بەدەن ساقلىق تىلى

 گالىلېي دېگەندەك:" كائىناتنىڭ تىلى ماتېماتىكا بولۇپ، بۇ تىلنىڭ ھەرپلىرى ئۈچبۇلۇڭ،چەمبەر ۋە باشقا گىئومىتىرلىك شەكىللەردۇر."   بەدىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق مىكرو كائىناتنىڭمۇ كۈندىلىك ئالاقىدا ئاكتىپ ئىشلىتىلدىغان ۋۇجۇد تىلىدىن باشقا، ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى، بەدىنىمىزنىڭ ساقلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدىغان ، كېسەللىك ئەھۋالىمىزنى بايان قىلىپ بېرىدىغان بىر بەدەن ساقلىق تىلى بار. ھەربىر چەتئەل تىلىنى بىر ئېھتىياجدىن تۈپەيلى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆگەنگە ئوخشاش، بۇ بەدەن ساقلىق تىلىنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس تاۋۇشلىرىنى ، ئىپادىلەش قۇدرىتىگە باي ھەرپلىرى بولغان شىكايەت- ئالامەتلىرىنى بىلىشمۇ بىزدىن ۋاقىت ۋە تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغان، ئەڭ زور بايلىقىمىز بولغان ساقلىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن شۇئان مۇھىم بىر ئېھتىياج.

بۇ تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال كاللىمىزدا بۇ خىل بىر تىلنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يىتىپ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشنىڭ ساقلىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇلارغا قۇلاق سالماي ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇپ 10-5 يىلدىن كېيىن پالەچلىكتىن گاچا بولۇپ قالغاندا، بۇلارنىڭ تىلىنى بىلىش ئۈچۈن ئىلغار تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلەرگە ۋاقىت ۋە پۇل سەرپ قىلىشنىڭ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر ئاۋارىچىلىق بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر تونۇشنىڭ شەكىللىنىشى لازىم. بۇ ئاڭ پەيدا بولغاندىن كېيىن بۇ تىلنىڭ ئۇسۇللىرىنى بايقاشقا، ئىچكى ئەزالىرىمىز بىلەن مۇڭدىشىشقا باشلايمىز.

بەدىنىمىزدىن چىقىدىغان تاۋۇشلار بىزگە بىر نېمىلەرنى پىچىرلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن. يۆتەللار نەپەس يوللىرىمىزنىڭ ناتەبىئىي ھاۋا، گاز، چاڭ- توزاڭ تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىزگە ۋارقىراۋاتقان بولسا، ھەق تۇتۇشلار، قوساقلاردىكى غۇرۇلداشلارمۇ مىجەزىمىزگە، مىزاجىمىزغا يات نەرسىلەر زۇۋانىمىزدىن ئۆتكەنلىكىنى بىزگە توۋلىماقتا.  دەردىنى ئۇقتۇرالماي كۆزلەر ياشىرىپ، بۇرۇنلار مىچىلداپ، ئاۋازلار پۈتۈپ كەتمەكتە. ئەگەر بۇلارغا پىسەنت قىلمىساق قان تۈكۈرۈش، قۇسۇش، قوساق ئاغرىقى، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق تېخىمۇ ئېغىر ئىپادىلەر بىلەن ئۆزىنى ئىپادە قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇلار ھەم ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بولغان ئالاقە تىلى ھەم ۋۇجۇدىمىزنى قوغداش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ تىلى بىلمىگەچكە، كاللا دېسە پاقالچاق دەپ چۈشۈنىۋالغاچقا بۇلارنى كېسەللىك دەپ تونۇپ، بۇلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن دورا ئىچىشكە، ئۇلارنى گەپ قىلمىسۇن دەپ ئاغزىغا جوبو چاپلاشقا باشلايمىز.

ئەزالىرىمىز ئۆزىگە قىلغان ھەقسىز مۇئامىلىلەرگە، ناتوغرا ھەرىكەت ۋە ھايات پىچىملىرىغا بەزەن ئاچچىقلىنىپ قىزىتمىسى ئۆرلىسە، بەزەن پەرقلىق ئاغرىقلار بىلەن بىزگە غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادە قىلماقتا. بىز بولساق بۇ ئاچچىقلىنىش ۋە غەزەپ- نەپرىتىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ قولاي بولغان قىزىتما دورىسى ۋە ئاغرىق توختاقۇچلار بىلەن بۇلارنىڭ ئاۋازىنى بوغاشنى ماھارەت دەپ بىلىمىز. تەس بولغان، سەۋەبنى تېپىپ چىقىپ ھەقسىزلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ يولىنى تۇتمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ غەزەپ- نەپرەت تېشىپ پارتلىغاندا ئوپىراتىسيە كارىۋىتىدا ۋەياكى ئېغىر كېسەللىك بالىنىسدا مۇرەككەپ تۇيغۇلار ئىچىدە « ئىسىت!» دېيىشكە باشلايمىز.

جىگەر ياغلانمىسى، قان- تومۇرلارنىڭ لاي- لاتقىلاردىن توسۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۇقۇش ئۈچۈن ھەرخىل رەڭلىك ۋە قىممەتلىك ئاپپاراتلار1 ۋە زىيانلىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرۇشتىن قورقمايمىز. ئەمما بۇلارنى بىزگە يىللار ئاۋۋال ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە توغرۇلۇق بىلەن ئەڭ ئەزان شەكىلدە دەپ بېرىدىغان قوساق ئايلانمىمىزنى ئۆلچەش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭمۇ بىلەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۇقمايمىز. ئىچكى ئەزالىرىمىز ۋە قان تومۇرلىرىمىز ياغلانماقتىن « ھۆ! » دېگەن تاۋۇشنى چىقىرىشتىن ھېرىپ- چارچاپ ئۇنى كۆزىمىزنىڭ ئىچىگە سوقۇش مەقسىتىدە قورسقىمىزنى يوغانتىشتىن ئىبارەت بەدەن ساقلىق تىلىنى قوللىنىدۇ. ئەسلىدە مەلۇم ۋاقىتلار ئىچىدە قوساق ئايلانمىمىزنى ئۆلچەپ تۇرساق، بىلىمىز پاتماي قالغان ئىشتان- كۆينەك- يوپكىلىرىمىزغا بىر نەزەر تاشلىساق قانچىلىك ياغلانغانلىقىمىزنى، ئۇنىڭغا ماس دەرىجىدە ئىچكى ئورگانلىرىمىزنىڭ قېتىشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. دوختۇرلارنىڭ بەل ئايلانمىسى ۋە قاندىكى ماينى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بېرىدىغان دورىلارنىڭ كۈلپىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ تىلنى بىلىش بىزگە يىتىپ ئاشاتتى.

ئۆيدىن تالاغا چىقىشتىن ئاۋۋال« دوست- دۈشمەننىڭ ئالدىدا» دەپ ئەينەككە قاراپ ئۈستى بېشىمىزنى تۈزەشتۈرۈپ، ئۇپا- ئەڭلىك سۈرتكىنىمىزدەك، كىچە ياتاقتا يېتىشتىن ئەۋۋەل « ئاغرىق- سىلاق ھەققىدە » دەپ بەدىنىمىزنىڭ ئەينىكى بولغان تىرىمىزگە دىققەت بىلەن نەزەر تاشلىساق، تىرىمىزدىكى دانخورەكلەر، داغلار، يىللار تاشلاپ كەتكەن ئىزلار، تاتۇقلار، قىزللىقلار، سېرىقلىقلار، نوختىلار، سىزىقلار بىزگە  ئىچكى ئەزالىرىمىزنىڭ فۇنكىسىيىسىنى سىزىپ كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، چاچ- ساقاللىرىمىز، كۆزلىرىمىز،  تىرناقلىرىمىز، بارماقلىرىمىز، چىشلىرىمىز ۋە تىلىمىز ئوخشىمىغان بەدەن ساقلىق تىلى بىلەن ئورگانلىرىمىزنىڭ دەرد- پەريادلىرىنى بىزگە پىچىرلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز . گەرچە ئوخشاش بولمىغان تاۋۇش، پەرقلىق ھەرپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب قوللانسىمۇ ئىپادىلەشكە تىرىشىۋاتقان ئورتاق مەقسىتى ناتەبىئىي ئوزۇقلىنىش شەكلىمىز ۋە ناتوغرا ھايات ئەندىزىمىزدۇر.  كەچكى، دوست- دۈشمەننىڭ ئالدىدا سەت بولۇشتىن قورققاندەك ئەزا- ئورگانلىرىمىزنىڭ سەت بولۇپ قىلىشىدىن قورقۇپ بۇ بەدەن ساقلىق تىلىغا قۇلاق سالساق!

يۇقاردىكىلەر بەدەن ساقلىق تىلىمىزنىڭ بىر قانچە سۆزلىكلىرى خالاس. ئەگەر بەدىنىمىزگە دىققەت قىلساق، ئۇنى ئۆگىنىشكە تىرىشساق، بۇلارغا قۇلاق سالساق ئۆزىمىزنىڭ مىجەز- خۇلقىغا خاس بەدەن ساقلىق تىلىنىڭ يىڭى سۆزلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسىنى بايقايمىز. بەدەن ساقلىق تىلىنى ئۆگىنەيلى، ساغلاملىقتا زەپەر قۇچايلى!

1. س . ت ئاپپاراتلىرى، راك ئاپەتلىرى:

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى