روھ قانداق كېسەل بولىدۇ؟

 روھ كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش مىخانىزىمىدىن ئاۋۋال دۇنيانىڭ روھ كېسەللىكلەر ئەھۋالىغا بىر نەزەر تاشلايلى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي سان- سىفىرلىرىغا ئاساسلانغاندا دۇنيادا ئۈچ كىشىنىڭ بىرسىدە روھ ھالىتىدە مەسلە بار بولۇپ، دۇنيادا 264 مىليون ئىنسانغا چۈشكۈنلۈك ( Depression ( دىئاگنوزى قويۇلغان ئىكەن. ئىككى قۇتۇپلۇق چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 45 مىليون ، روھىي پارچىلىنىش( Schizophrenia ( بىلەن كېسەل بولغانلارنىڭ سانى 20 مىليونغا ئۇلاشماقتا. بۇ ئەھۋال ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق بولۇپ چۈنكى چۈشكۈنلۈك  ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشتەك كېسەلنىڭ ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە ئېغىر روھى بىسىم ئىلىپ كىلىدىغان، نەتىجىدە ئۇلارنىمۇ روھ كېسىلى قىلىپ قويىدىغان تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشماقتا. دۇنيا مىقياسىدا ھەر يىل 800000 ئىنسان بۇ كېسەللىكتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش 15-19 ياش ئارىسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى مۇھىم ئۆلۈم سەۋەبى.

بىر- بىرىمىزگە مۇھتاج، بىر- بىرىمىزگە باغلانغان بۇ ئىنسانلار جەمئىيىتىدە بۇ روھ كېسەللىكى پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي زىيانمۇ جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ زىممىسىگە ئېغىر يۈكلەر ئىلىپ كەلمەكتە. ياپونىيە نوپۇسىنىڭ %6.6 سى چۈشكۈنلۈككە مۇپتىلا ئىكەن. ھەر يىل بىر مىليونغا يېقىن كىشى بۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئىشىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولىدىغان بولۇپ ئىقتىسادىي زىيان 26 مىليارد دوللار ئىكەن. 1  ياۋروپادا بولسا نوپۇسنىڭ %6 سى چۈشكۈنلۈك ئىچىدە بولۇپ، ئىقتىسادىي زىيان 129 مىليارد دوللار ئىكەنلىكى ھېسابلانماقتا. 2 بۇ رەقەملەرنىڭ نەقەدەر بۈيۈكلىكىنى ، ئىنسانلىق ئۈچۈن نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى < ساغلاملىق تۈمەن بايلىق >  تېمىدىكى ماقالىمىزدە سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. روھ كېسەللىرى ئۈچۈن يېزىلىۋاتقان دورىلارمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ساغلاملىق راسخوتىنىڭ بۈيۈك قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ئىنسانلار نان- سۇغا خەجلىگەن پۇلدىن جىقراق پۇلنى بۇ دورىغا سەرپ قىلماقتا.

روھ كېسەللىكى تارىختىن بۇيان " شەيتان يالىۋالدى " ، " جىن چاپلىشىپ قاپتۇ"، " ساراڭ بولۇپ قاپتۇ" دېگەندەك ئىسىملار بىلەن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بەزىسى ئاجايىپ كۈلكىلىك، بەزىسى ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش ئىلىنىپ باراتتى. 16-17- ئەسىرلەردىن كىيىن روھ كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا قەدەم تاشلاشقا باشلىدى. 19 - ئەسىردە سانائەتلىشىشنىڭ نەتىجىسى سۈپتىدە بۇ كېسەللىكلەرنىڭ سانىدا پارتىلاش خاراكتېرلىق ئارتىش يۈز بەردى. ۋەقە سانىدىكى بۇ ئارتىشلار خەلقئارادا كېسەللىكىنىڭ دىئاگنوزى، سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش جەھەتتە ئورتاق تىلغا بولغان ئېھتىياجنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پىسخولوگىيە بىرلىكى( APA ( تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان روھ كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇش ئۆلچەملىرى( DSM -5 دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىشلىتىشكە باشلاندى.

ئەمدى روھ كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش مىخانىزىمىغا كېلەيلى. بۇ كېسەللىكنى تونۇش ئۈچۈن ئاۋۋال روھنىڭ بارلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان بەدىنىدىكى رولىغا ۋە كۈچىگە ئىشىنىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش لازىم. ئىبىن سىنا ئېيتقاندەك <  روھنىڭ بىر كۈچى باردۇر، ئۇ كېسەللىك پەيدا قىلالىغانغا ئوخشاش، كېسەللىكلەرنى يوقۇتۇشقۇمۇ قادىر. بەدەن، روھنىڭ تەلىماتىغا ئىتائەت قىلىش مەجبۇرىيتىدە > .  دېمەك روھ كېسەللىكلەرنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ئۇنىڭ مەۋجۇدىيتىنى ئىنكار قىلىشتۇر.

19 ئەسىردىن بۇيان مودا بولغان مەنتىقچى- پوزىتىۋىست پەلسەپە ئېقىمىنىڭ مەسىلىلەرگە پەقەت سىناق- تەجرىبە نەتىجىلىرىگە ئاساسەن مۇئامىلە قىلىشتەك پوزىتسىيىسى ئىنسانلارنىڭ زېھنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ روھنىڭ بارلىقى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا نۇرغۇن شۇھپىلەر ئىلىپ كەلدى. ئەمما كۋانت( Quantum  ( قانۇنلىرى بىلەن خولىستىك( Holostic ( يەنى بىر پۈتۈنلۈك دەۋرنىڭ ئىشىكىنى قېقىشقا سەۋەبچە بولۇۋاتقان پەن- تېخنىكا تەتقىقات نەتىجىلىرى بۇ تۈر ئىنسانلارغا روھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ تەرەققىياتلار روھ كېسەللىرىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەبچى بولامدۇ؟ زامان ئىسپاتلايدۇ.

روھ كېسەللىكىنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى، روھ ساغلاملىقىنى قوغداشقا، ئۇنىڭ ئوزۇقلىنىش ۋە كۈچلەندۈرۈشكە بولغان بىپەرۋالىقىمىز. ۋۇجۇدۇمىزغا ئوخشاش روھىمىزمۇ تەبىئي ئوزۇقلىنىشقا، تەن- ھەركەت بىلەن كۈچلەندۈرۈشكە مۇھتاج. شۇنداق بولغان تەقدىردە روھ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز بولغان ۋىجدان ۋە ئىرادىمىز كۈچلىنىپ، روھ كېسەللىكلەرگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك قورغاننى بەرپا قىلغان بولىمىز. بۇنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز ئالدىمىزدىكى < روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟ > تېمىسىدىكى ماقالىمىزگە بىر نەزەر تاشلاڭ.

 

1. Japan Times, 2012 / Wedge , Ryutaro Kaibe

2. King's College, 2014

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى