يەرشارىنىڭ تېرىسى - ئوزون قاتلىمى

 تېرە ئىنسان بەدىنىنى تاشقى مۇھىتتىن قوغدايدىغان قالقان بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ۋە ساقلىقىمىزنىڭ ئەينىكى. تېرىسىز ھاياتلىقنى، خۇشاللىقنى، ساغلاملىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يەرشارىنىڭمۇ ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن ھەرخىل نۇرلاردىن ئۆزىنى قوغدايدىغان، بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزنى قوللايدىغان قورغىنى بار بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمى ئوزون قاتلىمى. ئوزون قاتلىمى ئۈچ تانە ئوكسىگېندىن تەركىپ تاپقان  ( O3 ) بىر گاز قاتلىمى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇزاقلىقى 20-50 كىلومېتر بولغان ئاتموسفېرا بوشلۇقىغا  جۇغلاشقان. ئوزون قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى پەسىلگە ۋە جۇغراپىيىلىك پەرىقلىققە ئاساسەن ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، ئېكۋاتور بۆلگىسىدە شالاڭراق بولغان بۇ قاتلام ئىككى قۇتۇپقا قاراپ زىچلىشىشقا باشلايدۇ. ئەتىيازدا ئەڭ قېلىن بولغان بۇ تېرە، كۈزدە ئەڭ نىپىز شەكلىنى ئالىدۇ. كونىلارنىڭ « ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى سال، كۈزنىڭ ئاپتىپىغا كېلىنىڭنى » دېيىشى نەقەدەر ئىبرەتلىك ھە!

ئوزون قاتلىمى تۇنجى قېتىم 1913- يىلى فرانسىيىلىك فىزىكشۇناس Carles fabry ۋە Henri buisson تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئوزون قاتلىمىغا بولغان تونۇشىمىز توختىماي چۇڭقۇرلىماقتا.  1930- يىلى ئەنگلىيىلىك فىزىكشۇناس Sydney chapman ئوزون قاتلىمىنىڭ ھاسىل بولۇش مىخانىزمى بولغان ئوزون - ئوكسېگىن  چەمبىرىنى ( ozone- oxygen circle)  ئوتتۇرىغا قويدى. ئاتموسفېرا بوشلۇقىدىكى ئوكسېگىن  مولېكۇلىسى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدە ئىككى ئەركىن ئوكسېگىن ئاتومىغا بۆلىنىدىغان بولۇپ ، بۇلار باشقا ئوكسېگىن مولېكۇلىسى بىلەن بىرلەشكەندە ئۈچ ئاتوملۇق ( O3 ) ئوزون گازىنى پەيدا قىلىدۇ. ئوزون گازىمۇ ئۇلترا بىنەپشە  نۇر ۋە باشقا NO, NO2 , OH ، ئاتوم شەكىلدىكى Cl , Br قاتارلىق ئەركىن رادىكاللارنىڭ تەسىرىدە ئەكىس يۆلنىشتە تۇراقسىز ئوكسېگىن  مولېكۇلىسى ۋە ئوكسېگىن ئاتومىغا پارچىلىنىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق شالاڭلىشىدۇ.  بەزى بۆلگىلەردىكى شالاڭلىشىش تۈپەيلى يوغان تۆشۈكلەر مەيدانغا كەلمەكتە ۋە ساغلاملىقىمىزغا ئېغىر تەسىرلەر ئىلىپ كەلمەكتە.

يۇقىردا قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك يەرشارىنىڭ تېرىسى بولغان بۇ ئوزون قاتلىمى قۇياش سىستېمىسىدىن كەلگەن ئىنسان ۋۇجۇدى ئۈچۈن زىيانلىق بولغان نۇرلارنى سۈمۈرۋىلىپ ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان تەسىرىدىن قوغدايدۇ. شۇڭلاشقا ئوزون قاتلىمىنى بىزنىڭ ئىككىنجى تېرىمىز دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ نۇرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى بولغىنى ئۇلترا بىنەپشە نۇر B ۋە C بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىكى ئۇلترا بىنەپشە C نۇرى. بۇلار تېرە راكى، كۆزىگە ئاق چۈشۈش، جانلىقلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى، يىزائىگىلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئازىيىشى ۋە دېڭىز ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشقا سەۋەبچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈلۈپ تۇردىكى ئەگەر بىز بۇ تېرىمىزنى ئاسىرمىساق، ھەرخىل خىمىيىلىك ئۇپا- ئەڭلىك بىلەن ئۇنى بۇزۇپ قاپقارا داغلار قوندۇرساق ساغلاملىق چۈش، ھاياتلىق خام- خىيال بولۇپ قالىدۇ.

ئوزون قاتلىمىنى شالاڭلاشتۇرىدىغان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ ئىچىدە توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئەتىر قاتارلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرلىشىدا ئىشلىتىلىدىغان Chloroflurocarbons ( CFCs ) ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابىدا ئىشلىتىلدىغان Halogen  ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ھاشارەت دورىسى سۈپتىدە ئىشلىتىلدىغان Metil bromid مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاتموسفېرادىكى تەسىرى 50-100 يىلغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. دۇنيا، تەرەققىيات ئۈچۈن ئۆتىلىۋاتقان بەدەلنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كىيىن، بولۇپمۇ ئانتاراكتىكا ئوزون تۆشۈكىنى كۆرگەندىن كېيىن 1985- يىلى مونترېئال كېلىشىمنامىسى (Montreal protocol ) غا ئاساسەن CFCs نىڭ سانائەتتە ئىشلىتىشنى باشتا ئازايتىپ 1995 - يىلىدىن كېيىن پۈتۈنلەي مەنئىي قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر ئوزون قاتلىمىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئۆلچەپ چىقتى.

يىغىنچاقلىغاندا بۇ ئالەم ، بۇ دۇنيا، بۇ ئىنسان ئۇ قەدەر بىر تەرتىپ، قائىدە، نىزام، ئۆلچەم ۋە تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە يارىتىلغان بولۇپ، بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز بىر- بىرىمىزگە مۇھتاج، بىزنىڭ قەدىرىمىز بىر- بىرىمىزگە باغلىق، بىزنىڭ رىشتىمىز بىر- بىرىمىزگە تۇتاش. بۇ تەرتىپنى ۋە تەڭپۇڭلۇقنى قوغدىغۇچى بولغان ئىنسان بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈپ تەرەققىياتنى باھانە قىلىپ ئاڭسىز شەكىلدە ھەركەت قىلسا، تەرتىپنى بۇزۇپ تەڭپۇڭلۇقنى قالايمىقانلاشتۇرسا ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ساغلاملىقىمىز بىلەن ئۆتەيمىز. ئېكىلوگىيىلىك سىستېمىدا پۈتۈن ھالقا ئوخشاشلا مۇھىم ۋە قىممەتلىك بولۇپ، تېرىمىزغا ئوخشاش، يەرشارىنىڭ تېرىسى بولغان ئوزون قاتلىمى ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى، ساغلاملىقىمىزنىڭ قورغىنى، خۇشاللىقىمىزنىڭ مەنبەسى. 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى