ئېلېكتىرتور كېسەللىكلىرى- 1

 ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار ۋە تور- ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھاياتىمىزدا نۇرغۇن قولايلىقلار مەيدانغا كەلدى، ئۇچۇرغا ئېرىشىشىمىز تېزلەشتى ۋە ئاسانلاشتى. ئەمما بۇ تەرەققىياتلارغا قارتا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئېڭىمىز ۋە پوزىتسىيەرىمىز ماس ھالدا تەرەققىي قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بەزى جىسمانىي ۋە روھ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشىمىزمۇ تېزلەشتى. بۇرۇن ئۆز- ئارا ئۇچۇر- ئالاقىدا ئارىلىقنىڭ ئۇزۇنلىقى تۈپەيلى ئاھ ئۇرساق، ھازىر بولسا بىر ئۆيدىكى ئىنسانلار تىلفون ئېكرانىدىن ئىبارەت قىلىن ۋە ئېگىز بىر تام تۈپەيلى ئارىمىزغا كىرگەن بوشلۇقتىن نالە- پەرياد قىلىۋاتىمىز. بۇرۇن گەرچە خەت- ئالاقىمىز ئاستا ۋە مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خەت- چەكلەر بىر- بىرىمىزگە بولغان مېھرى- مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان كۆز- ياشلىرىمىز بىلەن چۇڭقۇر تۇيغۇ- ھىسياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا  دەردىمىزگە داۋا، روھىمىزغا شىپا بولاتتى. ھازىر بولسا قولايلاشقان ئالاقە ۋاستىلىرىدا ئەۋەتىلگەن خەت ۋە ئاۋازلىرىمىز سۆيگۈ، مۇھەببەت، تۇيغۇلاردىن يوقسۇل! يىغىپ ئېيتقاندا ئېلېكتىرتور دۇنياسى ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرمۇشىمىزنى شەكىللەندۈرمەكتە، بەدەن ۋە روھىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۆزگە خاس جىسمانىي ۋە روھ كېسەللىكلىرىنى ئىلىپ كەلمەكتە. تۆۋەندىكىلەر ئۇلاردىن بىر قانچىسى:

1. خەت تاختىسى بىئارامسىزلىقى: كومپيوتېر ۋە تىلفونلىرىمزدا توختىماي خەت ۋە ئۇچۇر يېزىشتىن تۈپەيلى بارماقلىرىمىزدا مەيدانغا كەلگەن ئاغرىش، ئۇيۇشقاقلىق قاتارلىق بىئارامسىزلىق بولۇپ، بۇنىڭ داۋامى بارماق ئۇچلىرىنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىدىكى ئازىيىشقا، يەرلىك نىرىپ ياللۇقلىرىغا قەدەر تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.

2. تىترەۋاتقاندەك سېزىم خاتاسى ( Phantom vibration syndrom ): كىشىلەرنىڭ تىلفونلىرى جىرىڭشىمىغان ۋەياكى ئۇچۇر كەلمىگەن تەقدىردىمۇ خۇددى كەلگەندەك ھېس قىلىپ، تىلفونلىرىنى پات- پات كونترول قىلىش ئېھتىياجى تۇيىدىغان بىر پىسخىكىلىق ھالەت. بۇ ئۆز- ئارا ئالاقىدا ئېگىز- پەسلىك ياشىغان ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى زەئىپ ئىنسانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، قايتۇرۇلىدىغان جاۋابقا بولغان ئىنتىلىشنىڭ مىڭىمىزگە بەرگەن سىگنالى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بىر خىل سېزىم خاتاسى.

3. قاچۇرۇپ قويۇش قورققۇسى( Fomo- fear of missing out ) : كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك خەۋەر ۋەياكى مەلۇم بىر ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى تىلۋۇزۇر ۋە ھەرخىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىلەن ئۆز ۋاقتىدا خەۋەردار بولالماسلىق، ئۇلارنىڭ ئىزنى سۈرەلمەسلىك قورقىسىدىن مەيدانغا كەلگەن تەشۋىشلىنىش ۋە جىددىيلىشىش ھالى. 

4. چۈشۈرۈپ- ساقلاش كېسەللىكى ( Cheesepodding ) : كىشىنىڭ توردىكى زامانىنىڭ كۆپ قىسمىنى توردىن mp3  ۋەياكى باشقا ھۆججەتلەرنى گەرچە ئاڭلىسۇن ئاڭلىمىسۇن، ئوقۇسۇن ئوقۇمىسۇن ئۇلارنى چۈشۈرۈش ، ساقلاشقا سەرپ قىلىدىغان بىر خىل روھ ھالى.

5. توكسىز قىلىش قورققۇسى ( Nomophobia ) : كىشىلەرنىڭ قول تېلېفوننىڭ توكى تۈگەپ كېتىشى تۈپەيلى ئۇچۇر- ئالاقىدە مەيدانغا كىلىدىغان ئاقساشلاردىن قورقۇش تۈپەيلى بەدەندە تىترەش، ئىچى سىقىلىش ھەتتا باشى قىيىشتەك بىئارامسىزلىقلارنى ھېس قىلىشىدۇر. 

6. رەسىم مەستانىسى ( Photolurking ): كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان باشقىلارنىڭ رەسىملىرىگە قاراش، تاماشا قىلىش بىلەن، بىلىپ- بىلمەي سائەتلەرچە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش ھالىتىدۇر. بۇلار مەستانىسى بولغان رەسىملەر بىر چولپاننىڭ، دوستىنىڭ، دۈشمەننىڭ ۋەياكى قارشى جىنسنىڭ بولىشى مۇمكىن.

7. تور پايلاقچىسى ( Stalk ): باشقىلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىغا Google  ۋاستىسى بىلەن ئۇلارنىڭ رۇخسىتسىز، يوشۇرۇن شەكىلدە ئىگە بولىشىنى، ئىز سۈرۈشنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرگەن بىر ئېلېكتىرتور كېسەللىكى. تور پايلاقچىلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نەگە بارغانلىقى، نىمىش قىلغانلىقى ھەتتا نېمە يەپ- چىقارغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاجايىپ بىر قىممەتلىك ئۇچۇردۇر.

8. Facebook  چۈشكۈنلىكى (Facebook depression ) : كىشىلەر بېشىدىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى ۋە يالغۇزلۇقتەك پاسسىپ تۇيغۇلىرىنى Facebook تەك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىش بىلەن ھەم ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ روھى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، ئىچىدىكى پاسسىپ تۇيغۇلارنىڭ يىلتىز تارتىشىغا سەۋەبچى بولماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلار ئۆزىنىڭ روھ ھالىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى باشقىلارنىڭ روھ ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئازابلىنىش، قولىدىكى ئاز بولغان خۇشاللىقىنىمۇ يوقىتىشتىن ئىبارەت چۈشكۈنلۈككە مۇپتىلا بولماقتۇر.

9.  Youtube ھەيرانلىقى ( Youtube narcissist ) : بۇ كېسەللەردىكى ھەيرانلىق ئۆزلىرىگە بولغان ھەيرانلىق تۇيغۇسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدە باشقىلارنىڭ باھاسى ۋە پوزىتسىيىسى ھاياتىدا مۇھىم ئورون تۇتىدۇ. بۇ كىشلەر ئۆزلىرىنى كۆرسەتمەك ۋەياكى سان - سىفىرلىق خىيالى دۇنيادا بىر ئورۇن ئىگىلەش ئۈچۈن Youtube تا بىر نەرسىلەر تارقىتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان تىخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنىڭ قانالىنى زىيارەت قىلىشى ۋە تەقدىر توپلاش بولۇپ، باشقىلارنىڭ تەقدىرى ئۇلارنى تىخىمۇ خۇشال قىلىپ ئۆزىنى تىخىمۇ ياخشى كۆرۈشكە، ھەيران بولۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ. 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى