كائىنات ئەخلەتخانسى
ئىنسانلار
كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر باسقۇچىدا توختىماي ئەخلەت ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ،
يېگەن- ئىچكەن ۋە ئىشلەتكەن بويۇملىرىمىز تەبىئىي بولمىغانلىقى ئۈچۈن يەرشارىنىڭ ئۆز-
ئۆزىنى تازلاش ئىقتىداردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ئۇ ئەخلەتلەر يىغىلىپ مۇھىتىمىزنى،
دېڭىز- ئوكيانلارنى، دەريا- كۆللەرنى كىرلىتىپ ئىنسان ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ
ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىرلەر ئېلىپ كەلمەكتە. يەرشارى شۇ ھالى بىلەن بۈيۈك
ئەخلەت چېلىكىگە ئايلىنىپ قالماقتا. بۇنى ئاز دېگەندەك ئىنسانلار پەقەت يەرشارىىنى
ئەمەس ئالەم بوشلۇقىنى بىر ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ بوسۇغىسىدا. « ساغلاملىقنىڭ
ئېنىقلىمىسى » تېمىسىدىكى ماقالىمىزدە بۇ دەرد- پەريادىمىزنى شۇ سۆزلەر بىلەن قەغەزگە
تۆككەن ئىدۇق- « ئىلىم - پەن تەرەققىياتنىڭ مەس قىلىشى بىلەن پەقەت يەرشارىدىن
ئىبارەت كىچىك ئۆيىمىزنى ئەمەس پۈتۈن كائىناتنىڭ ساغلاملىقىنى ئويلاشماستىن
كائىناتقا قويۇپ بېرىلىۋاتقان ۋە يوقاپ كېتىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ كائىنات ساغلاملىقىغا
ئەكىلىدىغان خەتەرنى بىلمەي تۇرۇپ، بەزى بىر ئەخمەقلەرنىڭ ئەبجەق ماشىنىسىنى ئالەم
بوشلۇقىغا پەراۋاسىزچە قويۇپ بېرىپ كائىناتىمىزنى ئەخلەت چېلىكىگە ئايلاندۇرىۋاتقان
قىلمىشلىرىدىن ھېساب سورىماي تۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ساغلاملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش
مۇمكىن ئەمەس. »
كائىنات
ئەخلەتلىرى ( space debris ) ئاساسلىقى بىزنىڭ ھەرخىل مەقسەت بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگەن
سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ پارچىلىرىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، قويۇپ بىرىلگەن ھەر بىر سۈنئىي
ھەمراھ خىزمەت ئۆمرى توشقاندىن كېيىن بىر چوڭ ئەخلەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ مەنادا 1957- يىلى Sputnik
1 ئىسىمدىكى تۇنجى « كائىنات ئەخلىتى» ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ
بىرىلگەن بولدى. 2019- يىلدىكى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا ئالەم
بوشلۇقىدا 1 سانتىمېتىردىن كىچىك ئەخلەتلەردىن 128 مىليون پارچە، 1- 10 سانتىمېتىر
ئارىلىقىدىكى ئەخلەتلەردىن 900000 پارچە ۋە 10 سانتىمېتىردىن چوڭ ئەخلەتلەردىن
34000 پارچە ئۈزۈپ يۈرمەكتە. بۇنىڭغا مەۋجۇت پائالىيەت ئىلىپ بىرىۋاتقان 2218 سۈنئىي
ھەمرا ۋە يېقىن كېلەچەكتە قويۇپ بېرىلىش پىلانلانغان سۈنئىي ھەمراھلارنى قوشساق بۇ
ئەخلەت يۈكىنىڭ بۈيۈكلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.
بۇ ئەخلەتلەر
يەرشارى ئوربىتىسىدا ناھايىتى تىز سۈرەتتە ئايلىنىدىغان بولۇپ بۇلارنىڭ بىر- بىرسى
بىلەن سوقۇلۇپ كېتىش خەۋپى ھەر زامان مەۋجۇت.
1978- يىلى Danild tesler ئسمىدىكى بىر پەنشۇناس سۈنئىي
ھەمراھلارنىڭ بىر- بىرى بىلەن سوقۇلۇشنىڭ كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلار
سوقۇلۇپ پارتلىغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىچىك پارچىلارغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، بۇ كىچىك
پارچىلار باشقا سۈنئىي ھەمراھلارغا سوقۇلۇپ ئۇلارنى پارچىلايدىغانلىقىدىن ئىبارەت
قىياسنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، 2009 - يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى ئامېرىكىنىڭ iridium تىجارەت سۈنئىي ھەمراھى
بىلەن رۇسىيىنىڭ ئۆمۈرنى تاماملىغان بىر خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى تۇنجى قېتىم
بىر- بىرىگە سوقۇلۇپ پارچىلاندى ۋە 2600 پارچە كىچىك ئەخلەت مەيدانغا كەلدى.
بۇ خىل
پارتىلاشلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن NASA بىر سانتىمېتىردىن چوڭ
22000 ئەخلەتنىڭ پائالىيىتىنى كۆزەتمەكتە ۋە سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىشنى بۇنىڭغا
ئاساسەن پىلانلىماقتا. بىر سانتىمېتىردىن كىچىك پارچىلارنى كۆزتىش ھازىر مۇمكىن
بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىلىپ كىلىدىغان خەتەرلىرى ئېنىق ئەمەس. كائىناتتىكى
بۇ ئەخلەتلەرنىڭ بىر قىسمى دۇنيا ئاتمۇسفىراسىغا كىرىپ كۆيۈپ يوق بولىدىغان بولۇپ، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەرشارىغا
ھەر ھەپتىدە 2000 كىلوگرامغا قەدەر كائىنات ئەخلىتى چۈشمەكتە. بۇلارنىڭ ئىنسان
ساغلاملىقىغا، ئىككىنچى تېرىمىز بولغان ئوزون قاتلىمىنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى
توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ھازىرچە كۆرۈپ يېتەلەيدىغان نۇقتىمىز، بۇ خىل
بىر- بىرىگە سوقۇلۇشتىن مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئەخلەتنىڭ جىقلىشىغا
ئەگىشىپ پارتىلاشنىڭ تەسىرى ۋەيا كېلەچەكتە ھېچقانداق سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرەلمەيدىغان
ھالەت شەكىللەنگەندە مەيدانغا كىلىدىغان ئۇچۇر- ئالاقە سىستېمىمىزنىڭ پالەچ
بولىشىدىن ئىبارەت. گەرچە بۇ ئەخلەتلەرنى
تازلاش، يۆتكەش توغرۇلۇق نۇرغۇن خىيال ۋە ئۇسۇللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ،
بىر قىسىم كۆزى تويماس خىيالپەرەس ئىنسانلار بار بولغان مۇددەتچە بۇنى تۈپتىن ھەل
قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
بۇ ئەخلەتلەرنى تۈپتىن تازىلاشنىڭ يىگانە چارىسى، ئىنسان ۋە كائىناتنى بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە كۆرىدىغان ، ئىكلوگىيلىك سىستېمىنىڭ ھەركەت قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئاڭنىڭ يىتىلىشىدۇر. يەنى ئەڭ ئاۋۋال نەفسىمىزدىكى، پىكرىمىزدىكى، ئېڭىمىزدىكى ئەخلەتلەرنى سۈپۈرۈپ تازلاش. ئۇنۇتماڭ، كائىنات بىلەن بىز بىر تۇغقان، ساقلىقىمىز بىر- بىرىمىزگە چىڭ باغلانغان!