ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى - 4

 37. تەن ساقلىقى ، روھ خۇشاللىقى ئۈچۈن ھەپتىدە بىر كۈننى ئاچ كەچۈرۈش بىلەن ھەزىم قىلىش سىستېمىسنى تەتىل قىلدۇرۇڭ. شاھابىي دېگەندەك < ئەگەر بولسۇن دېسەڭ ساقلىقىم كۆپ ساز، پەرھىز ئاچقۇچىڭ بولسۇن قىش ۋە ياز. كەم يېسە كىشى ساقلىق بولۇر يار، كۆپ يېسە ساقلىقى ئەلەمدىن، تارۇمار>

38. كۆتۈرەڭگۈ روھ تۇرمۇشنىڭ ئېنېرگىيسى. بۇنىڭغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن پىكىرلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. ئىشلارنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى كۆرۈشكە تىرىشىڭ. باشقىلاردىن ئاغرىنىشتىن، باشقىلارغا گۇناھ يۈكلەشتىن ۋاز كېچىڭ. كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭ. گۈزەل ئويدىكىلەر، گۈزەل ئوينايدۇ.

39. ئائىلىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ساغلام ۋە مەسئۇت بولىشىنى ئۈمىت قىلسىڭىز، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ھايات قېلپىنى، چۈشەنچە ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىڭ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئىش- ھەرىكىتى كىشىدىن كىشىگە يۇقىدۇ. باشقىلارغا ۋىرۇسلا ئەمەس، ساغلاملىق ۋە خۇشاللىقىڭىزنى يۇقتۇرۇڭ!

40. كېسەللىكنىڭ كېرىش ئېغىزى بولغان ئېغىز ۋە چىش ساغلاملىقىڭىزغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر چىش پاستىسىنىڭ ئىچىدىكى پارابەن، تىتانغا ئوخشاش خىمىيىلىك ماددىلاردىن ئەندىشىلەنسىڭىز قۇرۇق چوتكا بىلەنمۇ چىشىڭىزنى چوتكىلىسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى چىش تازلىقىدا چوتكىلاشنىڭ رولى ئەڭ مۇھىم. مىسۋاك ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

41. ئىچ ۋە تاشقى كىيىملىرىڭىز يۇڭ، پاختا، يىپەك ۋە كەندىردەك تەبىئىي رەختلەردىن بولسۇن. ناتەبىئىي ماتېرىياللاردىن تىكىلگەن كىيىم- كىچەكتىن ئۇزاق تۇرۇڭ. تەبىئىي رەختلەر تىرىڭىزنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ھەم تىشىڭىزنى ھەم ئىچىڭىزنى قوغدايدۇ.

42. كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا ئىشلىتىۋاتقان سۇيۇق ۋە قاتتىق سوپۇنلارنىڭ ، ھەرخىل تازلىق بويۇملارنىڭ تەبىئىي بولىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. پاكىز بولىمەن دەپ، ساقسىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ. يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى!

43. ئەتىرلەردىن ئۇزاق تۇرۇڭ. ئىچىدە سىماب ۋە ئاليۇمىندەك راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلار بار بولغان ئەتىرلىرنى ئىشلەتمەڭ. مۇھىم بولغان تەبىئىي يېمەك- ئىچمەك بىلەن تەرلىرىڭىزنى تەبىئىي يولدىن ئەمبەرلەشتۈرۈڭكى، سۈنئىي ئەمبەرلەرگە ئېھتىياجىڭىز بولمىسۇن. مەجدىددىن دېگەندەك: < ئاز يېسەڭ مايقىڭدىن ئەمبەر ھىدى، كۆپ يېسەڭ تېنىڭدىن سېسىق ھىدى >

44. چاچ بوياقلىرى ساغلاملىقىڭىزغا زىيان كەلتۈرىدىغان يوشۇرۇن بومبالاردىن بېرىسى. سىيادان، خېنگە ئوخشاش تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى تاپالىسىڭىز مەسلە يوق. بولمىسا قاپقارا سۇمبۇل چېچىم بولسۇن دەپ ھاياتىڭىز ۋە ساغلاملىقىڭىزنى قارايتىپ قويىسىز!

45. ئېغىر مېتاللارنىڭ بەدىنىڭىزگە ھۇجۇم قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەڭ. ئېغىر مېتاللار بار بولغان ھەرخىل سېر ۋە بوياقلار ئىشلىتىلگەن بويۇملارنى، ئۆي جازىلىرنى ئىشلەتمەڭ. كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا ياغاچ قوشۇق، ياغاچ تاۋاق ئىشلىتىڭ. خاشۇ ئىستاكان ۋە تەخسىلەردىن ئۇزاق تۇرۇڭ.

46. ئىشلەتكەن قازان- قومۇچلىرىڭىز تەبىئىي بولسۇن. ئاليۇمىن، teflon ( تېگى كۆيمەس ساپلىق) ۋە قەلەيسىز مىسدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەڭ. تاماق پىشۇرغاندا ئاليۇمىن ياپرىقىدىن، قىزىق تاماقلارنى يالتىراق بىلەن ئوراشتىن ساقلىنىڭ. مىكرودولقۇنلۇق ئوچاق ساغلاملىقىڭىزنى ساقسىز دولقۇنلارىدا بوغۇپ تاشلايدۇ.

47. يېمەك- ئىچمەك، شېكەرسىز ئىچىملىك ۋە سىغىزلاردا قوللىنىدىغان تىتىتقۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ. بۇ تىتىتقۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىسپىرتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىمىيىلىك ماددىلار ئاغزىڭىزنى تاتلىق، ساقلىقىڭىزنى ئاچچىق قىلىدۇ.

48. تېرىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بىرىڭ. ئۇنتۇماڭ، تېرىڭىز بەدىنىڭىزنىڭ ئەينىكى. تېرىڭىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ئاللاقانداق تېرە كېسەللىكىدىن ئەمەس، بەلكى بەدىنىڭىزدىكى توكسىننىڭ، ئىچىڭىزدىكى كېسەللىكنىڭ ۋە روھىڭىزدىكى ھۇزۇرسىزلىقنىڭ بېشارىتى. تېرىڭىزنى ئۇپا- ئەڭلىك بىلەن پەردازلاشنىڭ ئورنىغا يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىڭىز بىلەن يۈزلىشىڭ.  قورۇق بولماي دېسىڭىز، تېرىڭىزنى قۇرۇق تاشلىماڭ.

49. ھەرخىل رادىئوئاكتىپ نۇرلاردىن ئۇزاق تۇرۇڭ. بىكارغا تارتىپ قوياي دېسىمۇ، كېرەكسىز رېنتگېن فىلىمى ۋەيا CT  فىلىمى تارتقۇزماڭ. مىس رەڭ تەنلىك بولىمەن دەپ چۈشتىن كىيىنكى قۇياش نۇرىدىن ( UVA ) دىن ئۇزاق تۇرۇڭكى، ساغلاملىقنى خالىمايدىغان مىس كاللا بولۇپ قالماڭ.  

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى