ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 10

 115. كېسەللىكلەرنىڭ باشلانغۇچ يىرى ئاشقازان بولسا، ساغلاملىقنىڭ باشلانغان يىرى ئۈچەي يوللىرىمىز. ئۈچەي يوللىرىمىز ئەڭ بۈيۈك قورغىنىمىز بولۇپلا قالماي خۇشاللىقىمىزنىڭ مەنبەسى.  خۇشاللىق ھورمونى بولغان Serotonin  نىڭ %90 دىن كۆپى ئۈچەيدە ئىشلەپچىقىرىلىپ ئۈچەيدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدە ساقلاغلىق. ئۈچەيلىرىڭىزنى خۇشال قېلىڭكى ، ھاياتىڭىز خۇشاللىققا چۆمسۇن، پىسخىكىڭىز بۇزۇلمىسۇن.

116. ئۈچەيلىرىمىزدىكى  مىكروباكتېرىيەلەر بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز، كېسەللىككە قارشى ئەڭ ياخشى ئىتتىپاقدىشىمىز. ئۇلار قالقانغا ئوخشاش ئۈچەيلىرىمىزنى قوغدايدۇ. ئۇلارنى ھەرخىل دورا ۋە توكسىنلار بىلەن ئۆز قولىمىز ئارقىلىق ئۆلتۈرسەك بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىمكانىمىز يوق. شۇڭا دوستىمىزنى قوغدىشىمىز، ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرشىمىز لازىم. بۇ ئوزۇقلارغا تىبابەتتە پرېبىئوتىك ( Probiotic ) دەيمىز. ساقلىق دېمەك ئۈچەي- باكتېرىيە دوستلۇقى دېمەك بولۇپ ئۇلار ساغلاملىقنىڭ ئۇلى.

117.  بۇ دوستلۇقنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تەبىئىي ئوت- چۆپ ۋە دورا - دەرمەكلەرنى ئىشلىتىڭ. مۇھىم بولغىنى نورمالدا زەھەردىن قىچىپ شىپالىق دورا- ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ساغلاملىقنىڭ بۇ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش بولۇپ، بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشتا ئەگەر بۇ ئۇلنىڭ ئىچى كاۋاك بولغان تەقدىردە سېھىرلىك ئېكسىر- كۇمۇلاچلار بىلەن قىسقا ۋاقىتتا ئۇنى داۋالاش مىڭ بىر كېچىنىڭ چۆچەكلىرىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس بولۇپ قالىدۇ. زەي زېمىندا ساغلاملىق قۇرلىشى قەد كۆتۈرمەيدۇ.

118. زەجۈ(Turmeric ) ، زەپە، زەنجىۋىل، ئىسىرگان ئوتى (Dead nettle )، سىيادان (Black cumin )، دارچىن (Cinnamon ) ، نانە (Mint )، كەكىك (Thyme )، زىرە، قارىمۇچلارنىڭ ھەممىسى شىپالىق ئۆسۈملۈك ، دورا- دەرمانلار بولۇپ بۇلارنى ئۆزىڭىزگە ماس شەكىلدە ھەرخىل ئۇسۇل بىلەن ئىستىمال قىلىڭ. ھەم ئېغىز تەمىڭىز رەڭكلەنسۇن، ھەم ئۈچەي يوللىرىڭىز شاتلانسۈن!

119. دارچىن ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىڭىزنى ئاشۇرىدۇ،  زەجۈ دەلدۈشلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. زەپە چۈشكۈنلۈككە داۋا. يەنى بۇلار ھەم مىڭىڭىزنى جانلاندۇرسا، ھەم ئىككىنچى مىڭىڭىز بولغان ئۈچەي يوللىرىڭىزنىڭ ياخشى دوستى. سويا ۋە قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئۈچەي ۋە ساغلاملىق دوستى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. 

120. قەۋزىيەت ساغلاملىققا ئەزىيەت. ھەركۈنى دەردىمىزنى بوشالتىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈندە ئىككى لىتىر سۇ ئىچىشىمىز، تەنھەرىكەت قىلشىمىز، تالاسى بۇزۇلمىغان تەبىئىي مېۋە ئىستىمال قىلشىمىز لازىم. شۇنى ئۇنتۇماڭ، قەۋزىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئۇن ۋە شېكەر.  ئىچىڭىزنى بوشىتىش ئۈچۈن قۇرۇق ئەنجۈر،گۈلە يەڭ. ئەنجۈرگە قەسەمكى ئەنجۈر مۇرابباسىدا ئەمەس ئەنجۈردە شىپا بار. ئەنجۈر ئەركەكلىكىڭىزنى ئاشۇرىدىغان ئامىنوئاسىتلارغا باي.

121. قەۋزىيەت دەردىگە مۇپتىلا بولغانلار ئانارنى ئىچىدىكى پوستى بىلەن بىللە يېسۇن، تەبىئىي زەيتۇن يىغىدىن بىر قۇشۇق ئىچسۇن. زىغىرمۇ (Flaxseed ) ئىچىڭىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ، مول ئومېگا ئۈچ بىلەن ساغلاملىقىڭىزنى قولايلاشتۇرىدۇ.

122. ئۈچەي ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ناتەبىئىي، قىممەت مېۋىلەرگە پۇل خەجلىگەندىن ئۇنىڭ يېرىگە ياڭاق، بادام، مېغىز، فىندىق- پىستە ئىلىپ يەڭ. بۇلار ھەقىقىي ئوزۇقلۇق، ھەقىقىي سودا- سېتىق. بادامنىڭ تەركىبىدە مىڭىمىزدىكى ھاياجان نۇقتىلىرىنى غىدىقلايدىغان PEA ( Feniletilamin )  كۆپ مىقداردا بار.

123. ئاچىق مۇچ يېيىشتىن قورقماڭ. ئۇ ھەم ۋىتامىن C  مەنبەسى، ھەمدە نىرىپ ئۇچلىرىمىزنى غىدىقلايدىغان، يۈرەك سوقۇشىمىزنى تېزلىتىدىغان Capsaicin  مىقدارى كۆپ بولۇپ ھاياتىمىزغا ھاياجان قوشىدۇ. تىخىمۇ كۆپ ھاياجان ئۈچۈن ھىندىستان ياڭىقى ئىستىمال قىلىڭ.

 124. ئۈچەي- باكتېرىيە دوستلۇق خەزىنىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچلاردىن  قېتىق، سامساق ۋە پىيازلارنى ئالدىنقى دەرىسلەردە سۇنغان ئىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا تەبىئىي ئاچچىقسۇ بىلەن ئېچىتىلغان ئاچا سەيلىرىمىزمۇ ئەڭ ياخشى پرېبىئوتىك بولۇپ قورغاننى كۈچلەندۈرىدۇ. تۇرۇپى جىق لەڭپۇڭ ۋەيا تۇرۇپتىن خام سەي يەڭكى ساغلاملىق داقا- دۇمبىقى جاھاننى قاپلىسۇن.

125. قان- تومۇرلارنىڭ راۋانلىقى ۋە  قېنىڭىزنى سۇيۇلتىش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىشكە كېرەك يوق. ھەركۈنى تەبىئىي لىمون سۈيى ئىچىڭ. لىمون تەبىئىي ئاسپىرىن بولۇپ سىزنى يۈرەك تىقىلمىسى ۋە پالاچكە قارشى قوغدايدۇ.

126. ئەگەر داۋاملىق قورسىقىڭىز ئاچسا، يېمەكتىن كىيىن ھالسىزلىق، شېكەر تۆۋەنلىكى يۈز بەرسە، يېمەك- ئىچمەك ئاللىرگىيەسى بار- يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلىڭ. ئەگەر بۇخىل ئەھۋال مەۋجۇتسا ئۇلارنى يېمەك- ئىچمەك تىزىملىكىدىن چىقىرىڭ.

127. ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاچقۇچى بۇلارنى بوينىمىزدا ئېسىپ يۈرۈش ئەمەس، بۇلارنى ئەمەلىي ھاياتىمىزدا ئىشلىتىش. بەلكى ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇش ئادىتىڭىز تۈپەيلى بەزى ئاچقۇچلارنى ئىشلىتىش سىزگە تەس كېلىشى، نەپىس- خاھىشىمىز تۈپەيلى بەزى قۇلۇپلار مەخپى نومۇرلۇق بولىشى مۇمكىن. ئەمما ساغلام ھاياتقا بولغان ئارزۇيىڭىز، ساغلاملىقنىڭ ئەڭ بۈيۈك خەزىنە ئىكەنلىكىگە بولغان ئىمانىڭىز، ساغلاملىقنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىڭىز، ساغلاملىقنىڭ تەبىئىيلىكتە ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇشىڭىز بۇ قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىدۇ. بۇ ئاچقۇچلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ساغلاملىق خەزىنىسىنى ئېچىڭ ۋە ساغلاملىق، خۇشاللىق ئەڭگۈشتەرىگە ساھىپ بولۇڭ.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى