ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى - 1

 ساغلاملىق بۈيۈك بىر خەزىنە. بۇ خەزىنىنىڭ قىممىتىنى ئىنسان قېرىغانسېرى بۇ بايلىق كېسەللىك قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ئوغۇرلانغاندا ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ خەزىنىنىڭ ئاچقۇچلىرىمۇ ئۆزىمىزنىڭ قولىدا بولۇپ، « ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز! » دېيىشىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبىمۇ بۇنىڭدىن ئىبارەت. سىزدىن تەلەپ قىلىندىغان نەرسە پەقەت ساغلاملىق چۈشەنچىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىڭىزنى توغرىلاپ، ساغلام تۇرمۇشقا دادىل قەدەم تاشلاپ، بىز سىزگە بەرگەن ئاچقۇچلار بىلەن بۇ خەزىنىنى ئىچىپ بۇ بايلىقتىن بەھىرلەنمەكتۇر.

ھەكىم ئىزى بۇنىڭدىن كىيىنكى بىر قانچە ماقالىدە خۇشال ھاياتقا، ساغلام بەدەنگە ئېرىشىش ئۈچۈن كېرەك بولغان توغرا پوزىتسىيىنى ۋە ئەمەلىي ئوزۇقلىنىش ئۇسۇللىرىنى بىرەر ئاچقۇچ سۈپتىدە سىزگە سۇنماقچى. ئەسلىدە قائىدە بويۇنچە ھەر بىرى ئالتۇندىن قىممەت، ھەر بىرى ھەقىقەت بولغان بۇ ئاچقۇچلارنى دەسلەپتە ئىلمىي ئۇسۇللار ۋە دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ بولغاندىن كىيىن سىز ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى ئويلىغان بولساقمۇ، ئەمما بۇ ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ئالىدىغان بولغاچقا، بۇ قېتىم قارشىسىدىن ئىسپاتلىماقچى. يەنى بۇ ئاچقۇچلارنىڭ ھەممىسىنى ئەۋۋەل بىر تىزىق سۈپتىدە سىزگە سۇنۇپ ، ئۇنىڭدىن كىيىن ھەر بىر ئاچقۇچنىڭ ئىلمىي دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويماق. بۇنداق بولغاندا ئەمەلىي  تۇرمۇشنىڭ ھەر تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاچقۇچلارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولغان سىزلەرنى ساغلاملىق خەزىنىسىنى بالدۇرراق ئىچىپ ساغلاملىق ئۈنچە- مەرۋايىتلىرىغا تىزراق ساھىپ قىلماق.

1. ھەر يېمەك- ئىچمەكتىن ئاۋۋال، ھەر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، بۇلار تەبىئىي مۇ؟ دېگەن سۇئالنى سورىماق. بۇ سۇئال بەلكى پۈتۈن ئاچقۇچلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى. چۈنكى ساغلاملىقنىڭ سىرى تەبىئىيلىكتە ساقلاقلىق.

2. ئوزۇقلىنىش  بىر سەنئەتتۇر. « باشتا تائام، كېيىن كالام » نىڭ مەنىسى باشتا تاماق يە بولماستىن ، ئەسلى مەنىسى توغرا ئوزۇقلىنىشنى بىلمىگەن كالام قىلىشتىن ئاجىزدۇر دېمەك. توغرا ئوزۇقلىنىش  سالىھ ئەمەلنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ.

3. ئاز يېمەك! ئەسلىدە يېمەك- ئىچمەكلىرىمىز تەبىئىي بولغان بولسا نورمال يە دېيىشنى ئۈمىت قىلاتتۇق، ئەمما يېمەك- ئىچمەكلىرىمىزنى ئىستىلا قىلغان زەھەرلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ قولىمىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالى ئاز يېمەكتۇر. ئاز يېگەن ئۇزۇن يەيدۇ!

4. بەدىنىڭىزنى كۆزىتىڭ، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىڭ. بەدىنىڭىز ئۆزگە خاس بەدەن تىلى بىلەن سىزلەرگە بىر نەرسىلەرنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن قوسىقى كۆپمەكتە، ئاغرىماقتا، ھەتتا دەردىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىچىدىكىنى سىزگە قۇسماقتا. ئۇلارغا قۇلاق سىلىڭ!

5. سىز دۇنيادا بىرسىنىز. بەدىنىڭىزمۇ بارماق ئىزىڭىزغا ئوخشاش ھېچكىمگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ مىزاجىنى، مىجەزىنى ھەر كۈنلۈك يېمەك- ئىچمەك تەجربىسىدىن ئۆگىنىڭ. ئەسلىدە ئىنسانغا ئەڭ ناتونۇش بولغان كىشى ئۆزىدۇر. ئۆزىڭىزگە خاس ئوزۇقلىنىش  قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈڭ. نەقەدەر ئۆزگىچە ئەمەسمۇ؟!

6. بەدىنىڭىز، ئورگانلىرىڭىز ئەتىراپتىكى مۇھىت ۋە پەسىللەرگە ئاساسەن فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر سىزنى ئەندىشەلەندۈرمىسۇن. نەتىجىدە سىز تۆمۈر ئادەم ئەمەس.

7. يېمەك- ئىچمەكلىرىڭىزدە پەسىلنىڭ پۇرىقى، زاماننىڭ مۆھرى بولسۇن! يېمەك- ئىچمەكلىرىڭىزنىڭ تۈرىنى پەسىلگە ۋە زامانغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ. پارنىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزىڭىزنى رودىمىتلاشتۇرماڭ!

8. گېنى ئۆزگەرتىلگەن مەھسۇلاتلاردىن ئۇزاق تۇرۇڭ! گېن پېچەتلەنگەن ئۆي بولۇپ بۇ ئۆيگە قايسى مەقسەت، قانداق ئۇسۇل بىلەن كىرىلسە كىرىلسۇن، دۇچار بولىدىغان ئاقىۋەت ئۇزۇن پىلاندا بوھراندىن ئىبارەت.

9. ھەر كۈن قۇياش دۇنياغا سالام بېرىشتىن بۇرۇن تۇرۇپ سىز ئاۋۋال تۇرمۇشنى قۇچاقلاڭ. بىر كۈننىڭ ئەڭ پاكىز، ئەڭ تىنچ ۋە ئەڭ بەركەتلىك بۇ سەھەر ۋاقتىدا تەپەككۈر قىلىڭ، تەنھەرىكەت قىلىڭ، ئەركىن نەپەس ئىلىڭ ۋە قۇياشنى تاماشا قىلىڭ. سېسىق يوتقاندا سېسىق ئوسراپ يىتىپ بۇ بەركەتلىك ۋاقىتلارنى قولدىن قاچۇرماڭ!

10. نەپەس ئىلىشنى بىلىشمۇ بىر ماھارەت. چۇڭقۇر نەپەس ئىلىڭ ۋە ئىچىڭىزدە ئەڭ ئاز بەش سىكۇنت تۇتۇڭكى، پۈتۈن ھۇجەيرىڭىز بۇ سايىدە ئىگە بولغان مول ئوكسىگېن بىلەن جۇش ئۇرۇپ تاشسۇن ۋە بۇ سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ھاياتىڭىزغا كۆتۈرەڭگۈ روھ بولۇپ ئەكىس ئەتسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى