۋە خىزمەت سائىتى كۈنسىرى ئېشىۋاتقان بەدەنلىرىمىزنىڭ تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن تەتىلى بولۇپ، بۇ سۆيۈملۈك ئورگانلىرىمىزغا بىرىلگەن تەبئىي ھەق. بىز ئويلاپ يېتەلمىگەن بۇ ھەق بېرىلمىگەن تەقدىردە ئەزالىرىمىز ھەقسىزلىككە ئۇچرايدۇ، ساغلاملىقىمىز دەخلى- تەرۇزگە.  ئوخشاشمىغان مىللەت ۋە مەدىنىيەتلەردە پەرقلىق شەكىللەر، پەرقلىق مەقسەتلەردە روزا تۇتۇلسىمۇ بۇلارنىڭ ئورتاق فىزولوگىيىلىك نۇقتىسى ئورگانلارنى ئارام ئالدۇرۇش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش. روزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھدىلىكلىرىنى ھېس قالغان تىببىي ئۈنۋىرسىتىدىكى پىروفىسور ئوقۇتقۇچىلىرىمىز « سىلەرنىڭ بۇ ئادىتىڭلار بەك ياخشى » دەپ تەرىپلەپ كىتەتتى. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ قوياش كېرەككى روزا پەقەت سالامەتلىك ئۈچۈن تۇتۇلمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولغان تەقدىردە ئۇنىڭ ئىسمى ئىبادەت ئەمەس تەنھەرىكەت بولىدۇ. بۇ ماقالىدە بۇ تەنھەرىكەت قىسمىنىڭ ئىنسان بەدىنىگە كۆرسەتكەن پايدىلىق تەرەپلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1. روزىنىڭ ئەڭ مۇھىم فۇنكسىيىسى بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرمەك. بۇ قورغان كۈچلەنگەندىن كېيىن ئەسىلىدە ۋۇجىدىمىزنىڭ نۇرغۇن كېسەللەرگە بولغان تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتى ئاشىدىغان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ بىز نورمالدا پەرق قىلالمايدىغان ئاستا خاراكتېرلىك مىكروبسىز ياللۇغىغا قارتا كۆرەش قىلىش كۈچى ھەسسىلەپ ئارتىدۇ.  ئەسلىدە بۇ  مىكروبسىز ياللۇغ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يېمەك- ئىچمەكلىرىمىزدىن ھاسىل بولغان ئەخلەت- چاۋارلارغا قارتا كۆرسەتكەن رېئاكسىيسى بولۇپ ، بۇ ئاستا خاراكتېرلىك ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدە يۇرەك كېسىلى، قان بېسىمى ۋە شېكەر كېسىلى قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىمىز. ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى- ئىممۇنىتېت سىستېىمى2 تېمىسىدىكى ماقالىمىزدە بۇ  ئەخلەت- چاۋارلارنىڭ تىببىي ئىسمىنىڭ AGE  ۋە بۇ كىرلىرىمىزنى سۈپۈرىدىغان سۈپۈرگىمىزنىڭ تىببىي ئىسمىنىڭ  sRAGE ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. تەتقىقاتلار روزىنىڭ ئىنسان بەدىنىدىكى  ياللۇغ كۆرسەتكۈچلىرى سەۋىيىسىنى چۈشۈرۈپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.3

2. ئەگەر روزىنى توغرا تۇتۇپ، بۇ تەنھەرىكەتنى جايىدا ئىلىپ بارغاندا، ۋۇجۇدىمىزنىڭ ھەربىرىنى ئىشغال قىلىپ ئىسكەتىمىزنى بۇزىۋاتقان، كېسەللىك كۆرۈنىشى بىرىۋاتقان ياغلارنى كۆيدۈرۈپ، سېمىزلىكتىن قۇتۇلۇپ، ساغلام ۋە كۆركەم بەدەنگە ئېرىشىمىز. بەدەندىكى بۇ ئاناتومىيىلىك ئۆزگىرىشتىن كىيىن، ئەزالىرىمىزنىڭ فۇنكسىيىسى ۋە پىسخىلوگىيمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كىلىدىغان بولۇپ، خۇددى ئانىمىزنىڭ قورسىقىدىن يىڭى تۇغۇلغاندەك، پۈتۈن ئاسان ھېرىپ- چارچاش، يەپ تويماسلىق، ئۇيقۇسىزلىق، چۈشكۈنلۈك، خورەك تارتىش، قەۋزىيەت، ئادەت ئاغرىقى قاتارلىق نۇرغۇن بىئارامسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلىشىمىزغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئورۇقلاش ئېنىرگىيمىزنى خوراشتىن قوغداپ قالىدىغان بولۇپ، تەبىئىيتىمىزگە ئۇيغۇن بولغان ئورۇقلاش يىڭى تۇغۇلۇشتۇر. بىر ئىلمىي ئوبزور شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى مەلۇم ئارىلىقلاردا 12-3 ھەپتە روزا ئىنسان بەدىنىدىكى ياغلارنىڭ %16 -%9 چۈشۈرىدىغان بولۇپ، نورمالدا ئىنسانلار ئورۇقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇلايدىغان  كالورىيە ھېسابى بىلەن قىلىندىغان پەرزلەردىن تىخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىكەن. 4   ئامما ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەردىن بىرى روزىنى تەتۈر تۇتۇپ سېمىزلەپ كېتىش ۋە ئورۇقلىغاندىن كىيىن بۇ خىل ھالەتنى ساقلاپ قالالماي تەكرار سەمرىش. شارغا ئوخشاش بۇ خېل بىردەم سەمىرىپ، بىر دەم ئورۇقلاشنىڭ ئەزالىرىمىزغا بېرىدىغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ بىزگە بىر ئىشنى قىلىشتا ئاز بولسىمۇ داۋاملىلىقنىڭ مۇھىملىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى، خاتا قىلىشتىن قىلماسلىقنىڭ تېخىمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەكتە.

داۋامى كىيىنكى ماقالىدە....

1.تەبئىيلىكنىڭ ئىلمىيلىكى:

https://www.hekimizi.com/2021/01/blog-post_28.html

2.ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى- ئىممۇنىتېت سىستېىمى:

https://www.hekimizi.com/2021/02/blog-post_11.html

3. DOI: 10.1016/j.nutres.2012.06.021

4. DOI: 10.1111/j.1467-789X.2011.00873.x 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى