ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى - 2

 11. ئەگەر بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ يېمەك -  ئىچمەك ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز لازىم. ئوزۇقلىنىش شەكلى ئۆزگەرمىگەندە ئەسلىدە ئۆزىڭىزنى ئەمەس كېسەلنى ئوزۇقلاندۇرغان بولىسىز. سىز ئۆزگەرمەي تۇرۇپ، شىپا بېرىلمەس، كېسەل ساقايماس.

12. قالايمىقان يېيىشتىن ساقلىنىڭ. ھەزىم قىلىش سېستېمىسىنىڭ بىر قانچە خېل تاماقنى ئوخشاش ۋاقىتتا ھەزىم قىلىشى تەس. ھەزىم بولمىغان يېمەك قالدۇقلىرى چىرىپ ئەخلەت - چاۋاغا ئايلىنىدۇ ، سىز ئەخلەت چېلىكىگە! بۇيەردىن تارالغان بەدبۇيلارنى سىز ھەر خېل شەكىلدە ھېس قىلالايسىز.

13. ھەر يېمەك -  ئىچمەكنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىدە ئىستىمال قىلىشقا دىققەت قىلىڭ. ياڭاق- بادام تالقىنىنى ئەمەس، ياڭاق- بادامنىڭ ئۆزىنى يەڭ. يېمەك -  ئىچمەكلەرنىڭ ھەر خىل گۈزەل شەكىلدە ئورۇلۇپ، قۇتا- شىشىلەرگە قاچىلىنىشى دېمەك، ئۇلارنى زىندانغا ئاتماق، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يوقاتماق دېمەك.

 14. بىز خاتا پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن يېمەكلەرنىڭ تەركىبىدىكى نۇرغۇن ۋىتامىن ۋە مىنېراللارنى ئۆلتۈرىمىز. شۇڭا كۈندىلىك يېمەك -  ئىچمىكىڭىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى خام شەكىلدە ئىستىمال قىلىشقا دىققەت قىلىڭ. ئوزۇقلۇقلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئوتقا ئاتماڭ!

15. كۈندە ئۈچ ۋاقىت تاماق يېيىش شەرت ئەمەس. ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن كۈندە ئىككى ۋاقىت تاماق بىلەن ھەم ۋاقىتتىن ئۇتىسىز، ھەم بىھۇدە جەڭگە- جېدەلدىن قۇتۇلىسىز. ئىككى تاماق ئارىسى چوقۇم ئەڭ ئاز 5- 6 سائەت بولىشى كېرەك. قوساق ئاچماي تۇرۇپ بىر نەرسىلەر يېمەك ئاشقازانغا قىلىنغان ئەڭ بۈيۈك زۇلۇم، چۈنكى ئۇ داشقازان ئەمەس !

16. كەچ سائەت 7- 8  دىن كېيىن بىر نەرسە يېمەڭ. بۇ ھەزىم قىلىش سېستېمىسىنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى.  ئاخشاملىق تامىقىڭىز يېنىك بولسۇن. ناشتىڭىزنى پادىشاھتەك، چۈشلۈك تامىقىڭىزنى مەمۇردەك، كەچلىك تاماقنى كەمبەغەلدەك يېسىڭىز، ساغلاملىق قەلەندەرسى بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ پادىشاھى بولىسىز!

17. ھەر كاپام تاماقنى ئوبدان چايناپ ئاندىن يۇتۇڭ. چىشىڭىزنىڭ خىزمىتى تاماقلارنى پارچىلاپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن چىشلىرىمىز قاتتىق ۋە ئۆتكۈر. ئوبدان چايناڭكى چىشىڭىزنىڭ ئاچچىقى چىقسۇن، يېمەكلەرنى پارچىلايمەن دەپ ئاشقازنىڭىزنىڭ پوقى چىقىپ يارا بولمىسۇن!

18. يېمەك بىلەن تەڭ سۇ ئىچسىڭىز، سۇ ھەزىم قىلىش ھورمونلارى ۋە ئېنزىملىرىنى يىراقلارغا ئېقىتىپ تاشلاپ ھەزىم قىلىشىڭىزنى تەسلەشتۈردۇ. سۇ ۋە چاينى ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن ئاۋۋال ۋەيا تاماقتىن كېيىن ئىچىڭ ۋە قوسىقىڭىزنى بىھۇدە غولدولىتىشتىن قېچىڭ.

19. تاماقتىن كېيىن ھەرخىل ناملار بىلەن تاتلىق ئىستىمال قىلىش، شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك يۇتۇشتەك ناتوغرا بىر ھەركەت. سىز شېكەر يۇتقاندەك ھېس قىلىسىز، ئەمما ھەزىم قىلىش سىستېمىسى زەھەر يۇتقاندەك بىئارام بولىدۇ. مىۋىلەرنىمۇ تاماقتىن بۇرۇن يېيىش ئەڭ توغرا بولغىنى.

20. سېمىزلىكتىن قۇتۇلاي دېسىڭىز، ئۆر تۇرۇپ ۋەيا ئورۇندۇقتا ئەمەس يەردە چازا قۇرۇپ تاماق يەڭ. شۇنداق بولغاندا ھەم توقلۇق ھېسسى ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا كۆپ يېيىشتىن قۇتۇلىسىز، ھەم يېگەن تاماق ئاشقازاندا ئۇزۇن قىلىپ ئوبدان ھەزىم بولۇشقا ياردەم قىلغان بولىسىز.

21. خاتا يېمەك -  ئىچمەكتىن كېيىن سىزنى ئۇيقۇ باسىدۇ، سېسىق كېكىرىش، ئېغىزدىن ئاچچىقسۇ كېلىش، ئېغىز پۇراش، قوساق ئېسىلىش، ھەق تۇتۇش ۋە قەۋزىيەتتەك ئالامەتلەر سىزگە قىلمىشىڭىزنى شىكايەت قىلىدۇ. بۇلاردىن دەرس ئىلىپ قىلمىشىڭىزنى تۈزىتىڭ.

22. يېمەك -  ئىچمەك ھەققىدىكى قارارىڭىز، سىزنىڭ سېمىز ۋەيا ئورۇق بولۇشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. قارار بېرىش ھوقۇقىنى ئۆز قولىڭىزغا ئىلىڭ. باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى دەپ، بويىڭىزدا قالمىسۇن ! سالاغا بوش دېمەك، ساغلاملىققا خوش دېمەك.

23. يېمەك -  ئىچمەك ئىنساننىڭ خاراكتېرىگە، ساغلاملىقىغا ۋە تۇرمۇش پەلسەپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۇنسۇرلاردىن بىرى. بۇقرات ئېيتقاندەك < تامىقىڭىز دورا، دورىڭىز تامىقىڭىز بولسۇن ! >

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى