تېببىي تارىختىكى ئىزلار

 ئىنسانلارنىڭ تېببىي تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئىنسان ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كەشپىياتلار ۋە يېڭىلىقلار- مەيلى كىچىك مەيلى بۈيۈك بولسۇن- ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق قارىشىنى، دىئاگنوز ئۇسۇلىنى ۋە داۋالاش پرىنسىپىنى يىلتىزىدىن  ئۆزگەرتىپ بەزەن ئىنسانلارغا ساغلاملىقنىڭ، سائادەتنىڭ ئىشكىنى ئاچقان بولسا، بەزەن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى يىڭى كېسەللىك، بالايۇ- ئاپەتنىڭ ئىشىكىنى قاققان بولدى.             Emmanuelle Charpentier  ۋە Jennifer Doundna  نىڭ 2020 - يىل نوبىل خىمىيە مۇكاپاتىنى ئىلىشىغا سەۋەب بولغان CRISPR-Cas9   گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسى بىر تەرەپتىن بەزى گېنېتىك كېسەللىكلەرگە ئۈمىت بولىشى بىلەن بىزنى ھاياجانلاندۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسان گېندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق ۋە پېچەتلەنگەن ئۆينىڭ بۇ ئاچقۇچىنى ئوغرىلايدىغان بەزى ئاتالمىش ئىنسان ساغلاملىقىنڭ                    « قوغدىغۇچىلىرى» تەرىپىدىن يامان نىيەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، ئىنسان گېنىنى خۇددى ماقالە تەھرىرلىگەندەك قالايمىقان قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنسانلارنى قورقۇتماقتا. شۇڭا كېسەللەر ۋە ئىنسانلار پۈتۈن يىڭى نەتىجىلەرگە ۋە كەشپىياتلارغا بەدەن ، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقنى كۆزلەيدىغان بىر پۈتۈنلىك تەپەككۈر كۆزى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. چۈنكى نۇرغۇن كەشپىياتلار ئىككى بىسلىق پىچاققا ئوخشايدۇ. مۇھىم بولغىنى قايسى بىسى بىلەن كېسىشكە باغلىق.  تېببىي تارىخنىڭ ئىزلىرىغا بىر نەزەر تاشلايلى :

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000- يىللاردا مىسىرلىق İmhotep  ئىسمى خاتىرلەنگەن تۇنجى دوختۇر ئۇنۋانى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 400- يىللاردا مېدىتسىنانىڭ ئاتىسى نامى بىلەن مەشھۇر بۇقرات  (Hippokrates) تىبابەتنىڭ تۇنجى قائىدىسى« ئاۋۋال زىيان بەرمە!»  نى بېكىتتى.

مىلادى 200- يىللاردا جالىنۇس (Galen ) يىڭى نەزەرىيە ۋە قىلغان ئوپېراتسىيەلىرى بىلەن تېببىي تارىختا يىڭى سەھىپىلەر ئاچتى.

مىلادى 900- يىللاردا شەرقنىڭ جالىنۇسى دەپ شۆھرەت قازانغان ھەكىم رازى مەشھۇر مېدىتسىنا كىتابىنى يازدى. چېچەك ۋە قىزىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى  تۇنجى قىتىم بىر- بىرىدىن ئايرىغان  كىشى بولدى.

مىلادى 975- يىللاردا « پۈتۈن ئوپېراتىسيەچىلەرنىڭ ئۇستازى » نامى بىلەن مەشھۇر زەھراۋىي نۇرغۇنلىغان ئوپېراتسىيە ئۈسكىنىلىرىنى ئىجاد قىلدى ۋە 30 توملۇق تېببىي شەجەرىسىنى يازدى.

1000- يىللاردا ئىبىن سىنا 14 توملۇق دۇنيا مېدىتسىنا دەرسلىكى دەپ بىلىنىدىغان « تېببىي قانۇن » كىتابىنى يازدى.

1250- يىللاردا داڭلىق ھەكىم ئىبىن ئەل نەفىس ئۆپكە قان ئايلىنىش سىستېمىسىنى تۇنجى تەسۋىرلىگەن كىشى بولدى.

1590- يىلى  مىكروسكوپ Hans Janssen تەرىپىدىن ئىجاد قىلىندى.

1674- يىلى باكترىيە Anton van leeuwenhoek  تەرىپىدىن بايقالدى.

1796- يىلىEdward Jenner   تەرىپىدىن چېچەك ۋاكسىنىسى ئىجاد قىلىندى. 

1819- يىلى  Rene Laennec تىڭشاپ بىلگۈچ ( stethoscope) نى ئىجاد قىلدى.

1860- يىلى William Morton  تەرىپىدىن « مەس قىلغۇچى دورىلار » ئوپېراتسىيىلەردە ئىشلىتىشقا باشلاندى.

1865- يىلى Louis Pasteur تەرىپىدىن دېزىنفىكسىيە ئۇسۇللىرى قوللىنىشقا باشلاندى.

1895- يىلى رىنتىگىن فىلىمى Wilhelm Roentgen تەرىپىدىن ئىجاد قىلىندى.

1908- يىلى Paul Ehrlich  تەرىپىدىن تۇنجى ياللۇغ قايتۇرغۇچ ئىجاد قىلىندى.

1921- يىلى Frederick Banting and Charles Best  ئىنسۇلىننى ئىجاد قىلدى.

1953- يىلى ئىنسان گېننىڭ تۈزۈلۈش مودېلى Frances Crick and James Watson  تەرىپىدىن كۆرسىتىلدى.

بۈگۈنگە قەدەر ئىجاد قىلىنغان باشقا نۇرغۇن كەشپىياتلارنىڭ كۆپى شىركەتلەرگە ۋەيا ئورگانلارغا ئائىت بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تارىخى نەتىجىسىگە بەلكى 100- 200 يىلدىن كېيىن باھا بەرسەك ئەڭ توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن!

پەقەت ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزلەيدىغان يىڭى كەشپىياتلارنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ، يىڭى پەن- تېخنىكىنىڭ نوقۇل ئىنسان سائادىتى ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىپ بۇ تارىخى ئىزلارغا قىلغان ئىزچىلىكىمنى نوقتىلايمەن.



CRISPR-Cas9 :clusters of regularly interspaced short palindromic repeats- CRISPR-associated protein 9

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى