س . ت ئاپپاراتلىرى، راك ئاپەتلىرى

رادىئاتسىيە ئىنسان ساغلاملىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ1 بولۇپ، بۇنىڭ كۆرۈنمەس بولىشى، ئاستا خاراكتېرلىك ئەكىس تەسىرىنىڭ يىللاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشى، بولۇپمۇ  راكتىن ئىبارەت ئىنسان ھاياتىغا چىدىغۇسىز قايغۇ- ھەسرەت ئىلىپ كىلىدىغان بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكى تۈپەيلى ئىنسان ئەڭ سەل قارايدىغان قاتىل.  دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىنسانلىقنىڭ چېكىنىشى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن ھەر خىل ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر، بولۇپمۇ ساغلاملىق تارقىتىۋاتقان دوختۇرخانىلاردىكى ھەر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى رادىئاتسىيىدىن ئىبارەت بۇ قاتىلنىڭ كۈچىگە كۈچ، سۆرۈن تەلەتىگە چىرايلىق ماسكىلار سۇنماقتا. رادىئاتسىيە ئوخشاشمىغان مېخانىزملار بىلەن ئىنسان بەدىنىدە كېسەللىك پەيدا قىلماقتا 2 بولۇپ، نورمال شەرتلەردە تارتىلغان (mSv 20-2 ) CT فىلىملىرىنىڭ چوڭلاردا ئۆمۈر بويى راك پەيدا قىلىش نىسبىتى 2000 كىشىدە بىر. بۇ نىسبەتنى تۆۋەن كۆرگەن ۋەياكى بىلمەيدىغان دوختۇر ۋە بىمارلار CT فىلىملىرىنى خۇددى فوتو ئاپپاراتى بىلەن رەسىم تارتقاندەك ناھايىتى قولاي تارتىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە، راك پەيدا قىلىش نىسبىتى فىلىمگە تارتىش ۋاقتى، ئاپپاراتتا ئىشلىتىلگەن رادىئاتسىيىنىڭ مىقدارى ۋە تارتىش قېتىم سانىغا ئاساسەن ئاجايىپ ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، كېلىڭ ئەڭ يىڭى چىققان تەتقىقات نەتىجىلەرنىڭ سايىسىدە بۇلارغا بىر نەزەر تاشلايلى. 

تەرەققىي تاپقان ئەللەردە تارتىلغان CT ، پۈتۈن تەسۋىرى تەكشۈرۈشلەردە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى % 10-5 بولۇپ ، جەمئىي تىببىي تەكشۈرۈشتىكى رادىئاتسىيە مىقدارىنىڭ % 70-40 لىق قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. 3 OECD  ئۆلكىلىرىدە  بىر مىليون كىشى بېشىغا چۈشىدىغان CT  ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى ( 29 ) تۈركىيەدىن ( 22 ) جىق تۇرۇقلۇق، 2020 - يىلى تۈركىيەدە 1000 كىشى ئۈچۈن 235 قېتىم CT تەكشۈرۈشى ئىلىپ بېرىلغان ۋە  ئەڭ كۆپ CT فىلىمى تارتىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە 2. ئورۇنغا چىققان. 4 بۇ سان - سىفىرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى 20-10 يىلدىن كىيىن قارشىمىزغا چىققاندا نۇرغۇنلىرىمىز ئۇ چاغدىكى ھەقىقەتلەرنىڭ ئاستىدا بۈگۈنكى سان- سىفىرلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتىشى ناتايىن.

ئامېرىكا بوستون ئەيالىتىندىكى 4 چوڭ ساغلاملىق مەركىزىدە ئىلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، 2.5 مىليون ئىنسانغا تارتىلغان 4.8 مىليون CT  فىلىمى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، قايتا تارتىلغان CT لەر سەۋەپ بولغان mSv 100 ۋە ئۈستىدىكى رادىئاتسىيە مىقدارىغا دۇچار بولغان كىشىلەرنىڭ سانى 33400 بولۇپ، رادىئاتسىيە مىقدارى ئارىسىدا mSv 1185- 130 پەرق بارلىقى كۆرسىتىلگەن. رادىئاتسىيە تارقىلىش ئىلىمى ( Epidemiology ) تەتقىقاتلىرى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى mGy 100 ئۈستىدىكى رادىئاتسىيە مىقدارلىرى ئىستاستىكىلىق ئېنىق پەرقتە ئۈچەي، ئۆپكە، يىلىك، قالقانسىمان بەز ۋە ئەمچەك راكىنى پەيدا قىلماقتا. ( ICRP 2007, UNSCEAR 2018 ). توپلام مىقدارى mSv 100 ۋە ئۈستىدىكى رادىئاتسىيەلەردە نۇرغۇن ئورگانلارنىڭ دۇچار بولىدىغان رادىئاتسىيە مىقدارىمۇ mGy 100 ئېشىپ كەتمەكتە. ئەگەر رادىئاتسىيە مىقدارى mSv 100 بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئۆمۈر بويى راك بولۇش نىسبىتى 2000 دە بىردىن 200 كىشىدە بىرگە يۈكسىلىدۇ.  يۇقىرىدىكى تەتقىقاتتا بەزى كىشلەر بىر كۈن ئىچىدە mSv 100 ئۈستىدىكى رادىئاتسىيىگە قارشى- قارشى قالغان بولۇپ ، ئەڭ يۇقىرى رادىئاتسىيە مىقدارى بولغان mSv 1185 گە دۇچار بولغان كىشىنىڭ راك بولۇش نىسبىتى %50 بولغان بولىدۇ. يەنى ئىككىسىدىن بىرسى راك بولىدۇ دېگەنلىك. رادىئاتسىيىنىڭ مىقدارى، رادىئاتسىيىنىڭ ئىېنىرگىيەسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ، رادىئاتسىيەنى سۈمۈرىدىغان ماددىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن تەتۈر تاناسىپ تۈزىدىغان بولغاچقا، ئوخشاش رادىئاتسىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە بالىلار تىخىمۇ كۆپ رادىئاتسىيە ئالماقتا. ئوخشاش  چوڭ - كىچىكلىكتىكى رەسىملەردەك كۆرۈنگەن بىلەن بۇ رەسىملەرنىڭ بالىلارنىڭ ھايات ئەلبۇملاردىكى ئورنى ئاجايىپ پەرقلىق.

رادىئاتسىيە بىر چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ، دوختۇرخانىلار بولسا بۇ خەۋپلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەلىرىدىن بىرى. ئىنسانلارنىڭ بېشىغا بۇ پالاكەتلارنىڭ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،  ئەڭ ئاۋۋال دوختۇرلارنىڭ  CT فىلىمى تارتقۇزۇشنىڭ ئالدىدا قولى ۋە يۈرىكى تىترىشى، كېرەكلىك مۇ دەپ چۇڭقۇر ئويلىنىشى، بىمارلارمۇ بۇ خەۋپى تونۇپ يىتىپ ھەكىم ئىزى دېگەندەك « بىكارلىق بولسىمۇ تارتقۇزماسلىق » لازىم. ئەگەر « بىكارلىق زەھەر بولسا ئىچىپ ئۆلۈۋالاي» دەيدىغانلاردىن بولسىڭىز ئۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىز ئەلۋەتتە . كېسەللىك ئوغرىلاردىن قۇتۇلاي دەپ، CT قاراقچىلارغا تۇتۇلماڭ، ساغلاملىق دەپ ئاپەتكە يولۇقماڭ!

 

1. ساغلاملىقىمىزغا يوشۇرۇن خەۋپ -  رادىئاتسىيە:

https://www.hekimizi.com/2021/09/blog-post_09.html

2. رادىئاتسىيىنىڭ ساغلاملىقىمىزغا  تەسىرى:

https://www.hekimizi.com/2021/09/blog-post_16.html

3. www.doganbor.com

4. OECD (2021), computed tomograghy ( CT ) exams. doi: 10.1787/3c994537-en

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى