دەۋرنىڭ مودا كېسەللىكى- تورخۇمار

 تارىختا زاماننىڭ، ماكاننىڭ پۇرىقى بولغانغا ئوخشاش نۇرغۇن كېسەللىكلەردىمۇ زاماننىڭ، جۇغراپىيلىك ماكاننىڭ ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ مۆھرى بار. 2000- يىلىدىن بىرى تور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور ھاياتىمىزغا يېڭىلىق، يىڭى بىردۇنيا ئىلىپ كەلدى. بۇ يىڭى، مەۋھۇم دۇنيانىڭ سېھرى كۈچى بىزنى مەپتۇن قىلىپ، بىزنى رېئال دۇنيانىڭ ھەقىقەتلىرىدىن ئىلىپ، مەۋھۇم دۇنيانىڭ سۈنئىي ئىقلىمىغا تاشلاپ قويدى. بۇ يىڭى ئىقلىمغا، يىڭى مۇھىتقا دۇچار بولغان ئىنسانلار ئاستا-ئاستا بۇلارغا كۆنۈشكە ھەتتا زېھنىمىزدىكى رېئال- مەۋھۇم ئۇقۇملاردىكى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى تور دۇنياسىغا خۇماداپ قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىمىزغا ئوچۇق ۋە يوشۇرۇن تەسىرى بولغان بۇ دەۋرگە خاس يىڭى بىر كېسەللىكمۇ مەيدانغا كەلدى. مانا بۇ دەۋرىمىزنىڭ مودا كېسەللىكى تورخۇمار.

تورخۇمار، كىشىنىڭ ئۆزىنى بىلەلمىگەن بىر شەكىلدە تورغا باغلىنىپ قىلىشى بولۇپ، تورنى ئىشلەتكەن ۋاقىتقا مۇناسىپ شەكىلدە مەيدانغا كەلگەن بەدەن ۋە روھ ساقسىزلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ كېسەللىك گەرچە مۇناسىۋەتلىك سەھىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن رەسمىي بىر روھ كېسەللىك كاتېگورىيسىگە قويۇلمىغان بولسىمۇ، تورخۇمارنىڭ ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ھەرىكەتسىزلىك تۈپەيلى ھەم بەدەن ساغلاملىقىمىزغا ھەم ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىزگە تەھدىت ئىلىپ كېلىۋاتقان بىر ھەقىقەت. تورخۇمارلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىئارامسىزلىقلار ئۇيقۇسىزلىق، ھالسىزلىق، كۆرەش قۇۋۋىتىدە زەئىپلىشىش، ۋۇجۇد مۇسكۇل ئاغرىقلىرى، ئاسان تېرىكىش، چۈشكۈنلۈك، سەپرالىق، يالغۇزلۇق، بىشى قىيىش ۋە نەپىسى سىقىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارنى زەھەرلىك چېكىملىككە مۇپتىلا قىلغاندەك، باشقا پىسخىلوگىيلىك كېسەللىكلەرگىمۇ مۇپتىلا قىلماقتا. تورخۇمارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا كېسەللىكلەردىن  تور قىمارۋازلىقى، تور ئويۇنپەرەسلىك، تور شەھۋەتپەرەسلىك، تور سوداپەرەسلىك، تور كىنوپەرەسلىك ۋە تور ئىجتىمائىيپەرەسلىك تۇرمۇشىمىزدا كەڭ ئۇچرايدىغان ۋە داۋالاش قىيىن بولغان تورخۇمارلاردۇر.

بىر ئىنساننىڭ تورخۇمار بولۇپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئامىللار كۆپ خىل بولۇپ، كىشىنىڭ سىرتقا يېپىق خاراكتېرى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى ئۈركەكلىك، ئىجتىمائىي ئالاقە قابىلىيتىدىكى ئاجىزلىق، دوست- تۇغقانلارنىڭ ئازلىقى ۋەياكى بولۇشقا تېگىشلىك مۇھەببەتنىڭ يوقلىقى، ئائىلە مۇناسىۋەتلەردىكى ئېگىز- پەسلىك، بىرگە مەۋجۇت بولغان باشقا روھ ھالىتى، ئاتا- ئانىلارنىڭ ساپاسى، بالىلارنىڭ تۇنجى قېتىم تور بىلەن ئۇچراشقان يېشى ۋە توردا ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتنىڭ  ئاز- كۆپلۈكى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ تورخۇمار بولۇشىغا سەۋەبچى بولماقتا.

1996- يىلى Kimberly S. Young تەرىپىدىن تورخۇمارلىق ئۈستىدە تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىلىپ بېرىلىشقا باشلانغان بولۇپ، تورخۇمارنىڭ تېخى 25 ياشلىق كەچمىشى بار. تورخۇمارنىڭ دىئاگنوز شەرتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، تورخۇمار باشقا روھ كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىمۇ ياكى نەتىجىسىمۇ، توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا جىددىي دەتالاشلار مەۋجۇت. Youngنىڭ 1998- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان تورخۇمارلىق سىنىقى ( internet addiction test ) قوللىنىلىشچانلىقى ۋە توغرىلىقى بىلەن تورخۇمارلارغا دىئاگنوز قويۇشتا دۇنيادا كەڭرى قوللىنىلماقتا. تورخۇمارنىڭ زامانىۋى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بولغان MR  ۋە EEG  (Electroencephalography ) تەكشۈرۈشلەردىكى ئالامەتلىرى، بۇ كېسەللىكنىڭ بۇندىن كىيىنكى سىنىپ ئايرىمىسى، دىئاگنوز شەرتلىرنىڭ بىكىتىلىشى ۋە ئۆلچەملىشىشى جەھەتتىن تىخىمۇ چوڭ رول ئوينايدىغاندەك تۇرىدۇ. تورخۇمارنىڭ داۋالىشىغا كەلسەك، ھازىرقى قەدەر مەيلى دورا، مەيلى پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى بولسۇن ئۈنۈملۈك بىر چارىسى تېخى يوق. شۇتاپ پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى كەڭرى ئىشلىتىلمەكتە بولۇپ كەلگۈسىدە تورخۇمارنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە كەڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇنى داۋالايدىغان «دورا» نىڭ چوقۇم بازارغا چىقىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

تورخۇمار بىر بىتاب روھ ھالىتى بولۇپ، زاماننىڭ بىزگە سۇنغان نېمەتلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈلپەتلەر.  پەن- تېخنىكا گۇناھكار ئەمەس، بىزنىڭ ئېڭىمىز ۋە پوزىتسىيەرىمىزدە مەسىلە بار. « روھ قانداق كېسەل بولىدۇ ؟»، « روھ قانداق ساغلام قالىدۇ؟» دەرسلىرىمىزدىكى ئومۇمىي تەۋسىيەلەر تورخۇمار ئۈچۈنمۇ ئىناۋەتلىك. ئۆز- ئارا دىلخۇمار بولساق، تورخۇماردىن قۇتۇلىمىز!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى