ئېلېكتىرتور ساغلاملىقى ھەققىدە - 2

 ئېلېكترونلۇق ئويۇنلار ۋە توردۇنياسىدىكى سېھىرلىك مەزمۇنلار پەرزەنتلىرىمىزنى ئائىلە باغرىدىن يۇلۇپ ئىلىپ ئۆزىنىڭ مەۋھۇم قوينىغا ئاتماقتا. ئۇلارنىڭ ئۆيى توردا، دوستلىرى توردا، مەكتىپى توردا ۋە ئوينى توردا بولۇپ، قارشىسىدىكى ئۇ سوغۇق ئېكرانىدىن يىڭى قۇرۇلغان بۇ توردۇنياسىغا غەرق بولماقتا. بۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ بەزىلىرى ئېلېكتروماگنىت دولقۇنلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ھەرىكەتسىز ھايات قېلىپنىڭ سەۋەبىدىن ۋۇجۇد ئاغرىقى، كۆز قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، سېمىزلىك، ئۇيقۇسىزلىقتەك بەدەن ساغلاملىقى مەسىلىلەرگە دۇچار بولسا، بەزىلىرى ئاسان تىركىش، قايغۇ، چۈشكۈنلۈك ۋە تورخۇماردەك روھى پىسخىكىلىق كېسەللەرگە گېرىپتار بولماقتا.  نۇرغۇنلىرى بۇلارنى بىر رېئاللىق دەپ قوبۇل قىلۋالماقتا ۋە ئۇ مەۋھۇم دۇنيادىن رېئال ھاياتقا قايتىش نىيىتى ۋە پىلانى يوق. يۈزتۇرانە ئالاقىلىشىش، ئۆزنى ئىپادىلەش، قارشى تەرەپنى چۈشنىش، ئۆز- ئارا سۆيگۈ- مۇھەببەت ئىزھار قىلىش قاتارلىق ئىجتىمائىيلىشىش قابىلىيەتلەردىن مەھرۇم چوڭ بولىۋاتقان بۇ نەسىللەرنىڭ زېھنىدە ئائىلە، توپلۇلۇق ۋە جەمئىيەت دىگەندەك ئۇقۇملار مۇجمەل بولۇپ، گەرچە توردۇنياسىدا بىر- بىرى بىلەن خەت- ئالاقە قىلسىمۇ، بۇ خېل مۇناسىۋەت يۈزتۇرانە ئالاقىدىكى مۇسبەت ئېنېرگىيىدىن يوقسۇل، تۇيغۇلارنى ئاساس قىلغان رىشتىلەردىن مەرھۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي تۈردە بىر بىرلىك، بىر جەمئىيەت پەيدا بولمايۋاتىدۇ. شەكىللەنگەن گۇرۇپپىلار شوئار توۋلاش، باھا بېرىش، سودا- سېتىق قىلىش ۋە قۇرۇق گەپ سېتىشتىن باشقا فۇنكسىيىسى بولمىغان ئىنسانلارنىڭ يىغىندىسى ھالىغا كەلمەكتە.

بۇ ۋەزىيەتتىن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئائىلىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ، رېئال تۇرمۇشتا رېئاللىقلارنى ئاساس قىلغان، ئىچىدە سۆيگۈ- مۇھەببەت، دەرد- مۇسىبەت بۆلۈشتۈرۈلدىغان، ئۈزلۈكسىز چىقىۋاتقان تەتۈر قۇيۇنلار، سوغۇق شىۋىرغانلارغا قارشى ئۆزىمىزنى قوغدايدىغان بىر كىچىك قورغان، ئائىلە، جەمئىيەت پەيدا قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئېلېكتىرتور ساغلاملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ چارىسى نېمە؟ بۇ ئارزۇلارنى روياپقا چىقىرىشنىڭ سىتراتىگىيسى پەرزەنتلىرىمىزنى تونۇش، ئۇلارنىڭ روھ ئالىمىنى بىلىش، ئۇلارنىڭ يېتىلىش مۇھىتىنى چۈشنىش ۋە دەۋرگە خاس پەرزەنت تەلىم- تەربىيە- تەرەققىيات قوراللىرى بىلەن قوراللىنىش لازىم. گەرچە پەرزەنتلىرىمىزدە بىزنىڭ گېنىمىزنىڭ ئىزلىرى بولسىمۇ، تومۇرلىرىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىنى ئاقسىمۇ، دادىسىنىڭ ئوغلى ئاپىسىنىڭ قىزى بولسىمۇ، ئۇلار چوڭ بولىۋاتقان دەۋر، مۇھىت، جەمئىيەت بىزنىڭكىدىن كۆپ پەرقلىق، ئۇلارنىڭ دۇنياسىدىكى شەرت- شارائىت ۋە رىقابەت بزنىڭكىدىن تىخىمۇ قاتتىق.

ئۇلار تەبىئىي يېمەك- ئىچمەكتىن جىق ئۇزاق، ئۇلار تەبىئەتتىن، تاغ- دەريا، دەل- دەرەختىن كۆپ يىراق، ئۇلارنىڭ چوڭ دادا- چوڭ ئاپا ۋە باشقا ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە ياشايدىغان، سۆيگۈ- مۇھەببەت تولۇپ تاشقان دىيارى  يوق، ئۆيدىن تالاغا چىقسا بىللە ئوينايدىغان دوستلىرى، دوپپا قويدۇم، قاپاق تىرەك، ۋەللەي ۋە پاخپاقتەك  ئويۇنلىرى يوق، ئۇلارنىڭ روھىنى تاۋلايدىغان، تۇيغۇلىرىنى پاكلايدىغان، ۋىژدانلىرىنى سۇغۇردىغان، ئەقلىنى بىلەيدىغان بۇرۇنقى توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يىتىم، مەدرىس- مەشرەپتەك مەدەنىيەت ئوچاقلىرى يوق.  ئۇلار بىزدەك پۈتۈن مەنپىي ئېنېرگىيىسىنى تۇپراققا ئاقتۇردىغان زىمىن ئۆيلەردە ئەمەس، ئانا تۇپراقتىن كىلومىتىرلەرچە ئېگىز بىنا ئۆيلەردە ياشىماقتا. ئۇلارغا بىزدەك رىزقى مول يوللاردا يۈرمەك ئەمەس، رىزقى باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىۋاتقان ، رىزقىنى تېپىش ئۈچۈن تىز سۈرەتلىك يوللاردا يۈگۈرۈش ھەتتا ئۇچۇشى زۆرۈر بولماقتا.

قىسقىسى بىز ئاتا- ئانىمىزدىن مىراس ئالغان دۇنيانى كۆرۈش ئەينىكىمىز بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دۇنياسىنى كۆرەلمەيمىز، تەپسىلاتلىرنى تونۇپ يېتەلمەيمىز. بىز ئاتا- ئانىمىزدىن ئۆگەنگەن پەرزەنت تەلىم- تەربىيە- تەرەققىيات ئۇسۇللىرى بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنى ۋەتەن، مىللەتكە ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالمايمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ كونا ئىش- تىجارەت قىلىش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت تېپىش چارىسى بىلەن ئۇلارغا بىر چىقىش يولى سۇنالمايمىز. بىز قەدىمى ھېكايە، چۆچەكلەر ۋە بىزنىڭ ناخشىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ روھىنى تىترىتىپ، تۇيغۇلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيمىز. بىز مەۋجۇت ساغلاملىق تونۇشىمىز بىلەن ئۇلارغا ھەقىقىي ساغلاملىق بەخش ئىتەلمەيمىز. بىز يىڭى پەن- تېخنىكلارنىڭ ئىزنى سۈرمەي، ئۆزىمىزنى يېڭىلىماي تۇرۇپ ئۇلار بىلەن دوستلۇق قۇرالمايمىز ۋە توغرا يولنى كۆرسىتەلمەيمىز. شۇڭا يىڭى لوپا ئەينەك، يىڭى ئۇسۇل، يىڭى ھېكايە، يىڭى ناخشا، يىڭى ئاڭ كېرەك. ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزنى يېڭىلاشتىن، ئۆزىمىزگە ناتونۇش بولۇپ قىلىۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنى تونۇشتىن باشلايلى. ئۇلارنى كۈزتەيلى، ئۇلارغا ۋاقىت ئاجرىتايلى، كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا بايقايلى. بىر ھاكىم دېگەندەك ئۇلارنى زامانىمىزغا لايىق ئەمەس، ئۇلارنىڭ زامانىغا لايىق تەربىيىلەش ئۈچۈن تىرىشايلى !

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى