سەلدە ساقلىقىمىز بوغۇلمىسۇن

 دۇنيادا يۇز بىرىۋاتقان ھادىسىلەرگە، ئادالەتسىزلىكلەرگە، ئېگىز- پەسلىكلەرگە چىدىمىغان دۇنيانىڭ بىر تەرەپتىن تىمپۇراتۇرسى ئۆرلەپ، بىر تەرەپتىن توختىماي ئاققان كۆز ياشلىرى سەل بولۇپ دۇنيانىڭ پەرقلىق يەرلىرىنى يۇتماقتا. سەل ئاپىتى دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تەبىئىي ئاپەت بولۇپ، تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلى ئۆلۈملەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى سەل ئاپىتى ئىگەللەيدۇ. تەبىئىي ئاپەتكە باغلىق مال - مۈلىكلەرگە كەلگەن زىياننىڭ %40 سەل ئاپىتى تۈپەيلى بولىدۇ.1  سەل ئاپىتىنىڭ ساقلىقىمىزغا بولغان تەسىرىنى قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك دەپ ئۇچ دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ساقلىقىمىزغا بولغان قىسقا مەزگىللىك تەسىرى سۇدا تۇنجۇقۇش، يارىلىنىش، توڭلاپ قىلىش، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ چىقىۋېلىشى، قۇتقۇزۇش جەريانىدا سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئۆلۈمى ۋە سەھىيە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ۋايران بولىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئوتتۇرا مەزگىلدە، يارىلارنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە ئاسارەتلىرى، ھەر خىل زەھەرلىنىش، پىسخىكا بۇزۇقلىقى ، يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە ئاچارچىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. ئۇزۇن مەزگىلدە ، سەل ئاپىتى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مېيىپلىك ۋە روھ كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىپ ئائىلىگە ۋە جەمئىيەتكە ماددىي ۋە مەنىۋىي يۈك ئىلىپ كېلىدۇ. 2

سەل ئاپىتىدە يۈز بەرگەن ئۆلۈملەرنىڭ %93 تۇنجۇقۇشتىن تۈپەيلى بولسا، قالغان ئۆلۈملەرنىڭ سەۋەبلىرى ئىچىدە ئۇ پەيتتىكى بېسىمدىن مەيدانغا كەلگەن يۇرەك تىقىلمىسى، توك سوقۇۋېتىش، يارىلىنىش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەرنى زىكىر قىلىش مۇمكىن. سەل، زاۋۇتلاردىكى خىمىيىلىك ماددىلارنى، ئېتىزلاردا ئىشلىتىلگەن خىمىيىلىك ئوغۇت ۋە دورىلارنى ئۆيىمىزگە قەدەر توشۇپ كېلىپ ھەم سۇ ۋە يىمەكلىك مەنبەلىرىنى ھەم ئائىلە سەرەمجانلىرىمىزنى بۇلغاپ ھەر خىل زەھەرلىنىشكە سەۋەبچى بولدۇ. سەلدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ توشۇغۇچىسى بولغان پاشا، چاشقان، يىلان، چايان قاتارلىق قۇرۇت- قوڭغۇز ۋە ھايۋانلارنىڭ چىقىۋېلىشى بىلەن ئىچى سۈرۈش، تولغاق، بەزگەك، A  تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكلەر مەيدانغا كەلمەكتە.

ئالدىنقى دەرسىمىزدە  ئېيتىپ ئۆتكەندەك تەدبىردەك ئەقىل يوقتۇر. تەدبىر كىچىك تەقدىرىمىزدۇر. سەل ئاپىتىنىڭ ساغلاملىقىمىزغا بولغان يامان تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ۋەيا تەسىرىنى ئەڭ ئازغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ساغلاملىق ئېڭىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز، بەزى ئاددىي ئەمما مۇھىم تەدبىرلەر بىلەن ساغلاملىقىمىزنى قوغدىشىمىز لازىم.

1. تاغ باغرىغا ، دەريا بويىغا ئۆي سالماسلىق، سېلىنغان ئۆيلەردە ئولتۇرماسلىق لازىم. بۇ ئۆيلەر سەل ئاپىتىدە قەغەز ئۆيلەردەك يىقىلىشقا ۋەيا چۆكۈشكە مەھكۇم. بۇرۇن سەل ئاپىتىنىڭ يۈز بەرمىگەن بولىشى بۇندىن كېيىنمۇ يۈز بەرمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى دۇنيانىڭ غەزىپى تاشتى، كۆز ياشى سەل بولۇپ ئاقتى.

2. يامغۇر- يىغىننىڭ كۆپ بولىشى سەل ئاپىتىنىڭ بېشارىتى. ئەگەر ئۆيىڭىز خەتەرلىك رايۇندا بولسا، بۇ مەزگىلدە  ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەرنىڭ ئۆيلىرىدە پاناھلىنىشىڭىز تۇنجۇقۇشتىن قۇتۇلۇشنىڭ كاپالىتى.

3. دۆلەتنى تەبىئي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمەتلىرىنى پىلانلىق، قائىدىلىك، تەرتىپلىك شەكىلدە ئىلىپ بېرىشقا، مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىق سىلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ ۋە ئاگاھلاندۇرۇڭ.

4. سەل مەزگىلىدە ئىچىملىك سۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىڭ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلدىغان سۇلارنى دېزىنفىكسىيە قىلماي تۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك لازىم. دېزىنفىكسىيە قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى سۇغا خلور تابلىتى قويۇش.

5. سەل سۇلىرى بىلەن ئۇچراشقان بەدىنىمىزنى سوپۇنلاپ يۇيۇش ئارقىلىق يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. ئەگەر تېرىسىدە ئوچۇق يارىسى بولغانلار تېتانۇس ۋاكسىنىسى ئۇرۇشى لازىم.

6. يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ توشۇغۇچىسى بولغان پاشا ۋە چاشقانلارنى تىزگىنلەش لازىم. پاشا ھەم چاقىدۇ ھەم كېسەل تارقىتىدۇ.

7. ئۈزۈلگەن توك سىملىرىدىن ئۇزاق تۇرۇڭ، سەلدىن قۇتۇلۇپ توكقا تۇتۇلماڭ. كىچىك بالىلارنىڭ پەيدا بولۇپ قالغان سۇ كۆلچەكلىرىدە ئويناشقا رۇخسەت قىلماڭ. چۈنكى بۇ سۇلار زەھەر ۋە ئەۋرەز سۇلىرى بىلەن بۇلغان بولىشى مۇمكىن.

8. سەۋرلىك بولۇڭ. بېشىڭىزغا كەلگەنلەرنى ئىمتىھان دەپ بىلىپ، پىسخىكىڭىزنى بۇزماسلىققا دىققەت قىلىڭ. جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان. تەپەككۈر قىلىڭ، غەم - قايغۇلارغا ئەسىر بولماڭ، ئەتىگە ئۈمىت بىلەن بېقىڭ. ھەر مۇسىبەتتە بىر نەسىھەت، ھەر ئىمتىھاننىڭ بىر ھېكمىتى باردۇر، ساق قالغان بولسىڭىز ۋەزىپىڭىز بار دېمەكتۇر. شۇنداق قىلغاندىلا يۇرەك كېسىلى ۋە روھ كېسەللىكلىرىدىن خالى بولالايسىز. ساغلاملىقىڭىزنى، كىلەچىكىڭىزنى سەلدە بوغماڭ. چۈنكى ھايات بېكىتىلگەن مەنزىلگە قاراپ ئاقار، سىز بۇ ھايات سەلىنىڭ ئىچىدە ئېقىۋاتقانلىقىڭىزنى ئۇنتۇماڭ يېتەر.

 

1. https://www.ttb.org.tr/haberarsiv_goster.php?Guid=664ecf78-9232-11e7-b66d-1540034f819c

2. DOİ : 10.1017/s1049023x00008141

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى