پەرھىز تۇتۇپ ناتەبىئىيدىن ھەزەر ئەيلە

 پەرھىزدۇر دورىيۇ- دەرمەكلەر بېشى،

ھەزىمسىزلىق يېڭى ئىللەت يولدىشى.1

ئالدىنقى ماقالىمىزدە سۆزلەپ ئۆتكەندەك دۇنيادا ھەممىدىن تەبىئىينى تاپماق تەس بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ساغلاملىققا ئېرىشمەك، ساغلام ھايات كەچۈرمەكمۇ تەس بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيا مىقياسىدا ئارتىۋاتقان داۋالاش تەننەرخى، كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالاشتىن ئىبارەت ئەڭ تەبىئىي ھەققىمىز بولغان ساغلاملىققا ئېرىشمەك ئىمكانلىرىمىزنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىللەت ۋە زىللەت ئىچىدە ياشىشىغا سەۋەب بولماقتا. « ساقسىز بەدەندە، ھېكمەت ھالسىز» مىسالى باشتا ساغلاملىق زور بايلىق ھېكمىتىنى ئۇنتۇپ، ئاندىن كېيىن « پۇل- بايلىق ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى » دېگەندەك خاتا يوللاردىن داۋا ئىزدەۋاتقانلارمۇ كۆپەيمەكتە. ئاغزىمىزدىن تەبىئىي لوقما كىرمىسە، تەبىئىي ھوقوقىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز. بەدەن ئىللەتكە، ۋىجدان زىللەتكە مۇپتىلا بولىدۇ. ساغلاملىق نەقەدەر تەس، ساغلام يولدا ماڭماق نېمىدېگەن مۈشكۈل ھە! ئەمما ئۇنتۇماڭ، ھەر قىيىننىڭ بىر ئاسىنى بار، راستىنلا ھەر مۈشكۈل بىلەن بىرگە بىر ئاسانلىق بار.  ئۇ ئاسانلىقلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئاز يېمەك- ساز يېمەك:  ئاز يېمەك بىلەن ئىنسان تويامدۇ؟ كۆپ شۈكۈرلەر بولسۇن بىز بەركەتنىڭ بارلىقىنى، خاسىيتىنى بىلىدىغان بىر خەلقنىڭ پۇشتى. ئەگەر يېمەك- ئىچمىكىمىز تەبىئىي بولسا، ساز بولسا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەرىكەت بەدىنىمىزگە بىر توقلۇق بېرىدۇ. ھەم تەبىئىي يېمەك ھەم ئاز يېمەكنىڭ پەيدا قىلىدىغان ئەخلىتى ئاز بولغاچقا،  توكسىنلەردىن ئازادە بولغان بەدىنىمىز كۈچ- قۇۋۋەتكە تولىدۇ. بەركەتنىڭ فورمۇلاسى ئۈچ «ت» بولۇپ، ئۇلار توغرا يولدىن تاپماق، توغرا يولغا ئىشلەتمەك ۋە تېجەشلىك بولماق.   ئىنسان ساغلاملىقىغا سېلىنغان مەبلەغدەك باشقا توغرا يولغا ئىشلەتمەك بولمىسا كېرەك. گەرچە ئورگانىك مەھسۇلاتلار باشلانغۇچتا قىممەتتەك كۆرۈنسىمۇ، ھەم ئاز ئىشلەتكەنلىكىڭىز ھەم ساقلىقتەك ئۇزۇنغا سوزۇلغان پايدىسىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇزۇن پىلاندا ھازىرقى ناتەبىئىي بۇيۇملاردىن جىق ئەزان توختايدۇ. ئاز يېمەك، ساز يېمەك - تىنى ساغلام دېمەك.

2. ساغلاملىق تۈمەن بايلىق2:  پۈتۈن دۇنيانىڭ سەھىيە راسخۇتلىرى بىر تىرىليون دوللارنى ئېشىپ كەتتى. دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا ئاساسەن، خەلق ھەر خىل ئىسىملار بىلەن كۆرۈنمەس شەكىلدە بۇ يۈكنى تەڭ كۆتۈرمەكتە. ئەسلىدە بۇ چىقىملارنى دۇنيا ۋە دۆلەت مىقياسىدا ئادىل بىر شەكىلدە پىلانلاپ خەجلىسە بۇ دۇنيا ئاجايىپ گۈزەل، خەلقلەر تېخىمۇ ساغلام، كېسەللىك ئۈچۈن چىقىم تېخىمۇ ئەرزان بولاتتى. ھازىرچە بۇ تىزلا ئىشقا ئاشمايدىغان غايە بولغاچقا ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا باش قاتۇرۇپ، ساقلىقىڭىز ئۈچۈن ساق ۋاقتىڭىزدا مەبلەغ سىلىڭ. ئەڭ ئاۋۋال ئورگانىك ئۇقۇمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىپ ھۈنەر- سەنئەتكە باي خەلقنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپتىمىز بىلەن بەزى مەھسۇلاتلارنى ئۆزىڭىز ئۆستۈرۈڭ. ئەگەر مەشھۇر بايلىرىمىزدەك ھەم قەلبىڭىز ھەم يانچۇقىڭىز باي بولسا، قۇرۇق بىتونغا، خوتۇنغا، بىتكويىنغا مەبلەغ سالماي، ئورگانىك دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق مەيدانلىرى قۇرۇڭ ۋە خەلقىمىزنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرۈڭ. ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقىنى قولغا كەلتۈرگەن، ھەم باشقىلارغا ساغلاملىق تارقاتقان بولىسىز. ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز نورمال بولسا مىڭ دوللارلارغا داۋايى مېشكىن ئەمەس، داۋايى تەبىئىي ئىلىپ يەڭ. قولىڭىزدىكى ساغلاملىقنى ۋاقتى كەلگەندە مىليون دوللارلارمۇ قۇتقۇزالمايدۇ، ئەسلىگە قايتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ.

3. كۆپ يېيىش -  ئاپەت : ھازىرقى زامانىۋى دۇنيارىمىزدا %80 گە يېقىن ئىنسان، ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئەندىزىمىزنىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ جىق يېيىش، قالايمىقان يېيىش، تاتلىق يېيىشتىن ئىبارەت ناتەبىئىي ئوزۇقلىنىشنىڭ قۇربانى بولماقتا. ئېچىنارلىقى دۇنيادا ھەركۈنى 3000 دەك ئىنسان ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە. ھەر سېكۇنتتا بىر نارسىدە بالا  ئاچلىقتىن ھاياتقا كۆز يۇمماقتا. بىزنىڭ ئىنسانلىق سۈپتىدە بەدەن، روھ، ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرنىڭ تېگىدە، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە يۈز بىرىۋاتقان بالايۇ- ئاپەت، يىغا- زارىنىڭ ئاستىدا بۇ بىگۇناھ بالىلارنىڭ ئاھۇ- زارى، ئىنسانلارنىڭ تويماس ئارزۇ- ئارمانلىرى، ساقسىز ئاڭ- چۈشەنچىلىرى، خاتا تۇرمۇش پىچىملىرى ياتماقتا. ئاپەتكە كارامەت كۆرسىتەلمىسەكمۇ، كۆپ يەپ ئاپەتكە سەۋەبچى بولمايلى!

داۋا قولاي ۋە ئاددىي چۈشەنگەنلەرگە، دوختۇر بولماقمۇ تەس ئەمەس بىلگەنلەرگە!

ئاز يېيىشتىن داۋا قىلغىن ئۆزۈڭگە،

بۇ قانۇنلۇق تېۋىپ بولغىن ئۆزۈڭگە.3

 

 

1. جالالىددىن رۇمىي

2. ساغلاملىق تۈمەن بايلىق:https://www.hekimizi.com/2021/04/blog-post.html

3. بەدرىددىن ھىلالىي

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى