ئورمان ئوت ئاپىتى، ساقلىقىمىزنىڭ يوق تاقىتى

 ئورمان ساقلىقىمىزغا قورغان، ئەمما ئورماندا ئوت ئاپىتى يۇز بەرگەندە بۇ قورغاندىن يۈكسەلگەن ئوت ۋە تۇمان ھاياتىمىزغا تەھدىت. ئورمان ئوت ئاپىتىدە پەيدا بولغان تۇمان پەقەت بىر ئىس- تۈتەك بولماستىن ئورمان ئىچىدىكى نۇرغۇن جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان كۆپ خىل ماددىنىڭ ئەبجەشى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە زەررە پارچىلار، CO2 ، سۇ ھورى، CO، ھىدروكاربون، ئورگانىك خىمىيىلىك ماددا ۋە نىتروگېن ئوكسىد ( Nitrogen oxides  ) بار. 1

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان زەررە پارچىلار بولۇپ ئۇ تاكى ئۆپكىلىرىمىزنىڭ پۇۋەكچىلىرگە قەدەر بېسىپ كىرىپ ساقلىقىمىزغا تەھدىت ئىلىپ كەلمەكتە. تۇمان بەدىنىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، بەدىنىمىز ياش ۋە تىخىمۇ كۆپ شىللىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ ۋۇجۇدىمىزنى قوغداشقا تىرىشىدۇ.  بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆزىمىز ياشاڭغىراپ، بۇرنىمىزدىن سۇ ئېقىپ، گىلىمىز قىچىشىپ، بېشىمىز چىڭقىلىشقا باشلايدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بولغان كېسەللىكلەرنىڭ ئەھۋالىدا تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىش يۈز بېرىپ بەزى ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولىدۇ. يەنى ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ قاراقچىغا تۇتۇلىدۇ. شۇڭا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كىيىن ساقلىقىمىزغا ئالاھىدە دىققەت قىلشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ كىچىك بالىلار، ھامىلدار ئاياللار، ياشانغانلار، زىققا ۋە كاناي ياللۇغى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىرى، يۈرەك كېسەللىرى ۋە سىرتتا ئىشلەيدىغانلار توغرا ۋە ئۈنۈملىك تەدبىرلەرنى ئىلىپ ھاياتىنى قوغدىشى لازىم.

1. ئورمان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش نۇرغۇن تېخنىكىلىق تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان مۇرەككەپ ئىش بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش مەركەزلىرى تەرىپىدىن سىتراتىگىيلىك پىلانلار بىلەن ئىلىپ بېرىلىشى لازىم. سىزنىڭ ئوتنى ئۆچۈرۋىلىش، ئورمان ۋە جانلىقلارنى قۇتۇلدۇرۇشتەك ياخشى نىيىتىڭىز بولسىمۇ، ئەمما شامالنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزىڭىزنى ئوت چەمبىرەكنىڭ ئىچىدە كۆرسىز ۋەياكى تۇماننىڭ تەسىرى بىلەن ئايلىنىپ كېتىپ جېنىڭىزنى ئوتقا ئاتقان بولىسىز. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئورمان ئوت ئاپىتىدە خۇددى ئۇرۇش سىتراتىگىيسىدە باشتا بومباردىمانچى ئايرۇپىلان ۋە توپچى قىسىم بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئاندىن پىيادە قىسىم ئەۋەتكەنگە ئوخشاش، دەسلەپتە ھاۋادىن ئوتنىڭ مەركەز كۈچىنى ئۆچۈرمەي تۇرۇپ يەردىن مۈجادىلە قىلىش ئۈنۈملۈك بولمايدۇ. شۇڭا ھىسلىرىڭىزغا ئەمەس، ئەقلىڭىزغا قاراپ ھەركەت قىلىڭ.

2. ئەگەر ئورمان ئوت ئاپىتى كۆپ يۇز بىردىغان بۆلگىلەردە ياشىسىڭىز، ئاپەت يۇز بېرىشتىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىغا ئاساسەن پىلان تۈزۈڭ، تەدبىر ئىلىڭ، تەييارلىق قىلىڭ.

3. تۇمان شالاڭ رايونلارغا كۆچۈپ بىرىڭ. ئەگەر بۇ مۇمكىن بولمىسا، ئۆيىڭىزدە دىرىزىڭىزنى مەھكەم تاقاپ تۇماننىڭ كىرىشىنى توسۇڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيىڭىزدە ھاۋا تازىلىغۇچى بولىشى كېرەك. ئۆينىڭ تىمپۇراتۇرسىغا دىققەت قىلىڭ، سۇسىزلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردا سۇ ئېچىڭ. ھاۋا تازىلىغۇچ سېتىۋالغاندا ئوزون گازى پەيدا قىلىپ قىلمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. ئۆيدە ئوت يىقىشتىن ساقلىنىڭ.

4. ھاۋانىڭ ساپلىق دەرىجىسىگە قاراپ ھەركەت قىلىڭ. دەسلەپكى كۈنلەردە سىرتقا چىقىش خەتەرلىك بولغاچقا ئۆيدە ھەپتىلىك يېمەك - ئىچمەك زاپىسىنى ھازىرلاڭ. سىرتتىكى پائالىيەتلىرىڭىزنى قىسىتلاڭ. بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەڭ. 

5. نورمال ماسكىلار سىزنى تۇماندىن قوغدىمايدۇ. شۇڭا N-95 تىپلىق ماسكىلاردىن سېتىۋېلىڭ ۋە قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىڭ. بۇ ماسكىلارنىڭ سىزنى قوغدىشى ئۈچۈن يۈزىڭىزگە دەل كېلىشى ۋە توغرا ئىشلىتىشىڭىز لازىم.

6. ئەگەر ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرىڭىز بار بولسا يېتەرلىك دورىڭىزنىڭ بولىشىغا ، جىددى ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلدىغان جىددى قۇتقۇزۇش دورا - ئوكۇللىرىنى يېنىڭىزدا ھازىر تۇتۇشقا دىققەت قىلىڭ.

7. بىز ھەر ۋاقىت تەكىتلەپ كېلىۋاتقان خۇسۇس، ساغلاملىقىڭىزنىڭ ۋە ھاياتىڭىزنىڭ قىممىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشى ئۆزىڭىز بولۇپ،  ساغلاملىقىڭىزنى ھەرگىز باشقىلارغا ھەتتا بىر دۆلەتكە ھاۋالە قىلماڭ. گەرچە بۇ تەبىئىي ئاپەتلەر ھىچ بىشارەت بەرمەستىن تۇيۇقسىز يۇز بەرسىمۇ، ئەمما بىز بۇلارغا تەييارلىق قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە.  تەدبىردەك ئەقىل يوقتۇر. ئورمان ئوت ئاپىتى ۋە باشقا ئاپەتلەرگە قارتا تەدبىرىمىزنى ئالايلى، ئۇنىڭدىن كىيىن تەقدىرىمىزنى ئوقۇيلى. چۈنكى ساغلاملىقنىڭ تەدبىرسىزلىككە، ئاپەتلەرگە تاقىتى يوق.


1. https://www.airnow.gov/publications/wildfire-smoke-guide/wildfire-smoke-a-guide-for-public-health-officials//

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى