ئېلېكتىرتور ساغلاملىقى ھەققىدە - 1

ئاجايىپ دۇنيادا ياشاۋاتىمىزكى دۇنيانىڭ ئىچىدە بىر تور دۇنياسى بار، بىر ئائىلىدە بىر- بىرىمىزگە ئۇ قەدەر يېقىندەك كۆرۈنسەكمۇ، ئەسلىدە باشقا- باشقا دۇنيالاردا كەزمەكتىمىز. بۇ مەۋھۇم دۇنيا ئىچىدىكى سەرخىل مەزمۇنلار، ھاياجان بېرىدىغان ئويۇنلار ، ئۇپا- ئەپلىكلىك بىلەن بىزەلگەن مەھسۇلاتلار، سىرلىق تىلسىماتلار، نەپسىمىزنى پەپىلەيدىغان ئەپسۇنلار، بەدىنىمىزنى ۋە روھلىرىمىزنى زەھەرلەيدىغان توكسۇنلار بىلەن بىزلەرنى ، بالىلىرىمىزنى " بۇ تارتىش كۈچىدىن مەرھۇم، مەنىسىز، ئادالەتسىز " دۇنيادىن تارتىپ ئىلىپ ئۆزنىڭ جەلپكار قوينىغا ئاتماقتا. بۇ دۇنيانىڭ كۈلپىتىدىن ، بەركىتىدىن كېچىپ ئۇ دۇنيا سەۋداسى بىلەن كۆيۈپ يانغانلارنى سوپى دېسەك، بۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ كۈل بولاۋاتقانلارغا نېمە دېيىش كېرەك؟ " تور سوپى " مۇ؟ " تور سوپى- ئىشانلار" مۇ؟

تور دۇنياسى، پەن- تېخنىكا قالپىقى ئاستىدا بىزنى ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى ئەسىر قىلماقتا، ھۇرىيەتىمىزدىن مەھرۇم قويماقتا، بىزنى قورغانسىز تۇرمىلارغا سولماقتا. شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە، ئوغلۇمغا يولدىن قارشى تەرەپكە بىخەتەر ئۆتىشىنى ، سۇ ئۈزۈشنى، توپ ئويناشنى، كىتاب ئوقۇشنى ۋە كۆكتات تېرىشنى قولدىن تۇتۇپ ئۈگەتكىنىم. ھېلىمۇ خاتىرەمدە پەرزەنتلىرىمگە بۇ رېئال دۇنيادا قانداق كۆرەش قىلىش، كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، جەمئىيەتكە، خەلقىمىزگە ۋە ئېنسانلىققا قانداق ياردەم قىلىش توغرۇلۇق بەرگەن تەربىيەلىرىم. ئەمما شۇئان شۇنى ھېس قىلماقتىمەنكى كىلەچىكىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىزگە بۇ مەۋھۇم دۇنيادا قانداق ياشاشنى ئۆگىتىش، تور دۇنياسىدا بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلارنى تەكىتلەش، بۇ دۇنيادىكى خەۋپلەردىن ، مەۋھۇم ئوغرى- قاراقچىلاردىن ئۆزىنى قوغداش ۋە ئەڭ مۇھىمى رېئال دۇنيانى سۆيۈش ۋە قەدىرلەشنى ئۆگىتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم، نەقەدەر ھاياتى ئىكەنلىكىنى.

بۇلارنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن پەرزەنتلىرىمىزگە تەلىم- تەربىيە بېرىش، زامانىمىز ئاتا- ئانىلارنىڭ زىممىسىدىكى ئېغىر يۈك ۋە باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتتۇر. ئەگەر بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلالمىساق، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بالىلارنىڭ بىخەتەر تور قوللىنىش ئىڭىنى شەكىللەندۈرمىسەك ، تور كېسەللىكلىرىگە قارىتا ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى كۈچلەندۈرمىسەك ، ئالدىنقى دەرىسلىرىمىزدە سۆزلەپ ئۆتكەن تور كېسەللىكلىرىگە مۇپتىلا بولىمىز. بۇنىڭ تەتىجىسىدە خۇشاللىق ئىزلەپ قايغۇ- ئەلەمگە، ئوغرىدىن قېچىپ قاراقچىغا تۇتۇلىمىز. رېئال- مەۋھۇم دۇنيا ئارىسىدا ئۇرۇپ سوقۇلۇپ، قايسى دۇنياغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭقىرالماي، بار- يوقنىڭ چېگرىسىدا، رېئال دۇنيانىڭ سوغۇق كوچىلىرىدا، مەۋھۇم دۇنيانىڭ قاراڭغۇ دوقمۇشلىرىدا تەمتىرەپ يۈرىمىز.

قانداق قېلىشىمىز كېرەك؟ ئەڭ ئاۋۋال ئىشنى ئۆزىمىزدىن ۋە مەسىلىنىڭ سەۋەبىدىن باشلىشىمىز كېرەك. بۇ تور دۇنياسىنىڭ خەۋپىدىن خەۋرىمىز بارمۇ؟ تور كېسەللىكلىرىگە تونۇشىمىز ئېنىقمۇ؟  بىز تورنى بىخەتەر ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارغا ئىگىمۇ؟ ئېلېكتىرتور ساغلاملىق ئىڭىمىز شەكىللەندىمۇ؟ قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاپ تاپقاندىن كېيىن ، بۇ جاۋابلارنىڭ سايىسىدە ئۆز تەربىيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز لازىم. ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئوبدان چۈشۈنۈپ، چۈشەنگەنلىرىمىزنى بىر ئەقىدە سۈپتىدە قەلبىمىزگە يەرلەشتۈرۈپ، بۇ ئەقىدىنى ئەمەلىي ھەركىتىمزدە ياشىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا پەرزەنتلىرىمىزگە توغرا بىر ئۈلگە، بالىلىرىمىزغا قىلغان نەسھەتلىرىمىز سىھرى كۈچكە، تەربىيىمىز قايىل قىلىش قۇۋۋىتىگە  ئىگە بولغان بولىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ مەۋھۇم دۇنياغا قېچىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرى، رېئال دۇنيادا تاپالمىغان، ئىگە بولالمىغان، دۇچار بولغان رېئاللىقتىن قىچىش پىسخىكىسى بولۇپ، رېئال دۇنيادا تاپالمىغان سۆيگۈنى، مۇھەببەتنى، ئالاقىنى، دوستنى، خۇشاللىقنى، ھاياجاننى، ئادالەتنى مەۋھۇم دۇنيادا ئىزلەشكە تىرىشماقتا. شۇڭا پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇ دۇنيادىن قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا تىخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجىرتىشىمىز، ئۇلار بىلەن دەرتلىششىمىز، دەرتلىرىگە دەرمان بولىشىمىز، ئۇلارنىڭ دوستى بولىشىمىز، ئۇلار بىلەن ئويۇن ئوينىشىمىز، ئائىلىمىزنى مۇھەببەت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان جەننەت باغچىلىرىغا ئايلاندۇرۇشىمىز، رېئال ھاياتىمىزغا ئىشەنچ، دۇنيارىمىزغا ئادالەت، سۆيگۈ- مۇھەببەت بەخش ئېتىشىمىز كېرەك. تور بىخەتەرلىكنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى دەرسكە قەدەر سەۋر قىلشىمىز ۋە بۇ جەرياندا مۇناسىۋەتلىك تېما ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز، تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلشىمىز لازىم. 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى