پىسخولوگ مۇ؟ پىسكىياترسىت مۇ؟

 ئىنسانلار بۇ ھايات سەپىرىدە مەنىلىك ياشاش ۋە شاد- خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن بىر ساغلام روھقا بەكمۇ ئېھتىياجى بار. بۇ ساغلام روھقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال ھاياتنىڭ غايىسىنى بىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كەلدى؟ نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ئاقىۋىتى نېمە؟ دىگەندەك ئىنسانلىق تارىخى باشلىغاندىن تارتىپ جاۋاپ تېپىشقا تېرشىلغان بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىشى، روھنىڭ ئېھتىياجىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تەپەككۈر ۋە ئەقىل بىلەن پاكىز مەنبەلەردىن ئالغان پىكىر- چۈشەنچىلەر بىلەن ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۇنى چېنىقتۇرۇش، روھى سىقىلغاندا بۇ بىرىككەن مەنپىي تۇيغۇلارنى تۆكىدىغان بىر ئىللىق ئائىلە، ئىتتىپاق جەمئىيەت بەرپا قىلىش شەرت. ئەگەر بۇلارنى قىلالمىغاندا، روھىمىز ئاچ- سۇسىز قىلىپ، ھايات چۆللەرىدە قاغجىرىغان بۇ روھ بىتاپ بولۇپ، ۋۇجۇد دەلدۈش بولۇپ قالىدۇ. بۇ روھ مەسىلىلىرى بىلەن بوغشىۋاتقان ئىنسانلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ بۇزۇلغان تۇيغۇ، ئەقىل ۋە ھەرىكەتلىرىنى تۈزەپ، يارا ئالغان قەلىبلىرىگە مەلھەم بولۇش ئۈچۈن 18- ئەسىرلەردىن بىرى پىسخولوگىيە ۋە پىسكىياترى ( روھ كېسەللىكلىرى  ) دىن ئىبارەت ئىككى بىلىم ئوتتۇرىغا چىقتى.

پىسخولوگلار 4 يىللىق پىسخولوگىيە ئىلمىي بويۇنچە تەربىيىلەنگەندىن كېيىن بۇ ساھەدە دوكتورلۇق ياپسا كلىنىك پىسخولوگلارغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەنپىي چۈشەنچە قىلىپلىرىنى تېپىپ چىقىپ، بۇلارنى تۈزىتىش بىلەن ئىنسانلارنىڭ تۇيغۇ ۋە ھەرىكەتلىرىنى تىخىمۇ مۇۋاپىق بىر شەكىلدە ئىپادىلەشكە ياردەم قىلىدۇ. بۇلار مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۇتتۇرمىگەنلىكى ئۈچۈن دورا بىلەن داۋالاش ئىلىپ بارالمايدۇ. ئۇلارنىڭ داۋالاش چارىسى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئاڭ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلىرىنى تۈزىتىشنى ئاساس قىلغان پىسخولوگىيلىك داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.

پىسكىياترسىتلار مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بۇ ساھەدە 4 يىللىق مەخسۇس تەربىيىلىنىش ئارقىلىق مۇتەخەسسىس ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ روھ كېسەللىكىگە داۋا بولۇش يولى دورا يېزىشنى ئاساس قىلىدۇ. بەزىلىرى پىسخولوگىيلىك داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن دورا ئارقىلىق داۋالاشنى تەڭ ئىلىپ بارسا، بەزىلىرى  پىسخولوگىيلىك داۋالاش ئۇسۇلى ئۈچۈن كېسەللەرنى كلىنىك پىسخولوگلارغا ھاۋالە قىلىدۇ.

بۇلار ھەقىقەتەن بۇ روھ كېسەللىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇۋاتامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇلار كۈنسىرى ئېشىپ بىرىۋاتقان روھ كېسەللىرى ئىلىپ كەلگەن ئېغىر خىزمەت يۈكى، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ چەكلىكلىكى، داۋالاۋاتقان كېسەللەرنىڭمۇ ئۆزنى ئۆلتۈرۋىلىشىدىن ئىبارەت تىراگىدىيەلەر قارشىسىدا ئۆزلىرى روھ كېسىلى بولۇشقا نامزات. پىسكىياترسىت Eugenio Borgna ، ئىنسانلارنىڭ بۇ روھ مەسىلىلىرىنى تونۇش، ھەل قىلىش جەھەتتە پىسكىياترسىتلارنىڭ ئامالسىز قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالماقتا. ئۇ ھەقىقەتەن توغرا دەيدۇ. پەقەت ئۆلچەم بىرلىكلىرى ۋە تەجرىبە ئۇسۇللىرىغا تايىنىدىغان بۇ ئىككى ئىلمىي كەسىپ ئۆز ئىچىدىكى چەكلىمىلەر ۋە كەمچىللىكلەر تۈپەيلى، ئىنسانلارنىڭ روھ ھالىتىدە ئۆزگىرىشلەر ئېغىرلىشىپ چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئىنسانلارنىڭ ھەركەت قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن چاغدا، يەنى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئۆلچىيەلەيدىغان باسقۇچقا قەدەم قويغاندا ئاندىن دىئاگنۇز قويۇپ داۋالاشقا باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە كېسەللىك ئاللىبۇرۇن باشلىغان بولىدۇ.

روھ كېسەللىكلەرنىڭ ئەسلىدە ئىنسانلاردا مەۋجۇت يارىتىلىش ۋە ھاياتنىڭ مەنىسى مەسىلىسى ئىكەنلىكى، روھ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتنى مەنىدارلاشتۇرۇش لازىملىقى، پىسخولوگ ۋە پىسكىياترسىتلارنىڭ بۇ ئېھتىياجلارغا يىلتىزدىن چارە بولالمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان يىڭى پىكىر ئېقىمى سۈپتىدە پەلسەپىۋى داۋالاش ( Philosophy Healing ) يېقىنقى 40 يىلدىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئەسلىدە تا ئىنسانلىق تارىخى باشلانغاندىن بۇيان ئىنسانلىق مەسىلىلىرىگە چارە ئىزدىگەن پەيغەمبەر، ئالىم ، پەيلاسوپلارنىڭ ئىلىپ بىرىۋاتقان خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرى بولۇپ قەدىمقى يۇنان پەلسەپىسىدىكى ئىسمى ئەمەلىي ياشاش دانالىقى ۋەيا تىخنىكىسىدۇر.

يىغىنچاقلىغاندا ئالدىنقى دەرسىمىزدە تەكىتلەنگەندەك روھنىڭ ئوزۇقى پىكىر- چۈشەنچە بولۇپ، ئۇنىڭسىز روھ بىتاب بولىدۇ. پىسخولوگ، پىسكىياترسىت سىزگە دىئاگنوز قويغان چاغدا ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. پەقەت پەلسەپە ئەمەس، مەنبەسى پاكىز بولغان ئىلىم ، يەنى  پەقەت ھەقىقەتلا بىزنىڭ روھىمىزغا داۋا، نەفسىمىزگە ھاۋا، بەدىنىمىزگە شىپا، ھاياتىمىزغا مەنا، تۇرمۇشۇمىزغا كۈلكە، مەسىلىلىرىمىزگە چارە بولىدۇ.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى