خاشۇ بالىلار، سۇلياۋ قىزلار

 جاھان تەرەققىي قىلغانسېرى، ئىلىم- پەن يۈكسەلگەنسېرى ئىنسانىيەتنىڭ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىق ساپاسىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن، بۇ ھاياتنىڭ مەنىسىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ، ھىكمىتىنى تېپىشقا ئىزدىنىدىغان ھەربىر ئادەم بالىسى بۇ مەنزىرە ئالدىدا ئەجەبلەنمەي، كەلگۈسى ئۈچۈن قايغۇلانماي قالمايدۇ. ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قېيىن ۋە ئاچارچىلىق بىلەن تولغان ھاياتى ۋە بۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ ساغلام بەدەن ۋە مەنىلىك ھاياتىنى « تاش يېسە ماش بولدىغان، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە ئىزىلىپ قالمايدىغان» دەپ يىغىنچاقلىساق خاتا بولمايدۇ ھەرھالدا. ئەمما بىز يىڭى نەسىللەر راھەت- پاراغەت ئىچىدە خۇشاللىقتىن مەھرۇم، توقلۇق ئىچىدە ساغلام ۋۇجۇتقا تەشنا مەزلۇم. ئوغۇللار 60-50 ياشلارغا بارماي گىرىپتار بولغان ھەرتۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدە ئۆزىنىڭ بەدەن ساقلىقى ئاساسلىق غېمى ۋە غايىسىگە ئايلانغان ۋەزىيەتتە بولۇپ، ئاستا ئولتۇرۇپ، ئاستا تۇرماقتا. بوران-چاپقۇنلارغا باش ئەگمىگەن قارغايدەك ئاتىلىرىمىزنىڭ ئەكسىچە كىچىككىنە شامالدا ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان قوناق شاخلىرىغا ئوخشاپ قالماقتا. ئانىلىرىمىز 5-4 بالىنى قاخشىماي تۇغۇپ- تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان، تۇرمۇشتىن زارلانماي مېھرى- مۇھەببەتلىك بىر ئائىلە قۇرغان بولسا ھازىرقى قىزلار بىر بالىنى تۇغۇپ بولغىچە كۈچى قالماغلىق، كۈچى قالسىمۇ سۈتى قالماغلىق. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە دەپ سورالغاندا جاۋابىمىز ھازىر: « ئۇ دېگەن كونا زامان ، دەۋر ئالماشتى»

بۇ جاۋابنىڭ ھەقلىق تەرىپى شۇكى، ھەقىقەتەن دۇنيا ئۆزگەردى، يېمەك- ئىچمىكىمىز تەبىئىيلىكتىن ئۇزاقلاشتى، روھىمىز تەبىئىيتىمىزدىن يىراقلاشتى، تۇرمۇش پەلسەپىمىز توغرىلىقتىن قىيىپ كەتتى. بەدەنلىرىمىزنىڭ خاشۇ - سۇلياۋ بولۇپ قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئۇ قەدەر كۆپ  خاشۇ - سۇلياۋ ئىستىمال قىلغانلىقىمىز تۈپەيلىدىندۇر. تۇپراق يىگەنلەرنى ، تاش ۋە تۆمۈر يالىغانلارنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ ئەجەبلەنگەن ، ئۇلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بولۇپ قىلىشىدىن تەشۋىشلەنگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئۇلار تەبىئىي بولغانلىقى، ئوخشاش بىر قولدىن چىققانلىقى، بەدىنىمىزنىڭ DNA سى ئۇنى تونۇيدىغان بولغانلىقى، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ئۇلارنى دۇشمەن دەپ بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ساغلاملىقىمىزغا زىيان بەرمەيدۇ. ئەسلىدە ئەجەبلىنىشمىز ۋە قورقۇشىمىز كېرەككەن نەرسە تەبىئي ماددىلارنىڭ تەبىئىيىتىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان خاشۇ - سۇلياۋلاردۇر.

ھېسابلاشلارغا قارىغاندا بەدىنىمىز ھەرخىل يوللار بىلەن بىر ئايدا ئاز دېگەندە 20 گىرام سۇلياۋ ( Plastic ) ئالماقتا بولۇپ بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى يېمەك- ئىچمەكتىن ئېلىنماقتا. ئەينى ۋاقىتتا Polietilen, polipropilen , Polivinal chlor  ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋلار بولۇپ بۇلار كۆمۈر ۋە نېفىتتىن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلماقتا.  بۇلارنىڭ كەڭرى ئىشلىتىلىشى ھەم مۇھىتقا ھەم ساغلاملىقىمىزغا زىيان ئىلىپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە mm 1 دىن چوڭ، mm 5 دىن كىچىك بولغان سۇلياۋ زەرىچىلىرى ساغلاملىقىمىزغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىلىپ كەلمەكتە بولۇپ، بۇلارنى تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر يېرىدە ئۇچۇرتىشىمىز مۇمكىن.  ئىنسانلار تەبىئەتتە يوق بولغان بۇ سۇلياۋ زەرىچىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش بىلەن سۇ، تۇپراق، دېڭىز- ئوكيانلارنى بۇلغۇسا، ئاسان چىرىمەيدىغان بۇ ناتەبىئىي ماددىلار ھەر خىل يوللار بىلەن ئىنسان بەدىنىگە قايتىپ كېلىپ كېسەللەرگە يول ئاچماقتا. مېۋە- چېۋىلەر، سەي- كۆكتاتلار، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، سۇلياۋ شىشىلەردىكى سۇ ۋە باشقا ئىچىملىكلەر، خاشۇ بىلەن ئورالغان تەييار يېمەكلىكلەر بىلەن سۇلياۋ زەرىچىلەرنى ئاغزىمىزدىن ئالساق ، كىيىۋاتقان نىيلوڭ كىيىم- كېچەكلەر، قولىمىزدىكى سومكا- بوخچىلار، ئاياللارنىڭ تازلىق قەغىزى، بالىلارنىڭ تەييار زاكىلىرى ۋە ئۇپا- ئەڭلىكلەر بىلەن ئۇلارنى تېرە يولى ئارقىلىق  بۇ لاي-لاتقىلارنى بەدىنىمىزگە يىغىۋاتىمىز. بۇ سەۋەپلىك يەر شارى بىر چوڭ ئەخلەتخانىغا ، بەدىنىمىز بىر كىچىك ئەخلەت چېلىكىگە ئايلانغان ۋەزىيەتتە.

كۈندىلىك يېمەكلىرىمىزدە 3000 دىن ئارتۇق خىمىيىلىك ماددا بارلىقىنى، بەدىنىمىزنىڭ بىر يىلدا ئىككى كىلودەك ئەخلەت ئالماقتا ئىكەنلىكىنى ھېچ ئويلاپ باقتۇقمۇ؟  كېسەللىك ئەسلىدە بەدىنىمىزدە توپلانغان بۇ لاي- لاتقا، ئەخلەت- چاۋىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزدىن ئىبارەت بۇ تازلاش- پاكىزلەش ماشىنىسىنىڭ ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىشى بىلەن ئىچكى ئورگانلىرىمىزدىن يېيىلغان بەد- پۇراقلارنىڭ بۇرنىمىز تەرىپىدىن ھېس قىلىنىشى دېمەكتۇر. بىز توختىماي ھەر تۈرلۈك بۇ خاشۇ - سۇلياۋ بىلەن بۇ قورغاننى بومباردىمان قىلساق، ساقسىز ئىچىملىكلەر بىلەن بۇ قورغاننىڭ ئۇلنى زەيلەتسەك، ھەدىدىن تاشقىرى يەپ- ئېچىش بىلەن قورغاننىڭ ئۈستىگە نورمىدىن جىق يۈك ئارتساق، ھاياتىمىزدا بىر قېتىممۇ بۇ قورغاننى تەن- ھەركەت بىلەن كۈچلەندۈرۈش ۋە رىمونت قىلىشنى ئويلىمىساق بۇ قورغان يىقىلىشقا مەھكۇم ، بىز كېسەل بولۇشقا.

تار دائىرلىك قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ئىستېمال قىلغان يېمەك- ئىچمەكتىن ئىبارەتتۇرمىز. ئەگەر يىگىنىمىز خاشۇ - سۇلياۋ بولسا، ئوغۇللىرىمىزنىڭ خاشۇ، قىزلىرىمىزنىڭ سۇلياۋ دەك بولۇپ قىلىشى مۇقەررەر. ھاياتىمىزدىن سۇنئىي نەرسىلەرنى قوغلايلى، بىز ۋە پەرزەنتلىرىمىز تەبئىي بولسۇن، تەبىئەتلىك بولسۇن، ھاياتىمىز مېھرى- مۇھەببەتكە تولسۇن، تۇرمۇشىمىز خۇشاللىققا چۆمسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى