ئېلېكتىرتور كېسەللىكلىرى- 2

 10. Myspace دورامچىلىقى ( Myspace impersonation ) : بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر خىل يالغان ھېساب ئىچىپ، بۇ ھېسابتا پەرقلىق رەسىم ۋە مەلۇماتلار بىلەن باشقىلارغا ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى بىر كىشى ۋەياكى پېرسۇناژ سۈپتىدە كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنىشتەك كېسەللىك ھالى.

11. تور تىۋىپلىقى (Cyberchondria ): بۇلار ئوتتۇرىغا چىققان راھاتسىزلىقلارىنىڭ سەۋەبىنى تور دۇنياسىدىن تىپىشقا، توردىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئۆز- ئۆزىگە دىئاگنۇز قويۇشقا، ھەتتا ئۆزنى داۋالاشقا تىرىشماقتا بولۇپمۇ بۇلار كۆپىنچە ھاللاردا دوختۇرنىڭ پىكىرىگە پىسەنت قىلماقلىق ۋەياكى يوق كېسەللىكلەرنى مۇبالىغلاشتۇرۇپ ئوخشاشمىغان دوختۇرخانىلارغا مۇراجىئەت قىلماقتا.

12. Blog پاشقىلغۇچىلار ( Blog streaking  ): بۇ روھ ھالىتىدىكىلەر، كىشىلەرنىڭ ۋە بىر قىسىم تېمىلاردىكى مەخپى ئۇچۇرلارنى ھېچقانداق دەلىل ۋەيا مەنبە بولمىسىمۇ، تور دۇنياسىدا ئۇلارنى رۇخسەتسىز يايماقتا بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ كېرەكلىك ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىدەك ھىسياتقا كىلىپ قالماقتا.

13. تېلېفون سەۋداسى ( Crackberry ): بۇ كېسەللەر تېلېفون بىلەن يېتىپ قوپۇدىغانلار بولۇپ، توختىماي تېلېفونلىرىدىن بىر نەرسىلەر ئاختۇرماقتا. بۇلار ئۈچۈن تېلېفونى ئىشلىتىۋاتقان يەر مۇھىم ئەمەس بولۇپ، ھەتتا ئوبۇرنىغىمۇ تېلېفون بىلەن كىرمەكتە.

14. ئۆز- ئۆزىگە مەپتۇنلۇق ( Ego surfing ): كىشى ئۆز ھەققىدە ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرلار، تەقدىر- باھالارغا بولغان ئاجايىپ قىزىقىش تۈپەيلى توختىماي ئۆزنى تور دۇنياسىدا ئاختۇرماقتا بولۇپ، بۇ ئۆز- ئۆزىگە بولغان مەپتۇنلىقىنىڭ نەتىجىسى.

15. Selfie   مەستانىسى ( Borderline and Acute selfitis ): كىشىنىڭ پەرقلىق سەۋەبلەر ۋە نىيەتلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ھەر ھالىنى رەسىمگە تارتىپ، تۇر دۇنياسىدا تارقىتىشتىن ئۆزىنى تۇتالماسلىقى بولۇپ، بۇلار توردا تارقاتسۇن تارقاتمىسۇن كۈندە ئەڭ ئاز ئۈچ قېتىم ئۆزىنى رەسىمگە تارتماقتا.

16. تور سەپراسى (internet nerve ): تورنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولىشى، تورنىڭ قېتىپ قىلىشى ۋەياكى باشقا ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىشلىمەسلىكى، بۇ تور كېسەللەردە ئاچچىقلىنىش، سەبىرسىزلىق، تىرىككەكلىك ۋە ئۇھ تارتىشىدەك روھ بىئارامسىزلىقلىرىنى مەيدانغا چىقارماقتا.

17. يالغۇز پەرەسىتلىك ( Hikikomori ) : بۇلار رېئال دۇنيا بىلەن بولغان باغلىرىنى ئۈزۈپ، تور خىيال دۇنياسىدا ياشاشنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرگەن كىشىلەر بولۇپ، كۈنلەرچە ھەتتا ئايلارچە ئۆيدىن تالاغا چىقماستىن ئۆزىنى تور دۇنياسىدا يوقۇتۇپ قويماقتا.

18. ئۇچۇر ساراڭلىقى (  Enfornography ): بۇ تۇر ئىنسانلار كاللىسىدا پەيدا بولغان ھەر تۈرلۈك مەسلە ۋەياكى يۈز بىرىۋاتقان ۋەقە ۋە يېڭى ئۇچۇرلار ئۈچۈن توختىماي تور دۇنياسىدا ئاختۇرۇش ئىلىپ بارىدىغانلار بولۇپ، ئىچىدە ئۇچۇر ئاختۇرۇشقا بولغان ئاجايىپ بىر ئىشتىياق مەۋجۇت.

19. Wikipedi  چىلەر( Wikipediholism ): بۇ خىل روھ ھالىغا گىرىپتار بولغانلار ئىجتىمائىي مۇنبەرلەردە توختىماي بىر نەرسە يېزىشقا ئۆزنى ئاتىغان بولۇپ، ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇ قىزىقىشىغا سەرپ قىلماقتا.

20. ئېكران بەل ئاغرىسى (  Repetitive strain injury ) : كومپيوتېر ۋە تېلۋۇزۇرنىڭ قارشىسىدا داۋاملىق قادىلىپ ئولتۇرۇشتىن مەيدانغا كەلگەن بەل - بوينىدىكى ئاغرىش، تېلىش، تارتىشىش ۋە تۇتۇلۇپ قىلىش بولۇپ، يەرلىك ئورۇندىكى نىرىپ ۋە مۇسكۇللاردىكى قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بولماقتا.

21. تاكتاكچىلار ( Tik tok narcissist  ):  بۇ كېسەللىك تېخى ئىلمىي مۇنبەرلەردە تەرىپلەنگەن بىر كېسەللىك ئەمەس، ئەمما مەزكۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئالدىمىزدا بۇ كېسەللىكنى تەرىپلەيدىغان ئاتالغۇمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

يۇقىرىدىكى كېسەللىكلەر، كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەللىكلەرگە بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەنلىكى تۈپەيلى نورمال ھالەتتەك  بىلىنمەكتە. ئەمما تور دۇنياسىدىن رېئال دۇنياغا قايتىپ ئۆزىمىزگە زەڭ قويۇپ قاراپ باقساق بۇلارنىڭ بىر قانچىسىگە گىرىپتار بولغانلىقىمىزنى ، بۇ كېسەللەرنىڭ تەسىرىدە ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىن، دوستلىرىمىزدىن، جەمئىيەتتىن ۋە رېئاللىقتىن نەقەدەر ئۇزاقتا ياشاۋاتقانلىقىمىزدەك  ئېچىنىشلىق ھەقىقەتنىڭ تەكتىگە يېتىمىز.  

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى