بىلىم، ئىلىم ۋە ھىكمەت

 دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى، ئىشلىتىۋاتقان تىللارنىڭ سەرخىللىقى، ھەر مىللەتنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدىكى بولۇپمۇ پەن- مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى باشتىن كەچۈرگەن پەرقلىق تەرەققىيات باسقۇچلىرى ۋە بۇنىڭغا ماس ھالەتتە شەكىللەنگەن پىكىر سىستېمسى تۈپەيلى ئوخشاش غايە ۋە ئۇقۇملار ئۈچۈن پەرقلىق ئىسىملار ۋە ئاتالغۇلار قوللىنىلىشقا باشلاندى. قەدىمقى يۇنان دەۋرىدە ئىلىمنى، ھىكمەتنى سۆيىدىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتىنى، ھاياتىنى سەرپ قىلغان ئىنسانلارنى ، يەنى ئالىملارنى يۇنانچە « سۆيۈش، ياخشى كۆرۈش » مەنىسىدىكى « phileo » كەلىمىسىگە « ئىلىم، ھىكمەت» مەنىسىگە ئىگە « sophia  » كەلىمىسىدىن تۈزەلگەن «philosophia  » يەنى پەيلاسوپ ئىسىمى بىلەن چاقىراتتى.   بۇ ئىسىم تۇنجى قېتىم pisagor  تەرىپىدىن قوللىنىلىشقا باشلانغاندىن كىيىن تىخىمۇ كەڭ- كۆلەمدە يايغىنلاشتى ۋە  شەرق مىللەتلىرىنىڭ تىلىغا كىرىشى بىلەن ئەسلىدە ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئىلىم، ئالىم دەك ئىسىملار بولسىمۇ ، يۇنانچە پەلسەپە، پەيلاسوپ ئىسىملىرى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. بولۇپمۇ بىلىمنىڭ ئۆزىگە خاس تەجرىبە ئۇسۇلى بىلەن ئىلىم دۇنياسىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ غايىسى توغرىلارنى، ھىكمەتنى ئىزدەپ تېپىش بولغان ئىزدىنىش ھەرىكىتى نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنۈپ ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ، بەس- مۇنازىرىلەر كۆپىيىپ، مەقسەت قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

تۆۋەندە مىنىڭ زېھىن سىستېمامدىكى مەنىلىرى بويۇنچە بۇ ئۇقۇملارنى يىغىنچاقلاپ ئۆتىمەن. پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى، ئۇلارنىڭ سەۋەپ- نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ، مۇتلەق توغرىلارنى يەنى ھەقىقەتلەرنى ھىكمەت دەيمىز. بۇ ھىكمەت كەڭ دائىرلىك ئۇقۇم بولۇپ كائىناتتىكى پۈتۈن جانلىق- جانسىز شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھىكمەتنى، ئىرپاننى تېپىشقا تېرىشقانلارنى تىخىمۇ توغرىسى بۇ ھىكمەت نېسىپ بولغانلارنى ھاكىم يەنى ھىكمەت ئىگىسى، دانا دەيمىز. ھاكىملار دۇنياغا بىر پۈتۈن نۇقتىنەزەردىن قارايدىغان بولغاچقا ئۇلار ئۈچۈن ماددا بىلەن مەنا، جىسىم بىلەن روھ ئايرىلماس بولۇپ گەرچە ھادىسىلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى پەرقلىق بەزىدە زىت كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، ھاكىملارنىڭ ئىدىيىسىدە ئورتاق مەنزىلگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ئورتاق بىر مەنبەدىن كۈچ ئالىدۇ. ھىكمەت مۇتلەق توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن تارىخ، زاماننىڭ تەرەققىياتى پەقەت بۇ ھىكمەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى بۇ تەبىئەتنى، جەمئىيەتنى، كائىناتنى بىلىش پائالىيىتىدە ئىشلىتىشىگە ئەگىشىپ، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا ۋە قاچىنماس بىر شەكىلدە ئىنسانلارنى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى مۇھىم نىشان قىلغان، تەجرىبىخانىلاردا تەجرىبە قىلىش مۇمكىن بولمىغان، مەنالارغا مەركەزلەشكەن دىن، تارىخقا ئوخشاش ئىلىملەر، ماددىي شەيئىلەرنى ۋە ئىچىدىكى قانۇنلارنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان، تەجرىبىلەر بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشىدىغان، ماددىغا مەركەزلەشكەن ماتېماتىكا ، فىزىكا دەك بىلىملەر مەيدانغا كەلدى. ئىلىمگە ئۆزنى ئاتىغانلارغا ئالىم، بىلىمگە بەل باغلىغانلارغا، ماددىلارنىڭ قانۇنلىرىنى كەشىپ قىلغانلارغا پەنشۇناس ۋەيا بىلىم ئىنسانى دەيدىغان بولدۇق. مەيلى ئالىم بولسۇن مەيلى پەنشۇناس بولسۇن گەرچە مەقسىتى ئوخشاش ئىلىم- پەن تۇرۇپ، بىر قىسىم ساھەلەردە مەلۇم توغرىلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەقىلنىڭ ئۆزىدىكى بەزى چەكلىملىكلىرى، مۇراجات قىلغان مەنبەلىرىنىڭ پەرقلىق بولىشى، ئەڭ مۇھىمى ماددا- مەنا ئارىسىدىكى بىغى ئۈزۈلگەنلىكتىن  ئۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ مۇتلەق توغرىلارغا يەنى ھىكمەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى تارىخ بىزگە كۆرسىتىپ بەرمەكتە. نۇرغۇن پەيلاسوپ، ئالىملار ۋە پەنشۇناسلارنىڭ بەزى بىلىم ساھەلىرىدە توغرىلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى تېمىلاردا ئۇ چاغدىكى پىكىرلىرىنى ھەقىقەت ساناپ جۆلىگەنلىكىنى زامان بىزگە نامايان قىلماقتا.

يىغىنچاقلىساق، گەرچە تىلىمىزدا ئوخشاش مەناغا ئىگىدەك كۆرۈنسىمۇ، ھىكمەت-ئىلىم- بىلىم، ھاكىم- ئالىم- پەنشۇناس ئارىسىدا چۇڭقۇر پەرقلەر بار. مەيلى ئالىم بولسۇن مەيلى بىلىم ئىنسانى بولسۇن شەيئىلەرگە ھىكمەت نۇرى بىلەن باقمىسا، ماددا ۋە مەنا نۇقتىسىدىن بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە تەپەككۇر قىلمىسا، بىزدەك ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى بىلەن ئويغىنىشقا، ھايات سەپىرىمىزدە ئۇلارنىڭ ياققان مەشئەللىرى بىلەن مېڭىشقا تېرىشىۋاتقانلارمۇ ئۇلارغا ۋە نەتىجىلىرىگە ئادىل پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلمىغاندا، قولغا كەلتۈرگەن توغرىلارنى ھىكمەت بىلىپ قالىمىز ۋە دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ، تەرەققىياتى بىلەن ئۆزگەرگەن توغرىلارغا قاراپ قايمۇقۇپ قالىمىز.

پەقەت ھىكمەت ئۆزگەرمەس، ھىكمەت ھەقىقەتتۇر! 


①  Nogay kerimoglu- felsefenin kısa tarihi


كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى