ھەكىم ئىزى 1 ياشتا

 ئىزچى بىر يىل مۇقەددەم ئىنسانلارغا كېسەللىك چۆللۈكىدە  سۇ بولۇپ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش، ھەرخىل قۇيۇنلار ئىلىپ كەلگەن تېڭىرقاشلارنى تۈگۈتۈپ دەردلەرگە داۋا بولۇش، خەلقىمىزنى ساغلاملىق بوستانىغا باشلاش مەقسىتىدە، تارىختىن ئىنسانىيەتكە ساغلاملىق ۋە سائادەت بەخش ئەتكەن ھەكىملەرنىڭ ئىزلىرىنى قوغلاپ، بۇ چۆللەردە چۆل كېمىسىگە مىنىپ، ئىلىم- پەن بەرگەن كومپاسنى بىلىگە باغلاپ يولغا چىققان ئىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بۇ بىر يىل ئارقىدا قالدى. بۇ بىر يىلنىڭ ھېساب- كىتابى يېقىنلاشقان بۇ كۈنلەردە ئىزچى بىر تەرەپتىن بۇ بىر يىللىق سەپەردە دەشت- چۆللەردە ئېزىپ قالماي، بوران- چاپقۇنلاردا ئۇچۇپ كەتمەي، ھەكىم ئىزى پرىنسىپلىرىنىڭ كۆلەڭگىسىدە كارۋاندىن چۈشۈپ قالمىغانلىقىغا شۈكۈر قىلىپ ھاياجانلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەنزىلنىڭ ئۇزاقلىقى، يولنىڭ قىيىنلىقى، ئاتلارنىڭ ئورۇقلۇقىنى كۆرۈپ ئەندىشە ئىچىدە چۇڭقۇر خىياللارغا پاتماقتا. بۇ بىر يىللىق  ئۆمىلەش، ئىز سۈرۈش نەتىجىسىدە ساغلاملىق چۆلىنىڭ بوسۇغىسىغا تېخى كەلمىگەنلىكىنى، ئۆمۈرنىڭ قىسقا قىلىدىغان خىزمەتنىڭ جىق، شەرت- شارائىتلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يىتىپ ئاھ ئۇرماقتا. ئۆزىنىڭ ۋە كارۋاننىڭ ئاجىزلىقى، قۇيۇن- چاپقۇنلارنىڭ دەھشىتى تۈپەيلى كۈچ- قۇۋۋەت، غەيرەت- شىجائەت ۋە بەرىكەت- كارامەت تىلىمەكتە.      

بۇ بىر يىل بويۇنچە ھەر ھەپتە بىر ۋادىغا بېرىشقا، بىر ئىز قالدۇرۇشقا تېرىشىلدى. نەتىجىدە ساغلاملىق چۆلىگە " بەدەن ساغلاملىقى"، " روھ ساغلاملىقى"، " مۇھىت ساغلاملىقى"، " ئىجتىمائىي ساغلاملىق"،" ئېلېكتىرتور ساغلاملىقى" ۋە " كائىنات ساغلاملىقى" دىن ئىبارەت يولىمىزنىڭ ئىشارەتلىرى تىكىلدى. ئىنسان ساغلاملىقى ئۈچۈن بۇلاردىن تەركىپ تاپقان بىر پۈتۈن ئېكىلوگىيىلىك سىستېمىنىڭ ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقى، ئىنسان بەدەن ساغلاملىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ بىر پۈتۈنلۈك تونۇشى بىلەن ساغلاملىقىنى قوغدىشنىڭ لازىملىقى، شۇڭا بىر شەخىسنىڭ پەقەت بەدەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشتەك تار كۆرۈشبۇرجىكى يېرىگە پۈتۈنلۈك ئاساسىغا تايانغان بەدەن، روھ، مۇھىت، ئىجتىمائىي، ئېلېكتىرتور ۋە كائىنات ساغلاملىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم قىلىدىغان دۇربۇن سۇنۇشقا تىرىشىلدى.

ساغلاملىقنىڭ سىرلىرىنىڭ تەبىئىيلىككە كۆمەگلىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت، تەبىئىيلىكنىڭ، تەبىئىي يېمەك- ئىچمەككە ئىگە بولۇشنىڭ چۆلدىكى ئىزلاردەك تېپىش تەس بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئاللىق، تەبىئىيلىكتىن ئايرىلغان ئىنسانلارنىڭ ئۆز  ساغلاملىقىغا ۋە دۇنياغا دۈشمەن بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق ئىبرەتلەر كۆرسىتىلدى. بۇلارنى ھەل قىلىش سۈپتىدە، غايىمىزنىڭ تەبىئىيلىككە، ئۆزىمىزگە قايتىش ئىكەنلىكى، نىشانىمزنىڭ ھايات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكى، پەلسەپىمىزنىڭ تەبىئىييېمەكىزىم  ئىكەنلىكى، سىتراتېگىمىزنىڭ  ساغلاملىق ئېڭىمىزنى ھاياتقا تەدبىقلاش ئىكەنلىكى، شۇئارىمىزنىڭ "  ساغلاملىققا قەدەم تاشلايلى، كېسەللىكنى تىلەپ تاپمايلى!" ئىكەنلىكى شەرھىلەندى.  ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھايات پىچىمى بىلەن ، دورا- زەھەردىن ئۇزاق بىر  ساغلام ھاياتقا ئېرىشىشنىڭ تەس ئەمەسلىكى، بەدەن- روھ ئىككىسىنىڭ ئايرىلماس بىرلىكى، روھ  ساغلاملىقى بەدەن  ساغلاملىقىمىزنىڭ ئاساسى، بەدەن  ساغلاملىقىمىزنىڭ روھ خۇشاللىقىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. بۇلارنى توغرا تاپقان ئوقۇرمەنلەر " تەبىئىيلىك مۇ؟ ئورگانىك مۇ؟"،" روھ قانداق  ساغلام بولىدۇ؟" تېمىسىدىكى ماقالىلەرنى كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

بۇ تەبىئىي ئىزلارنى تېپىش، تەبىئىيلىك ئېڭىنى خەلقىمىزگە سۇنۇش، ساغلاملىقىمىزنى ھەركۈنى ھەر ئىستىمالىمىزدا بومباردىمان قىلىۋاتقان ناتەبىئىي شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەكلەردىن قوغداش، بۇ ئارقىلىق كېسەللىك چۆللۈكىدە سۇغا، يارىلىرى ئۈچۈن مەلھەمگە زار بولىۋاتقان كارۋانلارغا سۇ ۋە مەلھەم بولۇش ئىزچىنىڭ خىزمىتى ۋە مەجبۇرىيىتى، بىرىلگەن نېمەت بۇ كەسىپنىڭ زاكىتى.  بىر يىل مۇقەددەم يالغۇز چىققان بۇ سەپەرنىڭ ئارقىسىدىن بىر كارۋان پەيدا بولدى. ئەگەر بۇ كارۋان ھەكىم ئىزىنىڭ كۆرسەتكەن ئىزلىرىدىن مېڭىپ، ھەكىم ئىزىدە سۇنۇلغان  ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ئەمەلىي ھاياتتا ئىشلەتسە،  ساغلاملىق يېشىل بوستانىغا يىتىش،  ساغلاملىق ئەڭگۈشتەرىگە ئىگە بولۇش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.

 كارۋاندىن دەشت- چۆللەردە چۈشۈپ قالىدىغانلارنىڭ چىقىشىمۇ ناھايىتى تەبىئىي. بۇ كارۋاندىن %10 كىشى بۇ  ساغلاملىق سىرلىرىنى ئوقۇپ چۈشەنسە، %1 كىشى ھاياتىغا تەدبىقلاپ  ساغلام ھاياتقا قەدەم باسسا، بۇ بىز ئۈچۈن بىر غەلىبە، ھەكىم ئىزى ئۈچۈن بىر تەقدىرنامە. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز كەينىمىزگە قارىماستىن ئۈمىت بىلەن پارلاق ئەتىگە قاراپ قەدەم تاشلىماق ۋە ئارقىمىزغا چۇڭقۇر، خاسىيەتلىك ئىزلار قالدۇرماق. ئۈمىدىمىز، ئارمىنىمىز شۇكى- شائىر دېگەندەك: " تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يا ئەۋرىمىز!"   

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى