روزا تەبىئىي دورا-2

 3. رامىزان مەزگىلىدە بىزگە ئەڭ كۆپ سورۇلىدىغان سۇئاللاردىن بىرسى « مىنىڭ شېكىرىم ، قان بېسىمىم بار روزا تۇتالامدىم ؟ »  ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ سوئالنىڭ ئەڭ توغرا جاۋابىنى بىمارنىڭ ئۆزى بېرىشى كېرەك. بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتەشكە تىگىشلىك مۇھىم نۇقتا، ئىنسانلارنىڭ شېكىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ ھالسىزلىق، تەرلەش، باشى قىيىش، يۈرىكى شۇرررىدا بولۇپ كېتىش، ئايلىنىپ كېتىش ۋە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك بولۇپ كېتىشلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى تاماق تىزىملىكىدىكى قالايمىقانلىق، تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارىدىكى يۈكسەكلىك ۋە ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەك بولۇپ، بۇ خىل ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن ئوزۇقلانغان ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدە  ئىنسۇلىنغا قارشى قارشىلىق كۈچى مەيدانغا كېلىدۇ. يەنى ئىنسۇلىن پاخاللىقى مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە نورمىدىن جىق ئىنسۇلىن بار بولۇپ، ئازراق شېكەرلىك بىر نەرسە يېسە ۋەياكى تاماق سائىتىگە دىققەت قىلمىسا يۇقىرىدىكى شىكايەتلەر ئۇلار روزا تۇتمىغان تەقدىردىمۇ، نورمال زامانلاردا ئوخشاشمىغان مەزگىللەردە كۆرىلىدۇ.  تەتقىقاتلار روزى تۇتقان كېسەللەرنىڭ شېكىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى شەكىلدە تىزگىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.5  توغرا ئوزۇقلىنىش ۋە توغرا ئۇسۇلنى بىلمەي، كېلىپ چىققان بىئارامسىزلىقنى روزىغا ئارتىش، روزىنى قۇربانلىق قوزا قىلىپ قويۇشتۇر.

4. كىتابلاردا يۈرەك كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى قان بېسىمى، خان بېسىمى ۋە قاندىكى دۈشمەن ياغلارنىڭ ئارتىپ كېتىشى دەپ بىرمۇنچە سەۋەب كۆرسىتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىى ئەسلىدە ناتەبىئىي يېمەك ۋە ناتوغرا  تۇرمۇش پىچىمىمىزنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، تەبىئىي يېمەك- ئىچمەك ۋە توغرا ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى بىلەن بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى يوقاتقان چېغىمىزدا، ھەم بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، يۈرەككە دىيەك قويۇشتىن قۇتۇلىمىز. پەقەت ھايات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يۇرەك تاجىسىمان قان تومۇرلاردىكى تارىيىشنى كېڭەيتىش ھەقىقەتەن مۇمكىن. زامانىۋى مېدىتسىنانىڭ يۇرەك تاجىسىمان قان تومۇر كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئەڭ مۇھىم نىشانى سەۋەب دەپ بېكىتكەن قان مايلىرىنى چۈشۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خېل ھەر ياڭزا دورىلار رىتسىپلەنمەكتە. 110 سېمىز كىشلەرگە ئىلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، 3 ھەپتىلىك بىر روزىدىن كېيىن بۇلارنىڭ قان بېسىمىدا چۈشۈش، دۇشمەن ياغلاردىن  Triglycerides ۋە LDL لەردە كۆرىنەرلىك ئازلاش مەيدانغا كەلگەنلىكى بايقالغان. 6

5.  كۈندىلىك ھاياتىمىزدىكى پىسىخىكىمىزنىڭ ئېگىز- پەس بولۇشىنىڭ ۋە ھەرخىل روھ كېسەللىكلەرنىڭ تەكتىدە ياتقان سەۋەبلەردىن بىرى بەدىنىمىزدىكى ھورمونلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ ئېنىق دەلىللىرىدىن بىرسى ئاياللارنىڭ ئادەت توختاش مەزگىلىدىكى ئالامەتلەر. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇ مەزگىلدىكى ئاياللىق ھورمونىنىڭ ئازىيىشىدۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش بىركۈنلىك تۇرمۇشىمىزدىكى روھ ھالىمىز، تۇيغۇلىرىمىز، ھىسايتلىرىمىز شۇ كۈن ئىستىمال قىلغان يېمەك- ئىچمەك ۋە مەسىلىلەرگە كۆرسەتكەن قارشىلىقلىرىمىزغا ئاساسەن بەدىنىمىزدىكى ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغان Adrenaline, Noradrenaline ،ئىنسۇلىن قاتارلىق ھورمونلارنىڭ سەۋىيىسىگە يارىشا  ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.  ئىنسۇلىن تۇيۇقسىز كۆپلەپ ئاجرىلىشى تۈپەيلى شېكەرنىڭ تىزلا نورمالنىڭ ئاستىغا چۈشىشى بىلەن ئىنسان تىرىككەك ۋە سەپرا بولۇپ قالىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتلار روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى تۇراقلاشتۇرۇپ،  ئىنساننى تىخىمۇ خۇشال ۋە تەمكىن قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.7  ئەگەر ئائىلىدە خان بېسىمى ۋەياكى بەگ بېسىمى بار بولسا قارشى تەرەپكە روزىنى تەۋسىيە قىلسىڭىز ئۇرۇش- جېدەلدىن، قاش- قاپاقتىن قۇتىلىشىڭىز مۇمكىن.

6. ئىنساننىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىدە مۇھىم بولغان ھورمونلارنىڭ بىرسى ئۆستۈرۈش ھورمونى( Growth hormone  )   بولۇپ ، بويىنىڭ ئۇزىرىشى ، سۆڭەكلەرنىڭ ساغلاملىقى، مۇسكۇللارنىڭ چىڭ بولىشى قاتارلىق نۇرغۇن فىزلوگىيلىك ھەدىسلەردە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىماقتا. بۇ ھورموننىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى نۇرغۇن بالىلاردا ئەقىلىي قابلىيەتتە تۆۋەنلىك ۋە پاكارلىق كۆرۈلمەكتە. سىرتتىن بىرىلگەن سۈنئىي ئۆستۈرۈش ھورمونىنڭ ئۈنۈمى تۆۋەن، ئەكسى تەسىرى كۆپ بولماقتا. بىر تەجرىبىدە ئىككى كۈنلۈك روزىنىڭمۇ ئۆستۈرۈش ھورمونىنى  5 ھەسسە ئارتۇردىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.8 دېمەك روزا بىلەن ئىنسانلارنىڭ نەپسى قىسقىراپ ، بويى ئۇزىرايدىكەن.

7. ئاغرىق ئىنسانلارنى ئەڭ كۆپ بىئارام قىلىدىغان شىكايەتلەردىن بىرسى. بولۇپمۇ رېماتىزم، سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش ۋە راك قاتارلىق كېسەللىكلەردە داۋام قىلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئاغرىقلار ئىنساننى ھەقىقەتەن ئازابلايدۇ. بۇ ئاغرىقلاردىن تۈپەيلى ھاياتىدىن تويۇپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.  تەتقىقاتلار روزىنىڭ بۇ خىل كېسەللەرنىڭ كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاغرىقىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. 9 روزا قەلب ئازابى بىلەن ۋۇجۇد ئاغرىقىغا ئوخشاش پايدا قىلىدىغان بىر دورا.

بۇنىڭدىن باشقا روزىنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئاچلىق- سۇسىزلىق ھېسسى بىلەن، ئادەم ئوغلىغا بىر تەپەككۇر پۇرسىتى سۇنۇپ، ئەتراپىدا ئاچ قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بالىلارنىڭ ھالىدىن ئاڭلاشقا، ھالىغا دەرمان بولۇشقا، ئىچىمىزدە ھاسىل بولغان مېھرى- مۇھەببەت بىلەن نەپسى - ئارزۇلاردىن دات بېسىپ كەتكەن يۈرەكلەرنىڭ پاقىرىشىغا بىر ۋاسىتە بولىدىغانلىقى  ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت.  يۇقىرىقى دەلىل ۋە چۈشەندۈرۈشلەردىن شۇنداق ئېيتالايمىزكى : روزا تەبىئىي دورا، كېسەللىكلەرگە سېلىنغان كويزا.


·         5. DOI10.4239/wjd.v8.i4.154

·         6.  DOI: 10.2298/sarh0708440b

·         7. DOI: 10.1016/j.psychres.2012.12.018

·         8. DOI: 10.1210/jcem.74.4.1548337

·         9.DOI: 10.1007/s11916-010-0104-z


كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى