دورىڭىز ئوزۇقىڭىز بولسۇن، ئوزۇقىڭىز تەبىئىي بولسۇن

 تېبابەتتە كېسەلگە قارتا دورا، دەردىگە قاراپ داۋا قىلىش ئاساستۇر. شۇڭا كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ھەم مۇھىم ھەم قېيىن. ئەسلىدە قان بېسىمى، شېكەر كېسلى، يۈرەك قان- تومۇر كېسەللىكلىرى بىر نەتىجە بولۇپ، ئۇلارنى بىر سەۋەپ دەپ دورا ئىشلىتىش ئەڭ چوڭ خاتالىقلىرىمىزدىن بىرى.  بۇ كېسەللىكلەر پەرىقلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. دۇنيادىكى ئۆلۈملەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى بولغان كېسەللىك يۈرەك قان- تومۇر كېسەللىكلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى سەۋەبى شېكەر كېسەللىكى، شېكەر كېسىلى بولغان كىشىنىڭ قان بېسىمى بولۇشى ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئورتاق سەۋەبلىرى بولسا سېمىزلىك ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى بولسا يېمەك- ئىچمەكلىرىمىزدىكى يۇقىرى شېكەر مىقدارى.  بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ھايات سۈپىتىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپ بولىۋاتقان ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىمۇ ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەكلەردىكى زەھەردىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىرسىي دەپ قەدىرىمىزگە ئاتىپ قويىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ نىسبىتى بەك تۆۋەن بولۇپ، ئىرسىيتىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولىۋاتقانمۇ دەل بىزنىڭ ئىرسىي بولمىغان ( ئاتا- بوۋىلىرىمىزغا ئوخشىمىغان) تۇرمۇش ئەندىزىمىز.

دېمەك كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىنى بىلدۇق، نېمە قىلىش كېرەك؟ ئۇنىڭغا قارتا دورا قىلىش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى پەقەت ئىستىمال بويۇملىرىمىزدا 3000 دىن ئارتۇق خىمىيىلىك زەھەر بولۇپ، بەدىنىمىزدە يىلدا بىر قانچە كىلو ھاشارەت دورىسى ئەخلەت سۈپتىدە بىرىكمەكتە. شۇڭا داۋالاش ئۈچۈن زەھەرنىڭ ئۈستىگە دورا- ئوغا1 بېرىش ئەمەس، ئەڭ ئاۋۋال بۇ زەھەرنىڭ كېرىش ئېغىزىنى توساش لازىم. بۇ خۇددى توك سوققان كىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قول ئۇزىتىشتىن ئاۋۋال توك مەنبەسىنى كېسىش، قازانغا ئوت كەتكەندە ئۈستىگە سۇ چىچىش ئەمەس، ئاۋۋال ئوتتىن ئايرىشقا ئوخشاش ئاددىي ۋە مەنتىقىلىق. يەنى داۋامىز، ئاللىقانداق چىرايلىق قۇتۇلارغا قاچىلانغان دورىلار، ئاجايىپ ئىسىملەر قويۇلغان شەربەتلەر بولماستىن، ئەڭ شىپالىق دورىمىز زەھەرنى كېسىش، چارىمىز ئەڭ دەسلەپ تۇرمۇش ئەندىزىمىزنى ئۆزگەرتىش بولىشى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ياغ ئۇستىگە سۇ چاچقاندەك  ئوتنى ئۆچۈرۈش تۈگۈل، چاچراپ چىققان ياغ بىلەن ئۆزىڭىزنى كۆيدۈرۋالىسىز. ئىشەنمىسىڭىز يا سىناپ كۆرۈڭ، يا ئائىلىڭىزنىڭ ۋەياكى بېشىڭىزدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى تەپەككۈر قىلىپ كۆرۈڭ.

بىزنىڭ بەدىنىمىز ۋە روھىمىزنىڭ كودلىرى تەبىئىيلىك ئۈستىگە كودلانغان بولۇپ، تەبىئىيلىك يارتىلىشىمىزنىڭ چاقىرىقى ۋە قانۇنىيىتى. بۇ قانۇن DNA غا ساقلانغان بولۇپ، ئۇنى قوغداش- قوللاش ۋەزىپىسى ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزغا ھاۋالە قىلىنغان. كۈندىلىك ھاياتىمىزدا دۆلەتنىڭ قانۇن- تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلساق، كونكرېت قوراللارغا قارشى چىقساق، سوت تەرىپىدىن سوتلىنىپ، بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن جازاغا تارتىلغاندەك، بىز تەبىئىيلىكتىن ئىبارەت بۇ قانۇنغا ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەك بىلەن خىلاپلىق قىلساق، ناتوغرا تۇرمۇش پىچىمىمىز بىلەن قارشى تۇرساق، ئۇنىڭ جازاسى سۈپتىدە كېسەل بولىمىز، بەزى ئەزالىرىمىزغا ھەرخىل زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئۈسكىنلىرىمىز بىلەن كويزا- تاقاق سالىمىز(  Stent, Pacemaker)، بەزى ئورگانلىرىمىزنىڭ فۇنكىسىيىسىنى بۇزۇپ ئۇلارغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بىرىمىز، بەزى ئەزالىرىمىزنى ئېچىنىشلىق بىر شەكىلدە دارغا ئاسىمىز. ئۆلۈمنىڭ سەۋەبى كېسەللىك بولىشى شەرت ئەمەس!

باشقا بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆرەش بولۇپ، كېسەللىك ئانا قورسىقىدا باشلايدۇ. ناتەبىئىي ئوزۇقلىنىش پىچىمى، ناتوغرا تۇرمۇش ئەندىزىسى بىر كىشىدە ئوخشاشمىغان زامانلاردا، ئوخشاشمىغان ئورگانلاردا پەرقلىق كېسەللىك سۈپتىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. شۇڭا جىددىي كېسەللىكلەرگە جىددىي مۇئامىلە، جىددىي داۋالاش ئىلىپ بېرىلغاندىن سىرت، باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەردە زەھەرنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بىرى ئورگانىزمغا بەرگەن تەسىرىنى، قېتىشقان تومۇرلارنى، بۇزۇلغان توقۇلمىلارنى قىسقا ۋاقىتتا رېمۇنت قىلىش، داۋالاش مۇمكىن ئەمەس.  ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتمەي، ئېڭىمىز ۋە تۇرمۇش ئادىتىمىزنى تۈزەتمەي ۋە سەبىر بىلەن يولغا ئاتلانماي تۇرۇپ، ئىچىمىزدىكى دورا- دەرمان بۇتلارنى ئۆرۈمەي تۇرۇپ ساقىيىشىنى ئۈمىت قىلىش ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئىچىش.

بىتاب بولغاندىن كېيىن داۋالاش ھەم مۈشكۈل ھەم مۇمكىن. ئەڭ توغرىسى، دوختۇرلۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، كېسەل بولماي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش، كېسەل كەلكۈننىڭ ، ئاغرىق توپانىنىڭ ئالدىغا توغان قۇرۇش بولۇپ، بۇ توغان تەبىئىي يېمەك- ئىچمەك ۋە توغرا تۇرمۇش شەكلىمىز بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن، ساقلىقىمىزنىڭ قورغىنى ئىممۇنىتېت سىستىېمىمىزدىن ئىبارەت. 2 ئانىسىنى دەپ بەر، قىزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەي، يېگەن- ئىچكىنىڭنى دەپ بەر، سىنىڭ ساغلام بولۇپ بولمىغىنىڭنى، كېلەچەكتە كېسەل بولۇپ بولمايدىغىنىڭنى دەپ بېرەي!  دورىڭىز ئوزۇقىڭىز بولسۇن، ئوزۇقىڭىز تەبىئىي بولسۇن، كېسەللىك سىزدىن ئۇزاق تۇرسۇن!    

1. دورا مۇ؟ ئوغا مۇ؟ :

 https://www.hekimizi.com/2021/04/blog-post_08.html

2. ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى- ئىممۇنىتېت سىستېىمى:

https://www.hekimizi.com/2021/02/blog-post_11.html

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى