بەدىنىڭىز بىلەن مۇڭدىشىڭ

ئىبنى سىنا ئېيتقاندەك: « ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقى1 ئۈچ ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ساق بولۇش، كېسەل بولۇش ۋە نە ساق نە كېسەل بولغان ئۆتكۈنچە ھالەت». قائىدە بويۇنچە، ئىنساننىڭ ساق ھالىتىنىڭ زامانى كېسەللىك ھالىتىدىن ئۇزۇن بولۇپ، بۇ بىر رەخمەتنىڭ ئىپادىسى ۋە دۇنيا ۋەزىپىمىزنى جانلىق شەكىلدە ئىجرا قىلىشنىڭ ، دۇنيا سائادەتىگە ئېرىشىشنىڭ كاپالىتى. شۇنداق بولغاچقا، گەرچە كېسەللىك ھالىتىدىن بەزەن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىسىمۇئەمما ئۇ نۇقتىغا بېرىشنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ كېسەللىك ھالىتىگە قاراپ مېڭىشىمىزغا سەۋەپ بولىۋاتقانلارنى بىلىۋېلىشىمىز  ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئۇزۇن بىر ئۆتكۈنچە ھالەت بېرىلمەكتە.  بۇ ئۆتكۈنچە ھالەتنىڭ زامانى بەدەن ساپاسى دەپ ئىسىم قويغان كىشىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى ۋە ئەزالارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى يېڭىلاش قابىلىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەكتە.

بۇرۇن شېكەر كېسىلىنىڭ دىئاگنوزىدا بۇ ئۆتكۈنچە ھالەتنى ئىپادە قىلىدىغان بىر دىئاگنوز يوق ئىدى. يېقىنقى زامانلاردا بۇ ئۆتكۈنچە ھالەتكە  شېكەر  كېسىلى ئالدى ( Prediabetic ) ۋەياكى خەلق ئىچىدىكى ئېيتىلىشى بىلەن « يوشۇرۇن شېكەر   كېسەللىكى» دېگەن دىئاگنوز بىلەن دورا بېرىلىپ داۋالاشقا باشلاندى. بۇ ئۆتكۈنچە ھالەتنىڭ ئوخشاشمىغان تەتقىقاتلاردا 10-5  يىل سوزۇلدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. يۇرەك قان- تومۇر كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسلىرىمۇ يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئىنساننىڭ بوۋاق چېغىدىن باشلايدىغانلىقىنى ئېيتماقتا. ھەكىم ئىزى ئىنسانلارنىڭ ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىسى، ناتوغرا ياشاش پىچىمىنىڭ پۈتۈن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، شۇ تاپ ئىنسانلاردا ساق ھالەتنىڭ داۋام قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋەياكى يوق ئىكەنلىكى، ئۆتكۈنچە ھالەتنىڭ بولسا ئاتا- ئانىسى تۈپەيلى ئانا قورسىقىدا باشلايدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا. كېسەللىك ساقسىز ھايات ئەندىزىمىز بىلەن باشلايدۇ.  بەدەندىكى ئورگانلىرىمىز بىزنىڭ ئۇلارغا يۈكلىگەن توكسىنلارغا، ئۇلارغا قىلغان ئادالەتسىز، ناھەق مۇئامىلىمىزگە بەرداشلىق بېرەلمەي « ۋاي دات!» دېگەن چاغدا كېسەللىك ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆتكۈنچە جەرياندا پەرقلىق شىكايەتلەر ۋە ئالامەتلەر بىلەن ئەسلىدە بىزگە بىشارەت بېرىپ بىزنى خاتالىقتىن قايتىشقا ئۈندەيدۇ.

كۆپىنچە ھاللاردا بۇ نالە- پەريادلارغا قۇلاق سالمىغانلىقىمىز، بۇ ئالامەتلەرنى كۆرۈپ يىتەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن « تۈنۈگۈن تېخى ساپ- ساقتىم» دەپ بەدىنىمىزگە ئەسلىدە ئۇزۇن زاماندىن بىرى ھەقسىزلىق  قىلغانلىقىمىزدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بىلمەي يۈرىمىز. بۈگۈنكى كېسەللىك ھالىتىگە تۈنۈگۈن ئەمەس، تۈمەن مىڭ يىل ئىلگىرى باشلانغان سەۋەبلەر بىلەن كەلگەنلىكىمىزنى ئۇقمايمىز. ئەگەر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۈمىت قىلساق، كېسەل بولغاندىن كېيىنكى ئۇ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قىلىشنى چىن قەلبىمىزدىن خالىمىساق بەدىنىمىزنىڭ بۇ نالە- پەريادلىرىغا قۇلاق بېرىشىمىز، بەدىنىمىزدىكى شىكايەتلەرنى ۋە ئالامەتلەرنى بايقاشقا ماھىر بولىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بەدىنىمىز بىلەن مۇڭدىشىشىمىز ۋە بەدىنىمىزنى تۈزتىشىمىز لازىم. خۇددى بىر چەتئەللىك بىلەن ئالاقە ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر چەتئەل تىلى ، بىر گاس- گاچا قېرىندىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىشارەت تىلىنى ئۆگەنگەنگە ئوخشاش، بىزمۇ بەدىنىمىزنىڭ دەردىنى ئاڭلاش، ئۇلارغا دەرمان بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى بولغان شىكايەتلىرىنى، بەدەن تىلى بولغان ئالامەتلەرنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.

بۇرۇن دوختۇر- تىۋىپلار بىزگە تەرجىمان بولاتتى.  كېسەللىكنىڭ بۇ شىكايەت ۋە ئالامەتلىرىنى تېخى ھېچبىر تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلماي تۇرۇپ يىپ تارتىپ تومۇر تۇتۇش بىلەن ھەممىسىنى بىرمۇ- بىر دەپ بەرگەندە بىمارلار ھەيرانە- ھەۋەستە قالاتتى. ئۇ چاغلاردىكى تىبابەت بىر سەنئەت، دوختۇر- تىۋىپلار بىر سەنئەتكار ئىدى. بۇ سەنئەتكارنىڭ بىر ئېغىز گېپى، شىپالىق قولىنى كېسەللەرنىڭ بەدىنىگە تەگكۈزۈشى خۇددى سىرلىق ھاسىنىڭ كارامىتىدەك كېسەللەرگە ئاجايىپ شىپا- مەنپەت ئىلىپ كىلەتتى. ھازىرقى دوختۇر- تىۋىپلار بۇ شىكايەت ۋە ئالامەتلەرنى ئاڭلاشقا ۋاقتى يوق دېگىدەك ئالدىراش. ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ناتەبىئىي ئوزۇقلىنىشى تۈپەيلى بەدەن تىللىرى قالايمىقان بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بەزى تىللارنى دوختۇر- تىۋىپلارمۇ بىلمىگەچكە ۋەزىپىسىنى ئەسۋابلارغا ھاۋالە قىلماقتا. ئىنساننىڭ تىلىنى ئىنسان ئۇقمىغان يەردە تۆمۈر قانداق بىلسۇن؟!

ساغلاملىقىڭىزنى باشقىلارغا ۋە ئەسۋابلارغا ھاۋالە قىلىپ قويمىغۇدەك دەرىجىدە قىممەت دەپ بىلسىڭىز، ساغلاملىق تۈمەن بايلىقتىن2 ئىبارەت ئاڭغا ساھىپ بولسىڭىز، ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز3 دېگەندەك بۇ تىلنى ئۆزىڭىز بىلىشىڭىز، بەدىنىڭىزنى كۈزىتىشىڭىز، كېسەللىك ھالەتتىن قۇتۇلۇپ، ئۆتكۈنچە ھالەتتىن ساق ھالەتكە ئاتلىشىڭىز ئۈچۈن بۇ قۇرال بىلەن قۇراللىنىشىڭىز لازىم. بۇ بەدەن ساقلىق تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قىزىقسىڭىز ئالدىمىزدىكى ماقالىگە نەزەر تاشلاڭ.  بەدىنىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي تۇرۇپ، ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىغان كىشى ئەسلىدە بىر گىجىڭ، شۇڭا بەدىنىڭىز بىلەن مۇڭدىشىڭ! 

1. تەن ساقلىق ۋە كېسەللىك :

 https://www.hekimizi.com/2021/01/blog-post_14.html

2.ساغلاملىق تۈمەن بايلىق:

https://www.hekimizi.com/2021/04/blog-post.html

3.ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز:

https://www.hekimizi.com/2021/05/blog-post_27.html

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى