دۇنيادا ھەممىدىن «تەبىئىي»نى تاپماق تەس

ساغلاملىقنىڭ سىرى تەبىئىيلىككە كۆمەگلىك. دەۋرنىڭ تەرەققىياتى، زامانىۋىلىشىش قالپىقى ئاستىدا تەرەققىي قىلغان تەبىئىيلىككە، تەبىئىي قەدىمقى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا زىت سانائەت، يېزا- ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى، پەقەت ۋە پەقەت پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئاڭ ۋە بۇ ئاڭنىڭ تەسىرىدە كۆزى كۆر بولغان ئىنسانلار تۈپەيلى « تەبىئىيلىك» دېگەن ئۇقۇم، تەبىئىي ياشاش ئەندىزىسى، تەبىئىي مەھسۇلاتلار بۇ تەتۈر قۇيۇنلار تەرىپىدىن ئۇچۇرۇلۇپ چۆللەرگە، ئىنسان ئايىقى باسمىغان تاغۇ- بوستانلارغا كۆمۈلۈپ كەتمەكتە، ئىنسانلار تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈلمەكتە. تەبىئىيلىكتىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلار ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ، ئۆزىنى كېسەل قىلىۋاتقان دۈشمەننىڭ ئەسلىدە ھەركۈنى ئىستىمال قىلىۋاتقان يېمەك- ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقىماقتا، دۈشمەننى بىلەلمەي ئۆز- ئۆزىگە ئوق ئاتماقتا. ئەسلىدە ساغلاملىق چولپىنى داستانلىرىنى يازغان، تەبىئىي ھايات قېلىپى بىلەن بىزگە چۇڭقۇر ئىزلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەر نەرسىسى تەبىئىي ئىدى. تەبىئىي بولغاچقا خاراكتېرىدە بىر گۈزەللىك، تائاملىرىدا بىر تەم، بەدەنلىرىدە بىر ساغلاملىق بار ئىدى. ئۇلار نە قەدەر تەلەيلىك، قىسقىغىنا ۋاقىتتا بۇ مەدەنىيەتتىن، بۇ يولدىن ۋە بۇ تەبىئىيلىكتىن ۋاز كېچىپ، مودىنىڭ ئۇچار گىلەملىرىگە مىنىۋېلىپ ئاي- مارىسلاردا سائادەت ئىزلەۋاتقان بىزلەر نەقەدەر تەلەيسىز. قىسقىغىنا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بۇ خىل چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېبابەتتە ئىسمى « تۈپ ئۆزگىرىش» ( Mutation ) بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى راك. تەبىئىيلىكتىن ئۇزاق بۇ ئاڭدىكى ۋە تۇرمۇشتىكى راك، ۋۇجۇدىمىزدىكى راكلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ھەر ئىسلاھات، تەرەققىيات پايدىلىق بولۇشى بىلەن بىرگە زىيانلىق بولىشى، قىسقا مەزگىلدە مەنپەت ئىلىپ كەلگەن بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك نەتىجىسى بىر پالاكەت بولىشى مۇمكىن. بەزەن بۇ تىراگىيدىيەلەرنى كۆرۈشكە ئۆمرىمىز يەتمەسلىكى، پۇشايمان ئالدىغان قاچا تاپالماسلىقىمىز مۇمكىن. ئەڭ توغرا يول زامانلارنىڭ، بورانلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ھىكىمەتلەرنىڭ ئىزنى سۈرۈش، ئۆتكۈنچە توغرىلارنىڭ ھاياجىنىدىن ئۇزاق تۇرۇش.

تەبىئىي مەھسۇلات، ئورگانىك ئىشلەپچىقىرىش دېيىلگەندە ئەڭ ئاۋۋال ئىنسان، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ مەۋجۇداتنىڭ ئۆز- ئارا دوستلۇقى، ھەق- ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر ئېكىلوگىيىلىك ھايات پەلسەپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باشتا ئۇرۇقتىن تارتىپ تاكى بىزنىڭ داستىخىنىمىزغا يېمەك- ئىچمەك سۈپتىدە تىزىلغانغا قەدەر تىرىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش، قاچىلاش، توشۇش، پىشۇرۇش قاتارلىق بارلىق ھالقىلارنىڭ تەبىئىي بولىشى شەرت. گېنى ئۆزگەرگەن ئۇرۇقتىن تىكىلگەن قوناق تەبىئىي ئەمەس بولۇپ، تەبىئىي ئۇرۇقلار تېرىلغان ئېتىزغا خىمىيىلىك ئوغۇت بەرگەندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن قوناقمۇ ئورگانىك بولمىغانغا ئوخشاش، بۇ قوناقلار بىلەن بوردالغان كالا- قويلارمۇ تەبىئىي ئەمەس.

ئورگانىك  ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جاپاسى جىق، مەھسۇلاتى ئاز، خاپىلىقى كۆپ بولغاچقا، زامانىۋى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ دەردى باشقا بولغاچقا، دۇنيادا ھەممىدىن تەبىئىي دېھقان بولماق تەس. گەرچە باي دۆلەتلەردىكى ئىستىمال سەۋىيسى يۇقىرى پۇقرالار تەبىئىيلىك  ھەقىقىتىنى تونۇپ يىتىپ، ئورگانىك مەھسۇلاتلارغا يۈزلەنگەنلىكى تۈپەيلى بۇ بازارلار تىز تەرەققىي قىلىپ قىممىتى 130 مىليارد دوللارغا يۈكسەلگەن، ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى كېڭىيىۋاتقان بولسىمۇ، يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، ئىقلىم تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى، تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئاڭسىز قىلمىشلىرىغا بولغان ئاچچىقى تۈپەيلى ئورگانىك دېھقانچىلىقنىڭ ھاسىلاتى چۈشۈپ تەننەرخى ئارتماقتا.1  شۇئان دۇنيادىكى يېمەك- ئىچمەك باھاسى كىيىنكى 50 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە كەلگەن بولۇپ، بۇنى ھەل قىلىشنى بىلمەيۋاتقان ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلىماقتا. بۇ ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان كەمبەغەل ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىش پۇرسىتى نۆل بولغاچقا دۇنيادا ھەممىدىن تەبىئىينى تاپماق تەس.

تەبىئىي بولمىغان، بەدىنىمىز تونۇمايدىغان، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ئۈچۈن دۈشمەن ھېسابلىنىدىغان بۇ يېمەك- ئىچمەكلەر بەدىنىمىزنى ساقسىز، روھىمىزنى كېسەل قىلماقتا. بۇ كۈنلەردە كېسەللەرمۇ تەبىئىي ئەمەس بولۇپ، ھەم ئۇلارغا ئېسىم قويماق تەس، ھەم كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىش ۋە ئۇلارنى رازى قىلىش تەس. بىمارلار غەزەپتە، دوختۇرلار تېڭىرقاشتا ،  شۇڭا دۇنيادا ھەممىدىن دوختۇر بولماق بولماق تەس.

بۇ ناتەبىئىي ئوزۇقلاردىن ھاسىل بولغان مەنپىي ئېنېرگىيە روھىمىزنىڭ زەرەتلىرىنى مەنپىلەشتۈرگەنلىكى، تەبىئىي ئوزۇقلار بېرىدىغان مۇسبەت ئېنېرگىيىدىن مەھرۇم بولغانلىقى ئۈچۈن روھىمىز ئاچ ۋە بىتاب . روھىمىز بەزەن ئاچلىقتىن ئاچچىقلىنىپ زارلانسا، بەزەن كېسەللىكتىن غەم- قايغۇ، يېغى- زارە قىلماقتا. ساقسىز بەدەن ئۈستىدىكى بىتاب روھتىن ئۈمىت، غايە، خۇشاللىق، سەمىمىيەت، ھەققانىيەت، ئادالەت ۋە سۆيگۈ- مۇھەببەتكە ئوخشاش ئىنسانىي ئەخلاق- پەزىلەتلىرىنى تېپىش مۇمكىن بولمىغاچقا، دۇنيادا ھەممىدىن تەبىئىي ئىنسان تاپماق تەس.

ئۇ تەس، بۇ مۈشكۈل دېدۇق، ئەمما ئۇنتۇماڭ، ھەر قىيىننىڭ بىر ئاسىنى بار، راستىنلا ھەر مۈشكۈل بىلەن بىرگە بىر ئاسانلىق بار.

1. دۇنيا ھەكىم ئىزغا ( تەبىئىيلىككە) يۈزلەنمەكتە: 

https://www.hekimizi.com/2021/09/blog-post.html


كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى