بولدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم، ئۇنداقتا ساغلام ئىنسان؟

 دۇنيادىكى پۈتۈن جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلار ئارىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مۇناسىۋەت، بىر تەڭپۇڭلۇق بار بولۇپ، يەر شارىنىڭ ھاياتتا قىلىشى خۇددى بۇ تەڭپۇڭلۇققا باغلىق، ئىنسان ھاياتىنىڭ غايىسىمۇ خۇددى بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشتىن ئىبارەتتەك بىر ھېس بېرىدۇ ئىنسانغا. تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەت ئىچىگە يوشۇرۇنغان بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشنىڭ قائىدىلىرى قانۇن ، بۇ سىرلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلغان پائالىيەتلەرنى ئىلىم- پەن دېسەك خاتا بولماس ھەرھالدا. ئەگەر كائىناتتىكى بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا، شەيئىلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق بۇزۇلۇپ بىر- بىرىگە دۈشمەن ھالغا كەلگەندە قىيامەت قايىم بولدى دېمەكتۇر. بۇ بۈيۈك رەسىمنىڭ كىچىك كارتىنىسى ئىنسان بەدىنى بولۇپ، كائىناتنىڭ غوجكىسى دەپ چوڭ گەپ قىلىدىغان ئىنسان بەدىنىدە ئىنسان ھۈجەيرىسىدىن جىق باكتېرىيە بار. دەل بۇ باكتېرىيە ئىنسان ھاياتىنىڭ قالقىنى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى پىدايىلىرى بولۇپ ، ۋۇجۇدىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنلەر بىلەن كۆرەش قىلىشتا، بەدىنىمىزگە سۈمۈرۈلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە مۇھىم بەزى ۋىتامىنلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشىدا ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىغا جايلاشقان بۇ باكتېرىيىلەر مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇلار ئۆز ئالدىغا بەدىنىمىزدە بىر ئىمپېراتورلۇق قۇرغان بولۇپ، بۇ ئىمپېراتورلۇقنىڭ ئىسمى مىكروبلار دۇنياسى (  Microbiome ). ئەگەر بۇ مىكروبلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، دۇشمەن باكتېرىيە دوسىت باكتېرىيىدىن ئۈستۈن كەلسە، بەدەندە ھەرخىل كېسەللىك باشلايدۇ. ھەتتا ئىنسان بۇ مىكروبلار دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدۇ.  ئامېرىكىدا ھەر يىل Clostridioides Difficile  ئىسىملىك بۇ مىكروب باش قوماندانلىقىدا ئىلىپ بېرىلغان جەڭدە قۇربان بولىدىغانلارنىڭ سانى 15000.  ھايۋانات بەدىنىدە تۇرۇشى لازىم بولغان كورونانىڭ ئىنسان بەدىنىگە ئاتلاپ، قويۇلغان قانۇنغا خلاپلىق قىلىنىش بىلەن نەلەر بېشىمىزغا كەلدى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئەمما قانچىلىك ئىنساننىڭ بۇ سىناق، تەجرىبە ۋە كىچىك قىيامەتتىن دەرسىنى ئالدى نامەلۇم. 

مېدىتسىنا مىكروبلار دۇنياسىدىن ئىبارەت  بۇ سىرلىق دۇنيانى كەشىپ قىلغاندىن كىيىن ، بۇ جانجىگەر دوستلىرىمىز بولغان مىكروبلارنىڭ قىممىتى بىلىنىشكە، نۇرغۇن ئىلىم- پەن نەتىجىلىرى ۋە بۇرۇن خاتا- كونا دەپ تامغىسىنى بېسۋەتكەن ھەقىقەتلەر  ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.  ھازىر بۇ مىكروبلار دۇنياسى پەقەت ياللۇغىنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالماستىن، ئۈچەي يوللىرىدىكى ئۆزئىمۇنىتېت كېسەللىكلىرى، شېكەر كېسىلى، سېمىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ئاستا خاراكتېرلىك ھارغىنلىق، جىگەر قېتىشى ۋە باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ باش سەۋەبچىسى بولدى. بۇلارنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن  بەزى  پەنشۇناسلار بۇلارنى ئىنساننىڭ ئىككىنچى مېڭىسى دەپ ئاتىسا،  بۇلارنىڭ قىممىتىنى كېچىكىپ تونۇپ يەتكەنلەر بۇرۇن ھەممە كېسەلگە ياللۇغ قايتۇرغۇچ بېرىپ بۇ دوستلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە پۇشايمان بولۇپ تۆۋە قىلماقتا.  بۇرۇن چوڭ تەرەت شورپىسى ۋە سۈيدۈك بىلەن كېسەل داۋالىغانلارنى مازاق قىلغانلار، ھازىر چوڭ تەرەت  يۆتكەش ئوپېراتسىيىسى ( Fecal Microbiota Transplantation )     دېگەن چىرايلىق ناملار بىلەن ساغلام ئىنسانلارنىڭ ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيلەرنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن ساغلام ئىنسانلارنىڭ پوقىنى يېگۈزمەكتە.  ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى  قىممەت بولۇپ، ھەركىم يەيمەن دەپ يېيەلمەيدۇ. نېمىشقا بۇنداق قىممەت؟  چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېلىشتۇردىغان رەڭگىنى ۋە پۇرىقىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن يۇيۇپ- تاراپ، ئوسمىسىنى قويۇپ، دوپپسنى كىيگۈزۈپ، ھايات قوزغاتقۇچ ( Probiotic ) دېگەن گۈزەل ئىسىمنى قويۇپ بازارغا سالماق ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ خام ماتىريالىنىڭ تەنەرقىمۇ قىممەت بولۇپ، ساغلام بىر تەخسىسىنىڭ باھاسى بۇرۇن 40 دوللار ئىدى، ھازىر دۇنيا مىقياسىدىكى پۇل پاخاللىقتىن تۈپەيلى 50 دوللارغا چىققان بولىشى مۇمكىن. ھازىرچە مەنتىڭى بىكارلىق بولۇپ، كېيىنچە ئۇنىڭدىمۇ بىر پايدا كۆرۈلسە، قىممەتلەپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ چوڭ تەرەتنىڭ بۇنچىۋالا قىممەت بولىشىدىكى سەۋەپ، ئۇنى بەرگۈچىنىڭ تەبىئىي ھايات پىچىمىغا، تەبىئىي ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىغا ساھىپ بولۇشى كېرەك بولۇپ، شەرتلەرنىڭ ئېغىرلىقىدىن ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىنساننىڭ چوڭ تەرىتى بۇ قەدەر قىممەتلىك. كۆپچىلىكىمىزنىڭ خىمىيە ئوغۇتىدىن پەرقى بولمىغاچقا دېھقانلارمۇ ئىشلەتمەگلىك. بۇ شەرتلەر ئۇ قەدەر قېيىن بولۇپ ، بىر داڭلىق ئۇنۋىرسىتىگە كىرمەڭ بەلكى تېخىمۇ ئاسان. يەنى تەبىئىيلىك دېگەن ئۇقۇم ئۇنداق ئاددىي ،  تەبىئىي يېمەك- ئىچمەك ئۇنداق قولاي ئىش ئەمەس.  ئەمما قېيىن ئىش يوق ئالەمدە، ھەكىم ئىزىغا كۆڭۈل قويغان ئادەمگە!

نۇرغۇن تەتقىقاتلار ھازىرغىچە تەبىئىي ھايات ئەندىزىسىنى ساقلاپ كەلگەن دۇنيادىكى بەزى توپلۇلۇقلاردا مودا كېسەللەرنىڭ كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە بولۇپ، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ھايات ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان بىزدەك نەسىللەر ئۈچۈن ئۆزىمىز ئازراق تەپەككۈر قىلىپ كۆرسەك بىز ئۈچۈن ئەسلىدە تەتقىقاتلارغا كېرەك يوق. ئۇلارنىڭ چوڭ تەرىتى ئالتۇندەك بولغاچقا ئانا يۇرتىمىز بايلىققا تولغان. يىڭى نەسىللەر تەبىئىي ھايات پىچىمى ۋە تەبىئىيلىكتىن ئۇزاق بولغاچقا باشقىلارنىڭ رەھمىتىگە ۋە چوڭ تەرىتىگە مۇھتاج.

بۇرۇنقى ماقالىلەردە قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك بىر ئىنساننىڭ ساغلام بولۇشى ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ساغلام بولۇشىغا باغلاق بولۇپ، ساغلاملىق ئانا قورسىقىدا باشلايدۇ.  بوۋاقلار تەبىئىي تۇغۇت يولىدىن تۇغۇلۇش بىلەن  ساغلاملىققا قەدەم تاشلايدۇ ، ئانا سۈتى بىلەن ئىنسان تەبىئىتىنى ئېمىشكە ۋە ئىنسان بولۇشقا باشلايدۇ. ئانىسىنىڭ تۇغۇت يولى بىلەن يۇقىردا تەرىپىنى ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن دوستىمىز مىكروبلار بىلەن ئۇچۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم، پەقەت ئوزۇقلۇق ئەمەس ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلىق مېھرى-  مۇھەببەت بىلەن تولغان ئانا سۈتىدىن يوقسۇل يىڭى نەسىللەرنىڭ ساغلام بولىشى، تەبىئىي بولىشى، تەبىئەتلىك بولىشى ناھايىتى تەس بولۇپ قالدى. ئەمما تەس ئىش يوق ئالەمدە، تەبىئىي ياشىغان ئادەمگە!

دېمەك، بولدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم بولسا، ساغلام ئىنسان پوقىدىن مەلۇم. ھەكىم ئىزغا قۇلاق سىلىڭ، ساغلام ھاياتقا قەدەم تاشلاڭ، چوڭ تەرىتىڭىز ئالتۇن بولسۇن، ئىشسىز قالارمەنمۇ دەپ غەمگە پاتماڭ!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى