ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز

 ھەكىم ئىزى ساغلاملىق ئىزىدىن يۈرۈش، ساغلاملىق سىرىنى تېپىپ چىقىش سەپىرىگە ئاتلانغاندىن بىرى سىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەپەككۇرىنى قامچىلاش ۋە زىھنىدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىدى: تەبىئىيلىك مۇ، ئورگانىك مۇ؟ مىللىي تىبابەتمۇ، زامانىۋى مېدىتسىنامۇ؟ ھەكىم مۇ، دوختۇرمۇ؟ دورا مۇ، ئوغا مۇ؟  زامانىۋى دورا مۇ، دورا ئۆسۈملۈكلەر مۇ؟ ئوتخورلۇق مۇ، گۆشخورلۇق مۇ؟ روھ قانداق كېسەل بولىدۇ؟ روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟ پىسخولوگ مۇ، پىسكىياترىست مۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ئىككى مەقسەتكە يېتىشنى ئويلىدى.

 بىرىنچىسى ساغلاملىقنىڭ سىرىنىڭ تەبىئىيلىكتە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ نۇقتىئىنەزەرنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق، تەبىئىيلىكتىن ئىبارەت بۇ يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىسىنى خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈپ، ساغلاملىققا ئېرىشىشنىڭ، ساغلام ھايات سۈرۈشنىڭ ، كېسەللىككە خەير- خوش دېيىشنىڭ ئەسلىدە ئاددىي، قولاي، ئەمەلىي ۋە ئەزان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش.

ئىككىنچىسى سالامەتلىكنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكى، ساغلاملىقنىڭ بىر باشقىسىغا ھەتتا بىر دۆلەتكە ھاۋالە قىلىپ قويغىلى بولمايدىغان ھەق ۋە مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى، ئەسلىدە ھەر كىشىنىڭ ئەڭ ياخشى دوختۇرنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىشەنچ بىلەن ئىنسانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش.

ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟ سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى، روھ ھالىتىڭىزنى، ساغلاملىقىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئاشكارا- مەخپىي سەۋەبلىرىنى سىزدىن تىخىمۇ ياخشى بىلىدىغان باشقا بىرسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن مۇ؟ كېسەللىكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قان ئانالىزىدە كۆرۈنمەيدىغانلىقى، ئىلغار تېخنىكا ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممە كېسەللىكلەرنى تېپىپ چىقىشقا قادىر ئەمەسلىكى، روھ ۋە ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن مېدىتسىنانىڭ قول- پۇتى باغلاقلىقتىن ئىبارەت ھەقىقەت كۆز ئالدىمىزدا تۇرسا، پەقەت قان ئانالىز نەتىجىلىرىنى بىلىدۇ دەپ بىر دوختۇرنىڭ سىزنى سىزدىن ئوبدان بىلىدىغانلىقىغا  ئىشەنمەك، ئۆزىڭىزنى دوختۇرخانىغا ۋە مېدىتسىناغا تەسلىم ئەتمەك ئەقىلغا سىغامدۇ؟

بىز ھەرگىز دوختۇر ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ كېسەلگە چارە ، مەسىلىگە سەۋەب بولىشىدەك رولىنى ئىنكار قىلىپ بىمارلارنى ياردەم، مەسلىھەت ۋە داۋالاشتىن  مەھرۇم قىلىش نىيىتىدە ئەمەس. دېمەكچى بولغىنىمىز بۇ ياردەم، مەسلىھەت ۋە يا دوختۇرخانىدا يىتىپ داۋالىنىش بىر ئىنسان ئۆمۈر مۇساپىسىدە ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ، بىر يىلنىڭ قالغان قىسىملىرىندا ئۆزىڭىزگە ئىگە چىقىش ، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز دوختۇر بولۇش مەجبۇرىيتىندە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەك.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقلىقنى قوغداشنى ئەمەس داۋالاشنى ئاساس قىلىغان، ساغلاملىق ساپاسىنى ئاشۇرۇش ئەمەس، سەھىيە خىزمىتىنى سۇنۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر سەھىيە سېستىمىسدا، كېسەللىكنى بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە ، بىر پۈتۈن ئېكىلوگىيىلىك نۇقتىسىدىن ئەمەس بەلكى روھ بەدەندىن ئايرىۋېتىلگەن، ئىلمىيلىك بەدىلىگە بەدەن پارام- پارچە قىلىنىۋاتقان بىر مېدىتسىنا ئىلمىدە، بىر قىسىم دورا ۋە ئىستراخۇانىيە شىركەتلىرىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى بىر تىجارەت مەھسۇلاتى سۈپتىدە مۇئامىلە قىلىنىۋاتقان بۇ ئاچچىق رېئاللىقتا، دوختۇر- بىمار مۇناسىۋىتى دوسىت- يارەن مۇناسىۋىتىدىن سودىگەر- خېرىدار مۇناسىۋىتىگە ئايلانغان، بىر بىرگە بولغان ئىشەنچنىڭ، ھۆرمەت- مۇھەببەتنىڭ يوقاپ كېتىشكە يۈز تۇتقان بۇ خىل شارائىتتا ساغلام بولۇشنىڭ تەسلىكى، ساغلاملىقنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئەمەسلىكى، كېسەللىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ناھايىتى قىممەت ئىكەنلىكىنى سىزگە كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ ھەقىقىي چارىنىڭ ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىنى، ساغلاملىقىڭىزنىڭ قىممىتىنى ھېچكىم سىزدىن ياخشى قەدىرلىمەيدىغانلىقىنى بىر ھەقىقەت سۈپتىدە سىزگە تەقدىم قىلىش.

ساغلاملىق سىزنىڭ قولىڭىزدا، كېسەل بولماسلىق سىزنىڭ تىرشچانلىقىڭىزدا. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال كېسەل قارشىمىزدىن قۇتۇلشىمىز، كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى بولغان ناتەبىئىي ھايات ئەندىزىمىز ۋە ناتوغرا تۇرمۇش پوزىتسىيەمىزى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم. بۇ ساغلام ئاڭ بىلەن تەبىئەتكە قۇچاق ئىچىش، تەبىئىيتىمىزگە دىققەت قىلىش، تەبىئىي ئوزۇقلىنىش ۋە تەبىئي ياشاش- ساغلام بولۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئەمما تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان قەدەملەردۇر. بۇ قەدەملەرنى سىز تاشلىشىڭىز، بۇ يولنى سىز يۈرۈشىڭىز، بۇ ئامانەتنى سىز قوغدىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قەدىرلىشىڭىز لازىم.

ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز بولۇپ، ئۇنداق بولمىغاندا بۇقرات دىگەندەك « ئەگەر سەن ئۆزەڭنىڭ دوختۇرى بولالمىساڭ بىر ئەخمەقسەن! »

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى