يېمەكلىك بىخەتەرلىك قوراللىرى-2

 11.  mm 1 دىن چوڭ، mm 5 دىن كىچىك بولغان سۇلياۋ زەررىچىلىرى ساغلاملىقىمىزغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىلىپ كەلمەكتە بولۇپ، ھېسابلاشلارغا قارىغاندا بەدىنىمىز ھەرخىل يوللار بىلەن بىر ئايدا ئاز دېگەندە 20 گىرام سۇلياۋ ( Plastic ) ئالماقتا. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن سۇلياۋ شىشىلەردىكى سۇ ۋە باشقا ئىچىملىكلەر، خاشۇ بىلەن ئورالغان تەييار يېمەكلىكلەرنى ھاياتىمىزدىن ئۇزاق تۇتۇشىمىز لازىم. بەدىنمىز خاشۇ يېيىشكە پروگىراملانمىغان.

12. يېمەك - ئىچمەكلىرىمىزنى مېتال ۋەياكى چىنە قاچا- قۇچىلاردا مۇھاپىزەت قىلىش ئارقىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ھەم بەدەن ھەم مۇھىت   ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولىمىز. دېڭىز- ئوكيانلاردا 150- 100 مىليون تون  سۇلياۋ ئەخلەتلەرنىڭ ئۈزۈپ يۈرگەنلىكى قىياس قىلىنماقتا. يەر شارى بىر چوڭ ئەخلەتخانىغا ، بەدىنىمىز بىر كىچىك ئەخلەت چېلىكىگە ئايلانماقتا بولۇپ، بۇ يەرلەردىن ساغلاملىقنىڭ خۇشخۇي ھىدى ئەمەس، ساقسىزلىقنىڭ بەدپۇيلىرى كېلىدۇ.

13. ھازىرقى كېسەللىكلەرنىڭ ئاسان ساقايماسلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى سۇلياۋ زەررىچىلەردىن ئىبارەت بۇ ناتەبىئىي ماددىلارنىڭ بەدىنىمىز ۋە دۇنيادا ئاسان چىرمەيدىغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر. سۇلياۋ شىشىلەر 450 يىل، خاشۇ خالتىلار 20 يىل  ئۆزلىرى ھېچقانداق بۇزۇلماستىن، بەدىنىمز ۋە دۇنيارىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى بۇزماقتا. يەنى ئۇلارنىڭ ئۆمرى بىزنىڭكىدىن ئۇزۇن، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنى كەڭرى  ئىشلىتىۋاتقان بىزنىڭ ئەقلىمىز قىسقا.

14. يېمەك - ئىچمەكلىرىمىزنىڭ بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك ئىنسانلاردىن ئېلىشىمىز لازىم. ئىنسانلارنىڭ غايىسى دۇنيا مەنپەتى، ئويلايدىغىنى تاپقان پايدىسى بولۇپ كەتكەن بۇ زامانلاردا ئىشەنچلىك ئىنسانلارنى تاپماق تەس، تاپقاندا ئۇلارنى يوقىتىپ قويماسلىق شەرت.  ئىشەنچ سودىدا پۇل، ساغلاملىققا ئۇل.

15. بەزى يېمەك - ئىچمەكلەرنى توشۇشتا سوغۇق زەنجىر قوراللىرىغا دىققەت قىلىش مۇھىم بولۇپ، خۇددى بەزى دورا - ئوكۇل ۋە قانلار 5 گىرادۇس ۋە ئۇنىڭ تۆۋىنىدىكى سوغۇق زەنجىرىدە توشۇلۇپ ساقلانغاندەك، بەزى يېمەك - ئىچمەكلەرمۇ بۇ تېمپراتۇردا توشۇلۇشى لازىم. مەسلەن يېڭى سۈت ئىستىمال قىلىشىمىز ئۈچۈن بۇ سۈتلەر يېزىدىن شەھەرگە كەلگىچە سوغۇق زەنجىر قوراللىرىغا دىققەت قىلىنمىسا، بۇ سۈت يېڭى ئەمچەكتىن چىققان بىلەن، تېڭى بۇزۇلۇپ بولغان بولىدۇ. سوغۇق زەنجىر سېسىشقا قارشى ئۇرۇلغان خەنجەر.

16. قىيما كاۋاپقا ئامراق بولسىڭىز، قىيمىڭىزنى ئۆيدە قىلىڭ، ھازىر قىيما ئالماڭ، بېلىق سېتىۋالغاندا، ئەۋرىشىملىكىنى يوقاتمىغان، قاسىراقلىرى پارقىراق، كۆزلىرى ئوچۇق، ھاۋا پۈۋەكچىلىرى توق قىزىل رەڭدە بولىشى كېرەك. مۇزلىتىلغان مەھسۇلاتلارنى نۆلدىن تۆۋەن 18 گرادۇستا ئالغاندىن كىيىن چاپسان مۇزلاتقۇدا مۇھاپىزەت قىلىنىشى كېرەك.

17. ئاسان بۇزۇلىدىغان مەھسۇلاتلار سېتىۋالغاندىن كېيىن 2 سائەت ئىچىدە مۇزلاتقۇغا قويۇشىمىز، ئەگەر ئۆينىڭ تېمپراتۇرىسى 32 گرادۇستىن يۇقىرى بولسا بىر سائەت مۇزلاتقۇغا كىرىپ بولىشى لازىم.  سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى 4 گرادۇستا، تۇخۇملار 7-2 گىرادۇس ئارىلىقىدا، مېۋە ۋە سەي- كۆكتاتلار 10 گىرادۇس ئەتىراپىدا ساقلىنىشى ۋە ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال سۇ بىلەن پاكىز يۇيىلىشى لازىم. گۆشلەر نۆلدىن تۆۋەن 18 گرادۇستا ساقلانغاندىن كىيىن ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆي تېمپراتۇرسىدا ۋەياكى ئاپتاپتا ئېرىتىش خەتەرلىك. ئەڭ ياخشىسى مۇزلاتقۇنىڭ 4 گرادۇسلۇق بۆلۈمىدە ئېرىتىش لازىم. ئېرىتىلگەندىن كېيىن تەكرار مۇزلاتماسلىق كېرەك. ­( Journal of toursim and gastronomy studies 5-2017-310   )

18. ياغ قاتارلىق بەزى بويۇملار ئىسسىقتىن، نەمدىن ۋە نۇردىن خالىي يەردە ساقلىنىشى ، ئۇن ۋە گۇرۇچلارنى يەردىن ۋە تامدىن 15 سانتىمېتىر ئېگىز ۋە يىراق يەردە ساقلاش لازىم. ئۆز- ئارا گىرەلەشمە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن پىششىق يېمەكلىك بىلەن خام يېمەكلىك، سەي- كۆكتاتلار بىلەن گۆش- بېلىق ئايرى- ئايرى ساقلىنىشى كېرەك.

19. تاماق ئېتىشنىڭ ئالدى كەينىدە قوللار، سەي تاختىلىرى ۋە قازان - قومۇچلار ئوبدان يۇيىلىشى، پەرقلىق ئىشلىتىشلەردە تەكرار چايقىلىشى، سەي- كۆكتاتلار،خىمى ۋە گۆش ھازىرلاشتا، پىششىق- خام يېمەكلىك ئۈچۈن ئوخشاشمىغان تاختىلارنى ئىشلىتىش لازىم. كاللا - پاچاقلارنى پىشۇرۇشتىن ئاۋۋال تۇز ۋە سىركە سۇيىغا چىلاپ مۇزلاتقۇدا 10- 5 سائەت تۇرغۇزۇش لازىم.

20. گۆشلەردىكى مىكروپلارنىڭ ئۆلۈشى ئۈچۈن بەلگىلىك  تېمپراتۇردا مەلۇم ۋاقىت  پىشۇرۇش لازىم بولۇپ بۇنى بىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يېمەكلىك تېرمومېتىرى بىلەن ئۆلچەش. گۆشنىڭ مەركىزى تېمپراتۇرىسى  ئىككى سائەت ئىچىدە ئەڭ ئاز 75 گرادۇسقا چىقىشى ۋە بۇ دەرىجىدە ئەڭ ئاز ئىككى مىنۇت تۇرۇشى لازىم. پىشقان تاماقلار ئەڭ كەچ ئىككى سائەت ئىچىدە يېيىلىشى لازىم.

21. داستىخانغا ئولتۇرغاندىن كىيىن يەپ- ئىچىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش يېمەكلىك بىخەتەرلىك قوراللىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ يېيىشنىڭ ساغلامىققا ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ،  ئاز يېمەك- ساز يېمەكنىڭ ساغلاملىققا بەرىكەت ئىكەنلىكى ئۇنۇتماي سىپايىلىق بىلەن يەپ- ئىچىشىمىز لازىم. يەردە ئولتۇرۇپ يېيىش، ئاستا چايناش ، قورساقتا نەپەس ئۈچۈن يەر قوياش، تاماقتىن كېيىن يانتۇ ياتماسلىق كېرەك.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى.  يېمەكلىك بىخەتەرلىك قوراللىرىغا دىققەت قىلايلى، بىلىپ بىلمەي خەتەرگە تەۋەككۇل قىلمايلى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر