ھەكىم مۇ ؟ دوختۇر مۇ؟

 قەدىمقى زامانلاردا ئىلىم بىلەن بىلىمنىڭ كىندىك بېغى ئايرىلمىغاچقا، ئالىم- پەيلاسوپلارنىڭ قەلبى ئىلىم- پەن ئىشقىدا كۆيۈپ تۇتۇشقاچقا، ئىلىم قايسى يەردىن كەلسە كەلسۇن، قايسى ساھە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ئۇنى ئۆگىنىشكە، ئۇنى تەپەككۈر قىلىشقا، ھېكمەتلەرنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشاتتى. شۇڭا بىر پەيلاسوپ ئوخشاش ۋاقىتتا ھەم ماتىماتىكچى، ھەم ئاستورنومچى، ھەم سىياسەتچى ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇ دەۋرنىڭ بىر قىسىم ئالىملىرى ئەينى ۋاقىتتا ھەكىم، ھەكىملەرنىڭ بىر قىسىمى پەيلاسوپلار ئىدى.  ئۇلارنىڭ غايىسى ئىلىم، تۇتقىنى بىلىم ، ئېرىشكىنى ھىكمەت ۋە پەزىلەت، كۆرەش قىلغىنى غەپلەت ۋە مەنپەئەت ئىدى.

دەۋر « تەرەققىي » قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىيتى ئۆزگەردى. ئىلىم- پەن مەقسەت بولۇشتىن چىقىپ كەسىپ بولۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ ئالىملار پەزىلەت ئىگىسى بولۇشتىن ئۇزاقلىشىپ مەنپەت ئىگىلىرى بولۇشقا باشلىدى. تېبابەتتىمۇ  كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى، ئىنسانلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەكىملەر ئازىيىپ، مېدىتسىنانى شەخسى ئارزۇلىرىنىڭ قورالى قىلىۋالغان، ساغلاملىقنى مەقسەت ئەمەس كەسىپ قىلىۋالغان دوختۇرلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئالدىنقى ماقالىمىزدە تەكىتلەنگەن ھاكىم- ئالىم- پەنشۇناسلار ئارىسىدا چوڭقۇر پەرق بولغاندەك ھاكىم كەلىمىسنىڭ تۈردەشى بولغان ھەكىم بىلەن دوختۇر ئارىسىدىمۇ ئاسمان - زىمىن پەرق بار. ئاساسلىق پەرقلەر تۆۋەندىكىچە:

1 . ھەكىم ئەڭ ئاۋۋال كېسەللەرگە بىر ئىنسان سۆيگۈسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. كېسەلنىڭ دىنى ، ئىرقى، مىللىتى، مەدەنىيىتى ۋە ئىدىلوگىيسى نېمە بولسا بولسۇن ھەتتا كېسەل دۈشمەن بولغان تەقدىردىمۇ ھەكىم شاھابىددىن ئېيتقاندەك- « قىلىچ بىلەن قېنىنى تۆكىمەن ئەمما، ئۆلتۈرگۈچ دورا بەرمەيمەن ئەسلا »- بىر ئىنسانىي پوزىتسىيە بىلەن ئۇلارنى غەرەزسىز داۋالايدۇ، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلىمايدۇ.  ھەكىم مەرھەمەتنىڭ ۋەكىلى.

2. ھەكىم كېسەللەرنى  بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە تەھلىل قىلىدۇ ۋە جىسىم بىلەن روھنى بىر- بىرسىدىن ئايرىپ قارىمايدۇ. بەزەن ئىنسان روھىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ بەدەننى ئاغرىقلارغا مۇپتىلا قىلسا، بەزەن ئاغرىقلارنىڭ روھقا تەسىر قىلدىغانلىقىدىن ئىبارەت سەۋەپ- نەتىجە مۇناسىۋەتلەرنى ئىنچىكە ئايرىپ چىقىپ ھەم روھنى ھەم جىسىمنى داۋالايدىغان بىر پۈتۈنلۈك ئىدىيىسىگە ۋە قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. كېسەللىكلەرگە تەسىر قىلىدىغان باشقا نۇرغۇن ئۇنسۇرلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن كېسەللەر بىلەن پاراڭلىشىدۇ، دەرتلىشىدۇ ۋە كېسەللەرنىڭ سىرداش دوستى بولۇشقا تىرىشىدۇ. كېسەل- دوختۇر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بۇ ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا ھەكىمنىڭ دورىسىلا ئەمەس، ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە بىر ئېغىز گەپ- سۆزىمۇ كېسەللەرنىڭ شىپا مەنبەسى بولىدۇ.

3. ھەكىم توغرا دەپ بىلگىنىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇلايدىغان، تەۋسىيەلىرنى ئۆزى دەسلەپ ھاياتقا تەدبىق قىلىدىغان، دورا- رېتسىپلارنى تۇنجى بولۇپ ئۆز بەدىنىدە سىناق قىلىدىغان، ئىمام گازالىدەك بىر كېسەلگە ھەسەلنى پەرھىز قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۆز بەدىنىدىكى يېگەن ھەسەلنىڭ تەسىرى تۈگىگىچە 40 كۈن ھەسەل يېمەيدىغان سۆزىگە سادىق ئىنسانلاردۇر. تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز چېكىۋالىدىغان، پەرھىز قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋارقىراپ تۇرۇپ ئۆزى ئۆلگۈدەك يەۋالىدىغان، تەن- ھەركەت ساغلاملىقنىڭ ئاچقۇچى دەپ كېسەللەرگە تەۋسىيە قىلىپ ئۆزى يېتىۋالىدىغان تىۋىپ- دوختۇرلار ھەكىملىك بوسۇغىسىغا تېخى يىتىپ بارالمىغانلاردۇر.

4. ھەكىم مەنپەتنى مەقسەت قىلمىغان، مېدىتسىنانى كەسىپ ئەمەس مەرىپەت دەپ ئىگەللەيدىغان، مەقسەت مەرىپەتتىن مەنپەئەتكە قايغان زامان، ئۇ پەيتتىكى سەۋىيەنىڭ كىشىنىڭ مەرىپەتتە ئۇلىشالايدىغان ئەڭ يۈكسەك پەللىسى بولۇپ قالدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن كىشىدۇر. مائاشى كۆپ دەپ كەسىپ سۈپتىدە دوختۇرلىقىنى تاللىغانلار تېخى باشلانغۇچتىلا ھەكىم بولۇش نېسىۋىسىدىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ. ماقالىنى، ئىزچى ھېس قىلغان چېغىدا ھاياجانلانغان ئەمما ئىزچىدىن 1900 يىل ئەۋۋەل ياشىغان ھەكىم جالىنۇس تەرىپىدىن ئېيتىلغانلىقىنى كۆرگىنىدە ھەيران قالغان ھەقىقەت بىلەن نۇقتىلىماقچى. « ئىنساننىڭ ھەم باي بولىشى، ھەمدە تېبابەتتە يۈكسەك چوققىلارغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىككىسىدىن بىرنى تاللاش مەجبۇرىيەتىندە! »

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى