5G ساغلاملىق ۋە

 يېقىنقى زامانلاردا  5G تېخنىكىسىنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا يامان تەسىر ئىلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بەزى مەشھۇر كىشىلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ 5G نىڭ كەڭرى  تارقىلىشىغا قارشى چىقىشى، ھەتتا Covid-19 نىڭ دۇنيا مىقياسىدا تىز خاراكتېرلىك تارقىلىشىنىڭ سەۋەبى سۈپتىدە 5G دولقۇن چاستوتىسىنىڭ ئىنسان بەدىنىدىكى O2 مولېكۇلىلارى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ئىنسان ۋۇجۇدىنى O2 دىن مەھرۇم قىلىش نەتىجىسىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى  ئاجىزلاشتۇرۇپ ۋىرۇسقا قولاي يۇقۇملۇنۇشقا سەۋەبچى بولغانلىقىدىن ئىبارەت چىگىش نەزەرىيىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا ئېتىلىشى بىلەن 5G نىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ئۈستىدىكى دەتالاشلار تەكرار قىزىپ كەتتى.   

 5G ،  يىڭى نەسىل سىمسىز تېلېفون ئالاقە تېخنىكىسى بولۇپ، مەۋجۇت 4G بىلەن سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە تىخىمۇ تىز ئۇچۇر ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئىشلىتىلۋاتقان ئۈسكۈنلىرىمىزنىڭ تۈرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن سۈرەت1-10 Gbps گە قەدەر چىقماقتا. 2019 - يىلىدىن بېرى دۇنيانىڭ پەرقلىق جايلىرىدا تارقىلىشقا باشلانغان بولۇپ 2025- يىلىغا قەدەر تور تارقىتىش ئىستانسىلىرىدا بۇ سۈرەتنى 30 Gbps غا چىقارتىش پىلانلانماقتا.

مەۋجۇت ئالاقىلىشىش تورىمىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان چاستوتىلىرى 600MHz-3.5GHz بولۇپ ، 5G دە بولسا 24-51 GHz  . بۇ چاستوتىدىكى دولقۇن ئاتموسفېرادىكى گازلار تەرىپىدىن ئاسانلىقچە سۈمۈرۈلىدىغان بولغاچقا، 5G  تور سىستېمىسى تېخىمۇ كىچىك جۇغراپىيلىك يەرلەرنى مەركەز قىلغان تور ئىستانسىلىرى بىلەن خىزمەت بېرىشى لازىم. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تور ئىستانسىسى مۇنارىنىڭ ئورنىغا بىر مۇنچە كېچىك گورۇپ شەكلىدە ئانتىنىلارنى مەھەللىمىزدىكى بىنالارغا ۋەيا تۈۋرۈكلەرگە ئورنىتىش ئارقىلىق تارقىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. دېمەك تور ئىستانسىلىرى ھاياتىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلاشماقتا.

100KHz ئۈستىدىكى ئېلېكتروماگنىت دولقۇنلارنىڭ ئىچىدىكى ئېنېرگىينىڭ ۋۇجۇد تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىگە ئايلىنىپ ئىنسان بەدىنىنىڭ تىمپۇراتىرسىنى يۈكسىلتىدىغان بىئولوگىيىلىك تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالدىنقى دەرسىمىزدە سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. مەسلەن قول تېلېفونى ئىشلەتكەندە بۇ مېڭە توقۇلمىسىنىڭ ئىسسىقلىقىنى 0.05-0.12 °C دەرىجە ئارتىرماقتا. ئىنسانلارنىڭ بۇ تېمىغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ ئارتىشى ۋە خەلقنىڭ ھۆكۈمەتلەرگە بەرگەن بېسىمى تۈپەيلى نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئىلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە  0-300GHz ئارىسى، ئىنسان ساقلىقىغا ئەكىس تەسىر بولمىغان چاستوتا چېگرىسى قىلىپ بېكىتىلدى. ئەڭ يېقىنقى زاماندا ئاۋسترالىيە رادىئاتسىيىدىن قوغداش ۋە ئاتوم بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ( ARPANSA)  ۋە Swinburne  تېخنىك ئۇنۋىرسىتىسى بىرلىكتە ئىلىپ بېرىلغان كۈزتىشلەردە ، 5G تورى تەرىپىدىن ئىشلىتىلدىغان تۆۋەن سەۋىيىدىكى رادىئو دولقۇنلىرىنىڭ ئىنسان ساغلاملىقى ئۈچۈن خەۋپ ئىلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر پاكىت يوق دەپ كۆرسىتىلدى. (www.doganbor.com)

4. سانائەت دەۋرنىڭ تېخنىكا ئۇل تىشى  بولغان 5G كەلگۈسى ئۇچۇر- ئالاقە تىخنىكىسىنىڭ جان تومۇرى بولۇپ ، ئىنسانسىز ماشىنا، سۈنئىي ئەقىل، يۈز تونۇش تىخنىكىسى، ماشىنا ئادەم قاتارلىق پۈتۈن يىڭى تىخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھاياتىمىزغا كەڭرى تارقىلىشى بۇ 5G تېخنىكىسىغا باغلىق. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا 5G نىڭ ئارقىسىدىكى شىركەتلەر بۇ تېخنىكىسىز پۇل تاپالىشى، شىركەتلىرىنى قوغداپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، سېلىنغان مىليارد دوللارلىق مەبلەغنىڭ كېلەچىكى بۇنىڭغا باغلىق. بۇخىل بىر شەرت- شارائىتتا ئەركىن، بىقىندىسىز بىر تەتقىقات ئىلىپ بېرىلىپ 5G نىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا زىيان ئىلىپ كېلىدىغانلىقىغا دائىر بىر پاكىتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن مۇ، ئۇنى زامان كۆرسىتىدۇ. پاكىت يوق دېيىش زىيىنى يوق دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى ئۈچۈن 2019- يىلى بېلگىيە ۋە شىۋىتسارىيەگە ئوخشاش بەزى دۆلەتلەردىكى بەزى شەھەرلەر 5G تېخنىكىسىنىڭ  سىناق قىلىنىشىنى توساپ قويۇش ئارقىلىق بۇ تېمىدىكى تەمكىن پوزىتسىيىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

بىز بىر ئاددىي خەلق سۈپتىدە شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ساغلاملىقىمىزنىڭ قىممىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ، ساغلاملىقىمىزغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۆزىمىز بولۇپ، ئاللىقانداق بىر شىركەت، ئورگان ھەتتا دۆلەت ساغلاملىقىمىزغا ئۆزىمىزدەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. شۇڭا قولىمىزدىكى ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ ھەركەت پىلانىمىزنى تۈزۈپ چىقىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن پەن- تېخنىكىنىڭ مەس قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلىشىمىز شەرت. تېلېفونلارنى ئاز ئىشلىتىش، ۋۇجۇدىمىزدىن يىراق تۇتۇش، ئىشلەتمىگەندە ئېتىپ قويۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ناھايىتى كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ساغلاملىقىمىزنى كۆرۈنمەس، بىلىنمەس خەۋپلەردىن قوغداشتا بۈيۈك بىر قەدەم.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى