ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى - 3

 24. ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ھەرخىل قالايمىقان دورا ئىچىشنى توختىتىش لازىم. دورغا ئىشىنىپ زەھەر ئىچمەڭ. ئارىستوتېل دېگەندەك:  < بەدىنىڭ دورىغا قىلمىسۇن ئادەت، ئادەت قىلساڭ ئەگەر بۇ يامان ئىللەت، پەقەت ئىللەتلا ئەمەس بەلكى زور زىللەت >  مىللىي تېبابەتنىڭ ئۆسۈملۈك دورىلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇششاق- چۈششەك ئاغرىق ۋە كېسەللەرگە سەۋر قىلىڭ، سەۋرلىك ئىنسان ساغلامدۇر ھەرقاچان.

25. تاماكا چېكىپ ھاياتتىن كەچمەڭ. تاماكا ۋە باشقا تۈتۈنلەر راستىنلا راك پەيدا قىلىدۇ. تاماكىنىڭ ئىسلىرى نەپەس كانايلىرىڭىزنى قارايتىپ توسۇۋالغاندا، بۇ كانايلارنى قاقماق ئۈچۈن توقماق لازىم بولىدۇ. ھەم پۇلىڭىزنى ھەم ساغلاملىقىڭىزنى كۆيدۈرۈپ تاشلىماڭ، ئەركەك ۋە ئاياللىقىڭىزنى خەتەرگە ئاتماڭ.

26. ھاراق ھەلەقتۇر، مەستلىك پەسلىكتۇر. بۇ يىلقى ئەڭ يىڭى تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى، ھاراقنىڭ قىزىلى- ئېقى، پىۋىسى- ۋوتكىسى، ئاز- كۆپ دېمەستىن مىڭە ھۈجەيرىلىرىگە ئاجايىپ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

27. ھەرىكەتچان بىر ھايات ئەندىزىڭىز بولسۇن. ساپاغا قېقىلىپ تىلۋۇزۇر ئالدىدا ھاياتىڭىزنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە يول قويماڭ. ئىزچى ئېيتقاندەك: < ئولتۇرمىغىن بىر يەردە ئۇزاق، ھەرىكەتسىزلىك ساقلىققا توزاق. ھەرىكەتسىز ئادەمنىڭ ئۆمرى بىبەركەت، ھەرىكەتسىز تەندە تېپىلماس قۇدرەت >

28. كۈندە ئەڭ ئاز ئىككى لىتىر سۇ ئىچىڭ. ئىچىدىغان سۈيىڭىزنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىڭ. چۈنكى بەدىنىمىزدىكى ئەخلەت- چاۋالارنى پەقەت يېنىك ۋە جانلىق سۇلار ئېرىتەلەيدۇ. ئەمما ھەددىن زىيادىمۇ سۇ ئىچمەڭ. چۈنكى نىزامى دېگەندەك: < سۇ گەرچە بولسىمۇ شېرىن ۋە زىلال، ئارتۇقراق ئىچىلسە كەلتۈرەر مالال >  سۇنىڭ PH  دەرىجىسى 7.5 - 8.5 ئارىسىدا بولىشى لازىم.

29. ئەڭ ساغلام سۇ تەبىئىي بۇلاق سۈيى. تۇرۇبا سۇلىرىنىڭ ئىچىدە كېلۇر بار بولغانلىقى، كېلۇر راك پەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىچمەڭ. ئەگەر ئېچىش توغرا كەلسە، كېلۇرنىڭ ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن ئۇنى قاچىدا ۋەيا كوزىدا بىر سائەت تىندۇرغاندىن كىيىن ئېچىڭ ۋەياكى سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىڭ. كونىلار دېگەندەك قايناق سۇ داۋا سۇ. سودا سۈيى گازلىق بىر ساختا ئىچىملىك! سوغۇق چاي ۋە قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرى  سىزنىڭ قۇۋۋىتىڭىزنى، ساغلاملىقىڭىزنى ۋە پۇلىڭىزنى ئوغرىلايدۇ خالاس.

30. چاي ۋە سۈزمە قەھۋە ئىچسىڭىز بولىدۇ. بولاقلىق ۋەيا شېكەر، سۈت پاراشوكى بار قەھۋەدىن ئۇزاق تۇرۇڭ. يېشىل ۋە قارا چاينىڭ بىر بىرسىدىن ئۈستۈنلۈكى يوق. چاينىڭ ئوكسىدلاشقا قارشى كۈچىنى قوغداش ئۈچۈن يىڭى دەملەنگەن چايدىن ئېچىڭ، تۇرۇپ قالغاندىن قېچىڭ. نەۋادىر يازغاندەك: < چاي روھقا قۇۋۋەتتۇر، ئىللەتنى ھەيدەر، يۈرەك ۋە قوللارغا قۇۋۋەتنى ھەيدەر>

31. مېۋىلەرنىڭ ئۆزىنى يەڭ. مېۋىلەرنىڭ سۈيىنى چىقىرىمەن دەپ مېۋىلەرنىڭ تالاسىنى تالان ئەتمەڭ. قۇتۇلاردىكى، شىشىلەردىكى مېۋە سۇلىرى ، مېۋە شەربەتلىرى مېۋىلەرنىڭ سۇيى ئەمەس، كۆز يېشى ۋەيا ژۈندىسى.

32. ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىت، تۇپراق ۋە ھاۋا كىرلىكىگە دىققەت قىلىڭ. ھايات، ئىش ۋە چېنىقىش يەرلىرىڭىز توكسىنلاردىن ئۇزاق بولسۇن، بالكون ۋە ھويلىڭىز گۈل- چېچەك بىلەن تولسۇن.  يېزىلارغا ساياھەت قىلىڭ، چۈنكى سەپەردە يۈزلەپ زەپەر بار، سەپەر تەننى ئوبدان تاۋلار.

33. ھەركۈنى 20- 30  دەقىقە ئۆزىڭىزنى ئاپتاپقا سىلىپ، ساختا ۋە قىممەت كالتىسىلارنىڭ ئورنىغا تەبىئىي ۋە بىكارلىق D  ۋىتامىنى ئىلىڭ. ئاپتاپتا قاقلىنىشنىڭ ئەڭ توغرا ۋاقتى 11- 13 ئارىسى. كۆيۈپ مەدەك بولۇشتىن ساقلىنىڭ. ئىزچىل ۋە توغرا شەكىلدە قۇياش نۇرلىرىنى قۇچاقلىغانلارنىڭ راك بولۇش خەتىرى تۆۋەن بولىدۇ. قۇياش مايلىرىنى ئىشلەتمەڭ.

34. ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەت ئىلدام قەدەملەر بىلەن يۈرۈش. قايغۇلاردىن، ئاغرىقلاردىن قۇتۇلاي دېسىڭىز، تىخىمۇ چىرايلىق، تىخىمۇ ئەقىللىق، تىخىمۇ ياش تۇراي دېسىڭىز، ھاياتىم تىخىمۇ خۇشاللىققا چۆمسۇن، ۋۇجۇدۇم ئېنېرگىيىگە تولسۇن دېسىڭىز ھەركۈنى ئەڭ ئاز 20 - 30 دەقىقە ئىلدام مېڭىڭ. تەنھەرىكەت ھاياتىڭىزنڭ بىر پارچىسى بولسۇن، كېسەللىك سىزنى تەرك ئېتىپ كەتسۇن.

35. قىممەت ۋە پۇلىنى تۆلەپ بارمايدىغان، ھاۋاسىز تەنھەرىكەت زاللىرىغا بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۆيىڭىزدە ھەركۈنى 5- 10 دەقىقە قوساق قاتلاڭ، يەر بېغىرلاڭ. ئات مىنىمەن دەپ ئېشەكتىن قۇرۇق قالماڭ.

36. كۈندە 5- 7 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ. بالىلار 8- 10 سائەت ئۇخلىشى كېرەك. كەچ سائەت 11 دىن بۇرۇن كارۋاتنىڭ يولىنى تۇتۇڭ. ئۇيقۇدا ئاجرىلىپ چىقىدىغان Leptin  ھورمىنى سىزنى سېمىزلىكتىن قوغدىسۇن. يوتقان- كۆرپىڭىز تەبىئىي نەرسىلەردىن تىكىلسۇن. سەھەر ۋاقتىدا ئۇخلاش مىزاجىڭىزنى، چاشگاھ ۋاقتىدا ئۇخلاش ئەقلىڭىىزنى، نامازشام ۋاقتىدا ئۇخلاش روھىڭىزنى بۇزىدۇ.  كۆپ ۋە تەرتىپسىز ئۇيقۇ، ئۆلۈمگە يېقىن تۇيغۇ.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى