ئوزۇقلىنىش بىر سەنئەتتۇر

ھەر قېتىم مۇزىيخانىنى زىيارەت قىلغان چېغىڭىزدا، كۆرگەزمىگە قويۇلغان، ئىنسانغا ئىستىتىك زوق بېغىشلايدىغان، ئىنساننى ھازىردىن ئىلىپ تارىخنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ ھاياجانلىق مىنۇتلىرىغا ئىشتىراك قىلدۇرىدىغان بۇ بىر- بىرىدىن گۈزەل، مۇكەممەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگىنىڭىزدە، بۇ ئەسەرلەرنىڭ سەنئەتكارلىرىغا، ئۇلارنىڭ روياپقا چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان، سەنئەت ئەسەرلەرنىڭ روھى ھېسابلىنىدىغان ئۇ تارىخقا، مەدەنىيەتكە ۋە ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىرىغا مەدىھە ئوقۇماي تۇرالمايسىز. ئەمما بۇ ئەسەرلەرنى زاماننىڭ يىپىرتىشى ۋە ھاۋا- كىلىماتنىڭ چۈرتىشىدىن قوغداپ، ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ، ئۇلارغا كۆز تىككەن ئوغرى- قاراقچىلاردىن قوغداپ بىزلەرنىڭ زوق ئېلىشىمىزغا ئىمكان يارىتىۋاتقان، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى قوغداش ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكا سىستېمىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئارقا سەپتىكى  سەنئەتكارلار ۋە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن پوستتا تۇرىۋاتقان ئىسىمسىز قەھرىمانلارنىڭمۇ ئەسلىدە بىرەر سەنئەتكار  ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ كۆرۈش بۇرجىكىدىن قارىغاندا، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ گۈزەل بىر شەكىلدە يارتىلغان ئىنسان بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىدىن ئىستىتىك زوق ئالالايدىغان، بۇ مۆجىزە ئەسەرنىڭ قىممىتىنى بىلىپ كۆز نۇرى سۈپتىدە قوغدايدىغان، بۇ يېتۈك ئەسەرنى ئاسراشنىڭ يوللىرىنى ئىزلەشكە قەدەم تاشلىغان ھەر ئويغاق، مەدەنىي كىشى بىر سەنئەتكاردۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئۆز بەدىنىنىڭ تەبىئىتىنى، مىجەزىنى، مىزاجىنى ئوبدان بىلىدىغان، يېمەك - ئىچمەكلىرىنى سوغۇق، ئىسسىق، ھۆل ۋە قۇرغاق دەپ سىستېمىلارغا ئايرىپ تەبىئىي ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، بۇ سەنئەت ئەسەرنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن بەزىدە نەپسىدىن كېچىپ پەرز تۇتۇشقا دىققەت قىلىدىغان، بىرىلگەن نېمەتكە خىيانەت قىلىدىغان ئىش- ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرىدىغان، شۇڭا بۇ ئەسەرنىڭ گۈزەللىكىنى يۈز يىللارغا سوزۇلغان ئۇزۇن ئۆمۈر مۇساپىسىدە قوغداپ قىلىشقا قادىر بولغان قەدىردان ئاتا- بوۋىلىرىمىز، مېھرىبان ئانا- مومىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىر سەنئەتكار ئىدى.  ئىزچى بۇ سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىگە دوختۇرخانىدا شاھىت بولىتى. گەرچە ياشلىرى چوڭ بولسىمۇ، قارغايدەك تىك قەددى، ياشلاردەك ئىلدام قەدىمى، قورۇق چۈشكەن ئەمما نۇر پارلاپ تۇرغان يۈزلىرى، رەندىلىۋەتكەندەك تۈز قورساقلىرى، ئۆتكۈر زىھىنلىرى، قانائەتچان، مېھرىبان سۆزلىرى ئىزچىنى ھەيران قالدۇراتتى. ھازىر بۇ گۈزەللىكلەرگە ئىگە چىقالمايۋاتقان چوڭ- كىچىك بىمارلارغا قاراپ ئۇلارغا بولغان ھەيرانلىقى تىخىمۇ ئاشماقتا.

بۇ گۈزەللىكنىڭ تېگىدە ياتقان سىر ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ئىدى. 1 ئۇلارنىڭ دورىسى تەبىئىي ئوزۇقلىنىش، دەرمىكى تەبىئىي ئوت- چۆپ، دەرمانى تەبىئىي ياشاش ئۇسۇلى ئىدى. ياشاش پەلسەپىسى بولسا « ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق داۋالىنىش، پەرز بىلەن كېسەللىكتىن ھەزەر ئەيلەشنى ھەممە دورىدىن ئەۋزەل بىلىش ئىدى» . بۇ سەنئەت يېقىنقى زامانلاردا زامانىۋى مېدىتسىنا تەرىپىدىن بايقىلىشقا، ھەيران قىلىشقا باشلاندى ۋە ئىلمىي ماقالىلەردە ، دوختۇرلارنىڭ رىتسىپلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىدى.2  گۈزەللىك ئېڭىدىن يوقسۇل قالغان، بىزگە مىراس بۇ سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئىگە چىقالمىغان، سەنئەتنى ھاياتىمىزغا ئەكىس ئەتتۈرەلمىگەن بىزدەك سەنئەتكە ئاشىق، سەنئەتكارغا مەشۇق نەسىل، بايلىق دېڭىزىدىكى بېلىق تۇرۇپ سۇغا مۇھتاج بولماقتا، سەنئەتكە مىنىۋېلىپ سەنئەت ئىزلەپ يۈرمەكتە.  بەللىرىمىز مۈكچەيگەن، قوساقلىرىمىز تومپايغان، ئاغزىمىز ئاچچىق، سۈيدىكىمىز تاتلىققا تولغان، چىرايىمىزنى توپا باسقان، كۆزلىرىمىزدىن ئۈمىدلەر قاچقان، سۆزلىرىمىزدىن غەزەپ- نەپرەت تامغان بىر شەكىلدە بەدىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ سەنئەت ئەسەرىنى ئۆز قولىمىز بىلەن كېسەللىك يالقۇنىغا تاشلاپ كۆيدۈرۋاتىمىز، بۇ سەنئەت ئەسەرنىڭ ئوغرى- قاراقچىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىپ كېتىشىگە كۆز يۇمىۋاتىمىز، ئەڭ مۇھىمى بۇ سەنئەت ئەسەرنىڭ روھى بولغان روھ بايلىقىمىزنى نەپىس كېسەللىكلىرىدىن قوغدىيالماي بۇ بىباھا ئەسەرنى ۋاقىتسىز تىرىك پىتى تۇپراققا كۆمۈۋاتىمىز.

ئىشنىڭ گۈزەل تەرىپى، بۇ سەنئەت ئەسىرى تېخى بىزنىڭ قولىمىزدا، ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىت ، ھەر كېسەلنىڭ بىر داۋاسى بار. چارە بەك ئاددى، يەنى ئەڭ ئاۋۋال كاللىمىزدا تەبىئىيلىكتىن ئىبارەت گۈزەللىك ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش، ۋۇجۇدىمىزنىڭ بىزگە ئامانەت بىر سەنئەت ئەسىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئەسەرنى قوغدىغۇچى قاراۋۇل ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يىتىپ، ئوزۇقلىقىمىزنى مىجەزىمىزگە ماس ھالدا تەبىئىي يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەڭشەپ، ساغلام ھاياتقا قەدەم تاشلاشتىن ئىبارەت. پۈتۈن كېسەللىك ئېغىزدىن كىرىدۇ. شۇڭا كانىيىمىزغا تەبىئىي ئوزۇقلىنىش يىپلىرى بىلەن بىر تور توقۇپ يەرلەشتۈرسەك، كېسەللىك بۇ تورغا ئېسىلىپ توسۇلۇپ قالىدۇ. بەدىنىمىز ساغلام بولسا روھىمىز شاد، پىكرىمىز ئۆتكۈر، كۆرىشىمىز كەسكىن، تەۋەككۈلىمىز تولۇق ، كەلامىمىز كامىل بولىدۇ. « باشتا تائام، كېيىن كەلام» نىڭ مەنىسى باشتا تاماق يە بولماستىن، تائامدىن ئىبارەت سەنئەتنى بىلسەڭ ئاندىن كەلامچى سەنئەتكار بولالايسەن دېمەك بولسا كېرەك. ئوزۇقلىنىش بىر سەنئەتتۇر، گۈزەل سەنئەتتەك ئوزۇقلان، ۋۇجۇدىڭدا سەنئەت ئەسەرلىرى ۋۇجۇتقا كەلسۇن!

 

1. ساغلاملىقنىڭ سىرى - تەبىئىيلىك:

https://www.hekimizi.com/2021/01/blog-post_21.html

2. تەبئىيلىكنىڭ ئىلمىيلىكى:

 https://www.hekimizi.com/2021/01/blog-post_28.html

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى