ئورمان ساقلىقىمىزغا قورغان
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە ، دۇنيانىڭ ئۆپكىلىرى كۆيۈپ كۈل بولسا، بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىز كۆيۈپ كاۋاپ بولدى. ئورمان دېيىلگەندە كۆز ئالدىمىزغا ئۇزۇن قەد كۆتۈرگەن دەرەخلەر پەيدا بولسىمۇ، ئەسلىدە ئورمان دەرەخلەرنى، چاتقاللارنى، ئۆسۈملۈكلەرنى، مىكروئورگانىزىملارنى، قۇشلارنى، قۇرۇت- قوڭغۇزلارنى، ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، تەبىئىي پەيدا بولغان ۋە ئۇزۇن ھايات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن، ۋە ھەتتا ئۇ يەرنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، جىنى ۋە روھى بولغان بىر ئېكىلوگىيىلىك سىستېما. ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن تىكىلگەن دەرەخلەر ئورمان ئەمەس پەقەت دەرەخزارلىقتۇر. ئۇنىڭ ئورمان بولىشى، يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن ھەرخىل جانلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئائىلە، بىرجەمىيەت بولىشى ئۈچۈن 100يىل بەلكى 1000 يىل كېتىدۇ.
بەزى
ئورگانلار ئورماننىڭ ئېنىقلىمىسى سۈپتىدە، ئەڭ ئاز يىرىم گېكتار زېمىنغا يېيىلغان،
ئىچىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن ئۇزۇن بولىشى ۋە ئورمان تاجى ( Canopy ) ئەڭ ئاز %10 نى تەشكىل قىلىشى كېرەك دېمەكتە. بۇ ئېنىقلىمىغا ئاساسەن يەرشارى ئورمان زاپىسى باھالاش ئورگىنى ( Global
Forest Resources Assessment- FRA ) نىڭ 2020 - يىلىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا دۇنيانىڭ ئورمان كۆلىمى
4.06 مىليارد گېكتار بولۇپ، بۇ دۇنيا قۇرۇقلۇق
مەيدانىنىڭ تەخمىنەن %31 نى تەشكىل قىلماقتا.
بۇ ئورمانلارنىڭ %45 تروپىك بەلۋاغقا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئۈچ
ئورمىنى: 1. ئامازون يامغۇر ئورمىنى، كۆلىمى
5500000 كۋادرات كىلومېتىر. 2. كونگو يامغۇر
ئورمىنى، كۆلىمى 2000000 كۋادرات كىلومېتىر. 3. ئاتلانتىك ئورمىنى، كۆلىمى 1315460
كۋادرات كىلومېتىر.
ئورمان
دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ زاۋۇتى بولىشى سۈپىتى بىلەن ياغاچ، ئوتۇن، قەغەز قاتارلىق
ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىرگە مېدىتسىنا، گىرىم،
خىمىيە ۋە بوياق سانائىتىنىڭ نۇرغۇن خام ماددىسىنى تەمىن ئېتىش ئارقىلىق
ئىنسانلارغا ماددىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەت
ئىلىپ كەلمەكتە. ئەڭ مۇھىمى ئورماننىڭ ئۆزگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە فۇنكسىيىسى بىلەن
ھاياتىمىزغا ۋە ساغلاملىقىمىزغا ئىلىپ كەلگەن كۆرۈنمەس، پۇل بىلەن ئۆلچۈگىسىز مەنىۋىي
پايدىلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
1. ئورمان بىز نەپەس ئىلىۋاتقان ئوكسىگېننىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ
، ئوكسىگېننىڭ %56 نى ئورمانلار بىزگە بەرمەكتە. يېتىشكەن بىر دەرەخ ھەريىل نەق
100 كىلوگرام ئوكسىگېن ئىشلەپچىقارسا، بىر گېكتار قارغاي ئورمىنى ھاۋاغا يىلدا 30 تون ئوكسىگېن بەرمەكتە.
2. ئورمان ئەڭ تەبىئىي ھاۋا
تەڭشىگۈچ بولۇپ، ئۇ ھاۋادىكى co2 نى سۈمۈرۈش ئارقىلىق دۇنيانىڭ
ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. 40 كىشىنىڭ بىر سائەتتە ھاۋاغا بەرگەن co2 نى يېتىشكەن بىر قارغاي
بىر سائەتتە ئوكسىگېنگە ئايلاندۇرماقتا. دۇنيانىڭ 1.5 دەرىجە ئىسسىپ كېتىشىنىڭ
ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن 2050 -يىلىغا قەدەر 10000000 كۋادرات كىلومېتىر يەرگە يەنى
بىر كانادا چوڭلۇقىدىكى زېمىنغا كۆچەت
تىكىش لازىملىقى ئوتتىرغا قويۇلماقتا.
3. ئورمان
ئەڭ ئاكتىپ سۇ ئىدارىسى. ئۇ بىر تەرەپتىن سۇلارنى پاكىزلايدۇ، بىر تەرەپتىن سۇلارنى
تىزگىنلەپ سەل ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يېتىشكەن بىر قىيىن دەرىخى (Beech tree ) يىلتىزلىرى بىلەن 10 تون سۇ تۇتۇش
ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئورمان ھاۋاغا بەرگەن بۇ نەملىك بىلەن بىر تەرەپتىن يامغۇر
يىغىشىغا ياردەمچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قۇرغاقچىلىقتىن قوغدايدۇ.
4. ئورمان بىزنىڭ تەبىئىي ماسكىمىز بولۇپ، بىر گېكتار
قارغاي ئورمىنى ھاۋادىكى 36.4 تون چاڭ- توزاڭنى سۈزمەكتە. مۇشۇنداق بولغاچقا زىققا
ۋە باشقا نەپەس يولى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كېسەللەر ئەركىن نەپەس
ئالماقتا.
5. ئورمان بىئولوگىيىلىك سەرخىللىقنى ساقلايدىغان بىخەتەر
گېن بانكىسى. ئورمان بولمىسا بۇ بىئولوگىيىلىك سەرخىللىقنى ساقلاش بىز ئىسانلارغا
قالغان بولسا، بۇ بايلىقنى ئاللىقاچان گېن ئوغۇر- قاراقچىلىرىغا ئوغرىلىتىپ بولغان
بولاتتۇق.
6. ئورمان بىزنىڭ تەبىئىي كۈنلۈكىمىز بولۇپ دەرەخلەر
بىزنىڭ UV-B نۇرىغا دۇچار بولىشىمىزنى %50 ئازايتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تېرىلىرىمىز
ھەرخىل كېسەللىكتىن خالى بولىدۇ.
7.
ئورمان بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقىمىزنىڭ دورىسى. ئورمانلارنى تاماشا قىلغان كېسەللىكلەرنىڭ
تىز ساقىيدىغانلىقى، ئورمانلارنىڭ بالىلاردىكى دىققەتسىزلىك ۋە ھەددىدىن تاشقىرى ھەركەتچانلىقنى
ئازايتىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدىن سىرت ئورمان ئەتراپىمىزدىكى شاۋقۇن- سۈرەننى سۈمۈرۈپ روھىمىزغا تىنچلىق بېرىپ
پىسخكىمىزنى تەڭشىسە، ئورمان ساياھەتلىرىدە بىزگە بەرگەن خۇشاللىق، ساپلىق ۋە ئۆزگىچە
ھاۋا بىلەن پىسخكىمىزنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.
8. ئورمان تۇپراقتۇر. چۈنكى ئۇ تۇپراقلارنى ئېرىپ يوقاپ كېتىشتىن
قوغدايدۇ. بىرسانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى بىر
تۇپراقنىڭ پەيدا بولىشى ئۈچۈن 400 يىل كېتىدىغانلىقتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى
خاتىرلغىنىمىزدا ئۇنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىگە قول قويماي تۇرالمايمىز.
شۇڭا دەيمىزكى: ئورمان ساقلىقىمىزغا قورغان ، ھاياتىمىزغا
يوتقان.
ئورمانلارنى
ئاسرايلى، كۆچەت تىكىپ قورغانىمىزنى قوغدايلى.
( بۇ ماقالە Wikipedia ۋە Ege
Orman Vakıfı تور بېكىتىدىكى ئۇچۇر ۋە سان- سىفىرلاردىن پايدىلىنىپ يېزىلدى )