ئىز قالدۇرغان ھەكىملەر

 بىلىم بىلەن ئىلىم قوشكېزەك ئىكەن، ئىلىم- پەننىڭ مەنبەسىنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە شاھىد بولغان تارىختىكى ئالىم، پەيلاسوپلارنىڭ بىر قىسمى ھەكىم، ھەكىملەرنىڭ بىر قىسمى ئالىم ئىدى. گەرچە ھاكىم سەۋىيىسى ھەركىمگە نېسىپ بولمىسىمۇ ئەمما تېبابەت ساھەسىدە بىرەر ھەكىملەر ئىدى. ئىنسانلىق تارىخىدا ئىز قالدۇرغان ھەكىملەرنىڭ بىر قانچىسىنى تۆۋەندە ھۆرمەت ۋە مىننەت بىلەن ياد ئەتمەكچىمەن.

لوقمان ھەكىم

ياشىغان دەۋر بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تالاش- تارتىش بولسىمۇ قولىمىزدىكى ساغلام مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، لوقمان ھەكىم ھەقىقەتەن ھاكىملىق نېسىپ بولغان بىر ھەكىم ئىدى.

« ئەي ئوغلۇم، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەبىر قىل. زېمىندا غادىيىپ يۈرمە. ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن! »

« كىمكى كۆپ يېيىشتىن ساقلانسا، كۆپ دورا يېيىشتىن ئازاد بولىدۇ »

« ئەي ئوغلۇم، كۆپ يېمە! چۈنكى كۆپ يېيىشتىن دىل كۆزى تۇتۇلىدۇ، قەلبىنى دات باسىدۇ »

سوقرات ( Socrates ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 470 )

« بىلىدىغان بىر نەرسەم بار ئېسە، ئۇدا  ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغانلىقىمدۇر »

« ھەقىقى خۇشاللىق ۋە ساغلاملىققا ئېرىشمەك ئۈچۈن روھ بەدەنگە ھاكىم بولۇش كېرەك »

بۇقرات (Hippocrates  ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى  460 - 370 )

« ئەڭ ئاۋۋال زىيان بەرمە! »

« پەلسەپىنى تېبابەتتىن، تېبابەتنى پەلسەپىدىن ئايرىماسلق لازىم»

« بەزىدە خىلىت ۋە مىزاج كېسەللىكنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسىدۇر»

ئارىستوتېل (  Aristotel مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 384- 322 )

« پەزىلەت ئورتا يولىنى تۇتۇشتۇر، دۆلەتنىڭ بار بولۇش سەۋەبى خەلقىنى خۇشال قىلىشتۇر»

« بەدىنىڭنى دورىغا قىلما ئادەت، ئەڭ بۈيۈك  دورا سابىر- قانائەت»

« غىزايىڭ بولسا گەر يېنىك ۋە لەتىپ، مىزاجىڭ ھېچقاچان بولمىغاي زەئىپ»

جالىنۇس ( Galen ، مىلادى 129 - 200 )

« ئىنساننىڭ ھەم باي بولىشى، ھەمدە تېبابەتتە يۈكسەك چوققىلارغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىككىسىدىن بىرنى تاللاش مەجبۇرىيىتىندە! »

«  بۇقرات باي بولۇشنى كۆزلىمەستىن بەدەن ۋە روھ تەڭپۇڭلۇقىنى كۆزلەمىش، پەرز ۋە قانائەتكارلىق يولىنى تۇتمۇش. بىزمۇ ئاۋۋال ئىلىم ئۈگۈنۈپ،  تېبابەت بىلىمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلساق بۇقراتتىن ئېشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن»

ئەل رازى ( Rhazes ، مىلادى 865 - 915

« كېسەللىكنىڭ باشلانغۇچىدا ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش بىلەن داۋالاشقا باشلا، ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش يېتەرلىك بولسا دورا ئىشلەتمە . تەك دورا يېتەرلىك بولسا، مۇرەككەپ دورا ئىشلەتمە! »

« ھەر كېسەل ئايرى بىر دۇنيا، ئايرى- ئايرى داۋالاش ئىلىپ بېرىش كېرەك »

« ئىقلىم ۋە پەسىللەرنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا تەسىرى چوڭ »

ئەل زەھراۋىي ( Albucasis  ، مىلادى 960  - 1013 )

« تەبىئي چىشلارنى تارتقۇزماستىن قوغداپ قىلىش بەك مۇھىم، چۈنكى ئۇنىڭ يېرىنى ھېچنىمە تولدۇرالمايدۇ »

« ھامام، تېرە ئۈستىدىكى كىچىك تۆشۈكلەرنى ئاچار، يەللەرنى سۆكۈپ ئاتار، خىلىتنى سۇيۇقلاشتۇرۇر، ئاغرىقنى توختۇتار، بەدەننى ئوزۇقلىنىشقا ھازىرلار »

ئىبن سىنا ( Avicenna ، مىلادى980 - 1037 )

ھەركېسەللىك بىر مىكروبتىن پەيدا بولماقتا، ئەمما ئۇنى كۆرەلەيدىغان ئەسۋاپىمىز يوق. پاكىزلىق بۇ مىكروپلارنىڭ بىزنى كېسەل قىلىشىدىن قوغدايدۇ »

« ئىنسانلارنىڭ تەن ساقلىقى ئۈچ ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ساق بولۇش، كېسەل بولۇش ۋە نە ساق نە كېسەل بولغان ئۆتكۈنچە ھالەت»

« دوختۇرغا ئىھتىياجىم چۈشمىسۇن دېسەڭ، ئاز يە، ئاز ئۇخلا، ئاز گەپ قىل»

« ئاز يە! يېگەندىن كىيىن تولۇق ھەزىم بولغانغا قەدەر يېمە. چۈنكى شىپا يېمەك ھەزىم بولغاندىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىقار»

« بىلىمسىزلىكنىڭ ئەڭ يامىنى ، ئۆزىنى بىلمەسلىكتۇر! »

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى