ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى- ئىممۇنىتېت سىستېمىسى

بىر دۆلەتنىڭ، دۆلەتنى تاشقى ۋە ئىچكى دۈشمەنلەردىن قوغداپ پۇقرالىرىنى ئاسايىش ھايات بىلەن تەمىن ئېتىدىغان ئىستىخبارات ۋە خەۋپسىزلىك تەشكىلاتلىرى، ئەسكەر ۋە ساقچىلىرى بولغاندەك، بىر كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللىرىنى ھەر خىل ۋىرۇس ۋە جاسۇس پروگىراممىلاردىن ساقلاپ كومپيۇتېرنىڭ ئۈنۈملۈك، توسالغۇسىز شەكىلدە خىزمىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان بىخەتەرلىك تاملىرى ۋە ۋىرۇسقا قارشى پروگىراممىلىرى بولغاندەك، ئىنسان بەدىنىدىمۇ ساغلاملىقىمىزنى  قوغداش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن بىر بىخەتەرلىك تورى بار بولۇپ، بۇ سىستېمىنى بىخەتەرلىك سىستېمىسى نۇقتىسىدىن  ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئەقىللىقى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سىستېمىنىڭ ئىسمى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بولۇپ بۇ مېدىتسىنادا ئايرىم بىر ساھە سۈپتىدە ئوقۇتۇلۇپ تەتقىق قىلىنىدۇ. تەتقىق قىلىنغانسېرى بۇ سىستېمىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە مۇكەممەللىكى ئىنساننى ھەيران قالدۇرماقتا ۋە بۇ ساھەدىكى يېڭى كەشپىياتلار مېدىتسىنانىڭ تەقدرىنى، يېڭى دورا ۋە داۋالاشنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلمەكتە.

بۇ سىستېما بۇرۇنقى يازمىلىرىمىزدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك، ساغلاملىقىمىزنى قوغدىغۇچى بىر قورغان. ھەقىقى كېسەللىك بۇ قورغاننىڭ يىقىلىشى بىلەن باشلايدۇ. ئەسلىدە بۇ مۇكەممەل ۋە ئەقىللىق قورغان ئۆزىمىزنىڭ پەرۋاسىزلىقى، بىخۇدلۇقى ۋە خائىنلىقى قاتارلىقلار بولمىسا، تاشقى دۈشمەن ( مىكروبلار)  ۋە ئىچكى دۈشمەن (راك ھۈجەيرىلىرى) لەرگە  ئاسان يېڭىلمەيدۇ. بۇ سىستېما تۇغما (innate) ۋە ئۆگىتىلگەن (adaptive)  دېگەن ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئىنسان تۇغۇلۇشىدىن باشلاپ ئۆزىگە خاس تۇغما ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئىگە بولىدۇ.  ئىنسان ياشاش جەريانىدا ياشاۋاتقان مۇھىتى، تۇرمۇش ئەندىزىسى، يېمەك- ئىچمەك ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن، ئۇنىڭدا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان  خەۋپسىزلىك سىستېمىسى تەرەققىي قىلىپ شەكىللىنىدۇ.

بۇ سىستېما تاشقى دۇنيا ۋە ۋۇجۇدىمىزدىكى پۈتۈن ئۇچۇرلار، مەلۇماتلار ۋە ئاخباراتلار ساقلانغان DNA (گىن) مىز بىلەن بىۋاستە ئالاقە قۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئالدى بىلەن ناتەبىئىي نەرسىلەرنى دۈشمەن دەپ تونۇپ ئۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بەدىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تاش- تۇپراق يېسەكمۇ، ئۇلار تەبىئىي بولغان تەقدىردە بۇ سىستېما دوست دەپ بىلگەچكە بەدىنىمىزگە زىيان قىلمايدۇ. ئەگەر خىمىيەلىك دورا ياكى سۈنئىي تېتىتقۇلار ئىشلىتىلگەن مەھسۇلاتلاردىن  ئاش- تاماق قىلىپ يېسەك ئۇلارنى دۈشمەن بىلىپ ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا ، فىزىئولوگىيەلىك ( تىرە ، قىل )، خىمىيەلىك (بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى)  ۋە بىئولوگىيەلىك ( ھورمون، ھۈجەيرە زەررىچىلىرى) قوراللىرى بىلەن بومباردىمان قىلىشقا باشلايدۇ. بەدىنىمىزمۇ بۇ كۈرەشلەرگە سەھنە بولۇپ ئۇرۇشنىڭ تەسىرلىرىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. تەرلەيمىز، بۇرنىمىزدىن سۇ كېلىدۇ، قۇسىمىز، ئىچىمىز سۈرىدۇ، تېرىمىز قىچىشىپ قىزىرىدۇ، يۆتىلىمىز ۋە قىزتىمىز. بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى كېسەللىك بولماستىن ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ناتەبىئىي دۈشمەنلەر بىلەن قىلغان كۈرىشىنىڭ ئىپادىسى بولۇش بىلەن بىرگە،  نورمال خەۋپسىزلىك خىزمىتى ئىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا بۇلارنىڭ ھەقىقىتى ۋە ھىكمىتىنى تونۇپ يەتسەك، بۇلار بىر ئازاب بولماستىن بەدىنىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن رەخمەتتۇر. شۇڭا ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ خىزمىتىگە توسالغۇ بولماي ئۇنى ئۆز ئەركىنلىكىگە قويۇپ بەرسەك ئۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ توغرا، مۇۋاپىق ۋە ساغلام بولغاننى بىلىدۇ.  لېكىن بىز ئۆزىمىزدىن بىخەۋەر، ئاتالمىش ئاقىل ۋە كۆپ نەرسىدىن غاپىل!

ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى توختىماي ئىشلىتىپ ئۇپرىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل  يېمەك- ئىچمەكلىرىمىزدىن ھاسىل بولغان ئەخلەت- چاۋارلار بولۇپ،  ئۇنىڭ تىببىي تېرمىنى « AGE »دۇر.   يېقىنقى تەتقىقاتلاردا« 19-Covid » ۋىرۇسىغا ئېغىر دەرىجىدە مۇپتىلا بولغانكېسەللەردە « SRAGE » دەپ ئاتىلىدىغان كىرلىرىمىزنى سۈپۈرىدىغان سۈپۈرگىمىزنىڭ ئۇششاق شاخچىلىرى تۆكۈلۈپ تاز خوتۇننىڭ بېشىغا ئوخشاپ قالغانلىقى كۆرسىتىلدى.  

تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان بۇ قورغاننى ئاسراش، ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان ناتەبىئىي تۇرمۇش ئەندىزىسىگە خاتىمە بېرىش، ئۇنى ئاز يەپ ئاز ئىچىش ئارقىلىق ئارام ئالدۇرۇش، تەنھەرىكەت بىلەن كۈچلەندۈرۈش، كۈرەش ئەسناسىدا ئۇنىڭغا ھەر خىل قالايمىقان دورا- ئوكۇللار بلەن قارشى چىقماستىن، تەبىئىي ئۇسۇللار بىلەن يار- يۆلەك بولىشىمىز لازىم. ھەقىقىي كېسەللىك بۇ قورغاننىڭ يىقىلىشى بىلەن باشلايدۇ. بۇ قورغاننىڭ ۋەزىپىسى تەبىئىيلىكنى دوست، ناتەبىئىيلىكنى دۈشمەن دەپ تونۇشتۇر! 


①  http://doi.org/10.1080/1354750x.2020.1861099

AGE: advanced glycation endproducts

sRAGE: soluble receptor for advanced glycation endproducts


كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى